چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالماڭ

   روھ بىزنى بىز قىلغان ئەڭ مۇھىم قىسمىمىز بولۇپ، روھىمىزنىڭ ساغلاملىق سۈپىتىگە ئاساسەن خاراكتېرىمز، كىشىلىكىمىز، كىملىكىمىز بەلگىلىنىدۇ. روھ ساغلاملىقىمىزغا ئاساسەن ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىز، ئەتىراپقا تارقاتقان ئېنىرگىيىمىز، كىشلەرگە بەرگەن تەسىرىمىز، دۇنياغا بولغان تونۇشىمىز ۋە غايىمىز ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، روھ كېسەللىكلىرى ۋە پەرقلىق روھ ھالەتلىرىمىز بىزنى بىر ئادەمدىن باشقا ئىنسانغا، ئوڭ ھالىمىزنى توڭغا، نورمال ھالەتتىن ساراڭغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ روھ كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى چۈشكۈنلۈك ( Depression ) بولۇپ ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي سان- سىفىرلىرىغا ئاساسلانغاندا دۇنيادا 264 مىليون ئىنسانغا چۈشكۈنلۈك دىئاگنوزى قويۇلغان ئىكەن. ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى چۈشكۈنلۈك  ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشتەك كېسەلنىڭ ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە ئېغىر روھى بىسىم ئىلىپ كىلىدىغان، نەتىجىدە ئۇلارنىمۇ روھ كېسىلى قىلىپ قويىدىغان تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشماقتا. دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىل 800000 ئىنسان بۇ كېسەللىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش 19-15 ياش ئارىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى مۇھىم ئۆلۈم سەۋەبى.

چۈشكۈنلۈك دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ جىددىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى تىزىملىكى ئىچىدە 4. قاتاردا بولۇپ، 2020- يىلى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەش قابىلىيىتىنى بۇزىدىغان كېسەللىكلەر ئارىسىدا 2. ئورۇندا يەر ئالماقتا.  ياپونىيە نوپۇسىنىڭ %6.6  چۈشكۈنلۈككە مۇپتىلا ئىكەن. ھەر يىل بىر مىليونغا يېقىن كىشى بۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئىشىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولىدىغان بولۇپ ئىقتىسادىي زىيان 26 مىليارد دوللار ئىكەن. 1  ياۋروپادا بولسا نوپۇسنىڭ %6  چۈشكۈنلۈك ئىچىدە بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان 129 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى ھېسابلانماقتا. 2  بۇ روھ كېسەللىرى ئۈچۈن يېزىلىۋاتقان دورىلارمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ساغلاملىق راسخوتىنىڭ بۈيۈك قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ بەزى دۆلەتلەردىكى ئىنسانلارنىڭ نان- سۇغا خەجلىگەن پۇلدىن جىقراق پۇلنى بۇ دورىغا سەرپ قىلماقتا.

بۇقرات (Hippokrates  ) مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 400 - يىللاردا چۈشكۈنلۈككە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئىگە كېسەللەرنى " قارا سەپرا " مەنىسىدىكى melancholy  ئىسمىنى بىلەن تەرىپلىگەن.  ئەسلىدە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئاچچىقلىنىش، خۇيلىنىش، قايغۇ، تەشۋىش، قورقۇش، چۈشكۈنلىشىش، ئاغرىنىش، ئۈمىدسىزلىك، ھەسىرەت ۋە قىزىقىش تۆۋەنلەش قاتارلىق نۇرغۇن روھ ھاللىرىمىز، روھ ئەھۋالىمىزنىڭ نورمال ئالامەتلىرى بولۇپ، ئەگەر روھ ساقلىقىمىز ياخشى بولسا، ئۇنىڭ ئۆلچەم بىرلىكىدىن بىر بولغان سەۋرىمىز يېتەرلىك بولغان تەقدىردە ھەر خېل سىناق- قىيىنچىلىقلارغا نورمال، ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن جاۋاب قايتۇرىمىز. ئەگەر روھ ساقلىقىمىز ياخشى بولمىسا، بۇ تۇيغۇلىرىمىزنى كونترول قىلالمىساق، سىناق- قىيىنچىلىقلارغا بىنورمال قارشىلىق بەرگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇلار بارا- بارا ئاستا خاراكتېرلىك بىر ھالەت شەكىللەندۈرۈپ كۈندىلىك ھاياتىمىزغا ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ روھ كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى روھىمىزغا بولغان تونۇشمىزنىڭ زەئىپلىكى، ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى سۇسلۇق، ئۇنى كۈچلەندۈرۈشتىكى ھورونلىقىمىز، ئۇ كېسەل بولۇشتىن ئاۋۋال ساقلىقىنى قوغداشتىكى بىخوتلىقىمىزدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن روھىمىز بىلەن سىردىشىمىز، ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە قۇلاق سىلىشىمىز، ھەتتا بەزەن ئۆزىمىزنىڭ تومۇرنى ئۆزىمىز تۇتۇپ چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولۇپ بولمىغانلىقىمىزنى سىناپ بېقىشىمىز لازىم. ئامېرىكا پىسخولوگىيە بىرلىكى ( APA )  تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان روھ كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچەملىرى ( DSM-5 ) گە ئاساسەن تۆۋەندىكى شەرتلەردىن 1. ۋە 2.سى چوقۇم بولىشى بىلەن تەڭ ئەڭ ئاز 5 ئالامەتنى ۋەياكى شەرتنى ھازىرلىغانلار ۋە بۇلارنىڭ ھەركۈنى كۆرۈلۈشى بىلەن بىرگە ئەڭ ئاز 15 كۈن داۋام قىلغانلار چۈشكۈنلۈككە مۇپتىلا بولغان بولىدۇ.

1. ئۈمىدسىزلىك، بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرۈشتەك چۈشكۈنلۈك تۇيغۇلىرىنىڭ بولىشى.

2. ھاياتقا بولغان قىزىقىش ۋە ئىنتىلىشنىڭ ئازلاپ كېتىشى. 

3. ئىشتىھانىڭ ئارتىپ كېتىشى ۋەياكى ئازلاپ كېتىشى.

4. ئۇيقۇنىڭ ئارتىپ كېتىشى ۋەياكى ئازلاپ كېتىشى.

5. پىسخىكا- ھەركەت قابىلىيتىدىكى ياۋاشلاش ۋەياكى جىددىيلىشىش.

6. ئېنرگىيسىدىكى ئازلاش ، ھارغىنلىق.

7. ئۆزىنى گۇناھكار ۋە قىممەتسىز ھېس قىلىش.

8. دىققىتىنى يىغالماسلىق.

9. ئۆزنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تەشەببۇسى.

ئەگەر سىزدە بۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرى - ئىككىسى كۆرۈنسە ئەسكەرتىش سىگنالى چېلىندى دېمەك.  دەرھال روھىڭىز بىلەن سىردىشىپ سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىپ، روھ ساغلاملىقىڭىزنى كۈچلەندۈرشىڭىز لازىم. ئەگەر چۈشكۈنلۈككە مۇپتىلا بولغان بولسىڭىز بۇنى ئۆز كۈچىڭىز بىلەن يېڭىشىڭىز مۇمكىن ئەمما ئائىلىڭىز ۋە بىر پىسخولوگنىڭ ياردىمى بىلەن تېخىمۇ ئاسان ۋە تىز سالامەتلىكىڭىزگە قايتىسىز. ئامما چۈشكۈنلۈكنى مەڭسىتمەي، داۋالاشنى كېچىكتۈرمەڭ. چۈنكى بىر پەنشۇناس دېگەندەك: « چۈشكۈنلۈك، شۇنداق بىر تۇرما بولۇپ، سىز ئەينى ۋاقىتتا ھەم بىچارە مەھكۇم ھەم شەپقەتسىز قاراۋۇل. »

نورمال ۋاقىتلاردا روھىمىز بىلەن سىرداشمىغان، ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىغا، ئېھتىياجلىرىغا قۇلاق سالمىغانلىقىمىزنىڭ بەدىلىنى بۇ سەپەر پىسخىكىلىق داۋالاش كۇرسلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن زامان ۋە پۇل خەجلەش، ھەتتا پايدىلىرى ۋاقىتلىق، زىيانلىرى ئۆمۈرلۈك بولغان دورىلارنى ئىچىش بىلەن ئۆتەيمىز. بۇ ئاۋارىچىلىقلارنى تارتىشقا ئەسلىدە ھېچكىم مەجبۇر ئەمەس. پەقەت ھەركۈنى روھىڭىز بىلەن سىردىشىڭ، ئۇنى تەبىئىي ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇڭ، ماددىي ۋە مەنىۋى تەنھەرىكەتلار بىلەن ئۇنى كۈچلەندۈرۈڭ، روھ ساپايىڭىزنى ئاشۇرۇڭ، روھىڭىزنىڭ سىرىنى تونۇپ يېتىڭ، روھ مۇ ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچى بىلەن سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتسۇن. سىز روھىڭىزنىڭ سىرداش دوستى بولۇڭكى، روھىڭىز سىزنى باشقا دوستلارغا مۇھتاج قىلمىسۇن!  

 


 

 

1. Japan Times, 2012 / Wedge , Ryutaro Kaibe

2. King's College, 2014

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى