ساقايمايدىغان كېسەللىك يوق، ئۆزگەرمەيدىغان كېسەللەر جىق

كېسەللىك ئەسىلىدە بىزنىڭ بىتاب دۇنيا قارىشىمىز، ھاياتقا تۇتقان ساقسىز تۇرمۇش پوزىتسىيەمىز، ساغلاملىققا بولغان خاتا تونۇشىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلىق تەبئىيتىمىزگە يات يېمەك- ئىچمەك پىچىمىمىزدۇر. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز زەئىپلىنىدۇ. ھەقىقىي كېسەللىك بۇ قورغاننىڭ يىقىلىشى بىلەن باشلايدۇ. بىز توختىماي ھەر تۈرلۈك تەبئىي بولمىغان يېمەكلىكلەر بىلەن بۇ قورغاننى بومباردىمان قىلساق، ساقسىز ئىچىملىكلەر بىلەن بۇ قورغاننىڭ ئۇلنى زەيلەتسەك، ھەدىدىن تاشقىرى يەپ- ئېچىش بىلەن قورغاننىڭ ئۈستىگە نورمىدىن جىق يۈك ئارتساق، ھاياتىمىزدا بىر قېتىممۇ بۇ قورغاننى تەن- ھەركەت بىلەن كۈچلەندۈرۈش ۋە رىمونت قىلىشنى ئويلىمىساق بۇ قورغان يىقىلىشقا مەھكۇم ، بىز كېسەل بولۇشقا.

ئەگەر بىز بىتاب دۇنيا قارشىمىزدىن ۋاز كەچسەك، ساقسىز تۇرمۇش پوزىتسىيەمىزنى ئۆزگەرتسەك، ساغلاملىققا بولغان خاتا تونۇشىمىزغا تۆۋە قىلىپ، تەبئىيتىمىزگە يات يېمەك- ئىچمەك پىچىمىمىزدىن ۋاز كەچسەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئەسلىگە قايتىدۇ، بەدىنىمىز ئاغرىقلاردىن، رۇھىمىز كېسەللىكەردىن قۇتۇلۇپ تۇرمۇشىمىز خۇشاللىققا، ھاياتىمىز مەناغا، ئاتقان قەدەملىرىمىز بەرىكەتكە تولىدۇ. ئەسلىدە كېسەل بولۇش قىيىن، كېسەللىكتىن قۇتۇلۇش قولاي. بۇيەردە ئەڭ تەس بولغىنى كاللىمىزدا گىراناتلىشىپ كەتكەن كۆز- قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش، خۇي - پەيلىمىز بولۇپ كەتكەن يېمەك- ئىچمەك ئادىتىمىز ۋە شەكلىمىزنى تۈزىتىش. كونىلارنىڭ « قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ » دېگەن ماقال - تەمسىلى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر خالاس. ھەرگىزمۇ چۈشەنچىلەر ئۆزگەرمەيدۇ، خۇيلار تۈزەلمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى، ئىرادىنىڭ، تەدبىرنىڭ ، تاللاش ھوقۇقىنىڭ، توغرا- خاتانىڭ، جازا - مۇكاپاتنىڭ ۋە بۇلارنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئىپادىسى بولغان كېسەللىك ۋە ساغلاملىقنىڭ ھېچقانداق مەنىسى، تۇرمۇشنىڭ نىشانى، ھاياتنىڭ غايىسى بولمىغان بولاتتى. ھەر مەسىلە تەقدىر، گېنېتىك، ئىرسىيەت ۋە خۇي - پەي مەسىلىسىگە ئايلانغان، ئىنسانلار ئىرادىسىز ماشىنا ئادەملەرگە ئۆزگىرىپ قالغان بولاتتى.

بىر ئىنساننى ئۆزگەرتىش، پىكىر - ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە بىر كېسەللىكنى تۈپتىن ساقايتىش ھەكىم ئىزى دېگەندەك كائىناتقا سۇنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىشتىنمۇ تەس بولغان بىلەن، تارىخ بۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن قەھرىمانلار ، ئىسلاھاتلار ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان. شۇڭا كونىلار «  قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە » دېگەن بولۇپ، بۇنىڭ ھەكىم ئىزىدىكى تەرجىمىسى « كېسەللىك يوق ئالەمدە، ئىرادىسى بار ئادەمگە ». كېسەللىكنى بىر ئېمتىھان دېسەك، بۇ ئېمتىھاندىن غەلىبە قۇچۇش ئۈچۈن تىرىشىش، خاتالىقلارنى تەكرار- تەكرار تۈزىتىش، قايتا- قايتا مەشىق قىلىش، قىيىنچىلىقلارغا سەبىر- تاقەت قىلىش دەل كېسەل داۋالاشنىڭ توغرا ئۇسۇلى، تېبابەتنىڭ غايىسى. بۇ بىمارلارغا ياردەم قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ھەكىملەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. كېسەللەرنىڭ سەۋەبلىرىنى ئەمەس ئالامەتلىرىنى داۋالاش، ئەڭ تەس بولغان ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ھايات پىچىمىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈلدىن قېچىپ، دورا - دەرمەك بېرىشتەك ئاسانغا بەل باغلاش، كېسەللەرنى تۈپتىن ساقايتىشنىڭ يېرىگە بىر ئۆمۈر كېسەللىك قالپىقى بىلەن ئۆزىگە رام قىلىش زامانىۋى تىبابەت ۋە دوختۇرلارنىڭ كارامىتى، دورا - دەرمەكلەر بولسا ئۇلارنىڭ سېھىرلىك كالتىكى.

ئىزچىمۇ كېسەللەرنىڭ روھ ۋە بەدەن كېسەللىكلىرىدىن چاپسانراق قۇتۇلۇشىغا بولغان مۇرادى، ئۇلارنى تەس كىچىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئاسان يولغا باشلاش مەقسىتى بىلەن ئوتتەك داۋالاش ۋە تەلىم- تەربىيىدىن كىيىن كېسەللەردىكى بوشاڭلىقلارنى، بىرىلگەن داۋالاش تەلىماتلىرىغا زىت ئىش- ھەرىكەتلىرىنى كۆرگىنىدە، « ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ئەقىدەمگە يىغلايمەن » دىگەندەك، كېسەللەرگە بەزەن ئاچچىقلاپ، بەزەن ئازاپلىنىتى. چۈنكى كېسەللەرنى ئازارلاش ئۇلارنى تېخىمۇ ئازابلايدىغانلىقىنى، داۋالاشتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇردىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا كۈندىلىك خاتىرىسىگە شۇ جۈملىلەرنى يازغانتى : « دوختۇر دىپلومىسى بار ساراڭ دېمەكتۇر. چۈنكى دوختۇر، كېسەللەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا گەپ قىلىپ ساراڭدەك ئۆزىنى ئالدايدىغان، بەزەن ئۇلارنىڭ ھاقارەتلىرىگە ساراڭدەك كۆز يۇمىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ساراڭلىقىدىن ئۆلۈپ كەتسە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۇلارغا ئاھ ئۇرۇپ يىغلايدىغان ساراڭ. »

ئەمما ئىزچى ئىنساننىڭ ھەم خاتاغا ھەم تەقۋاغا مايىل شەكىلدە يارتىلغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، بۇ خۇي -  پەيلىنى ئۆزگەرتىشتىكى تەسلىكنىڭ ناھايىتى ئومۇمى ۋە خەلقئارالىق بىر مەسلە ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن تەپەككۇر قىلىشقا باشلىدى.  زىققا كېسەللىرىنىڭ دۇنيا بويىچە داۋالاشقا ماسلاشمايدىغانلارنىڭ نىسبىتى %70- 28 ئىكەن. ئەنگىلىيىدە راك كېسەللىرىنىڭ پەقەت %40 ى ھەقىقىي تۈردە داۋالاشقا ماسلىشىدىكەن. ئامېرىكىدا دىئابىت كېسەللەرنىڭ ئىچىدە دوختۇرنىڭ دېگىنىنى قىلمايدىغانلارنىڭ سانى %90 دىن ، قان بېسىمى بارلارنىڭ ئىچىدە %93 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ( Wikipedia  )  باشقا دۆلەتلەردە بۇنداق ستاتىستىكىلىق سان- سىفىرلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئەمما ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن.

دېمەك ئىنسانلارنىڭ ئۆزگىرىشى نەپىس - خاھىشىدىن تۈپەيلى تەس بولسا، بۇ كېسەللەر ئۈچۈن بىر مۇجىزە. شۇڭا ئىزچى، باشقىلارغا ياردەم قىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى، « ساراڭ » ئاستا - ئاستا ساقىيىشقا قاراپ يۈز تۇتتى ۋە داۋالاش ئىستراتېگىيىسىىنى سەبىر- تاقات، مۇھەببەت، سەمىمىيەت دەپ ئۆزگەرتتى . بۇرۇن گۈدەكلىكىدىن، ئالدىراقسانلىقتىن تۈپەيلى قەلبىنى رەنجىدە قىلغان باشتا قەدىردانلىرىم ۋە پۈتۈن بىمارلىرىمدىن ئەپۇ سورايمەن! « نىيەت ئەلا » دەپ كەچۈرۋىتىشىڭلارغا مۇھتاچمەن!

بۇ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، خۇي- پەيلىرىمىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن، ھاياتقا ساقلىق، خۇشاللىق ۋە قېرىنداشلىق ئىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كۈنلەرگە قۇچاق ئاچايلى! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى