ئەركىنلىك قەھرىمانلىرى، كېسەللىك پارتىزانلىرى

 پىكىر- چۈشەنچىلەرنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا بىز ھېس قىلالمىساقمۇ، ئۇلار تۇيغۇلىرىمىزنى ، ئىش - ھەركەتلىرىمىزنى ۋە تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. زىھنىمىزدە قېلىپلاشقان بۇ پىكىر- چۈشەنچىلەر بىزنىڭ ئىدىيىمىز سۈپتىدە روھى كىملىكىمىزنى پەيدا قىلىدۇ. ئاڭ يەنى ئىدىيىمىزنىڭ سەۋىيىسىنى بۇ پىكىر - چۈشەنچىلەرنىڭ مەنبەسى، توغرىلىق دەرىجىسى ، ئەقىل- تەپەككۈر بىلەن يۇغۇرىلىشى ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىنىشى بەلگىلەيدۇ. پەيلاسوپلارنىڭ دېگىنىدەك ئىنسانلار پىكىرلىرىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئېسان پىكىرلىرىنىڭ پىچىنەلىرى. بۇنىڭ ساڭرى ساغلاملىقمۇ بىزنىڭ پىكىر- چۈشەنچىلىرمىزنىڭ مەھسۇلى. كاللىمىزدىكى پىكىرلەر ساغلام بولسا، بەدىنىمىز ساغلام ، پىكىرلىرىمىز كەمتۈك، ساقسىز بولسا ساغلاملىقىمىزمۇ بۇزۇلۇپ بىز بىمار بولىمىز. ھەكىم ئىزدە توختىماي تەكىتلەنگەندەك كېسەللىك يىغىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ بىتاب دۇنيا قارىشىمىز، ساغلاملىققا بولغان خاتا تونۇشىمىز، ھاياتقا تۇتقان ساقسىز تۇرمۇش پوزىتسىيەمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلىق تەبئىيتىمىزگە يات يېمەك- ئىچمەك پىچىمىمىزدۇر.

بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بولغاندەك ، روھىمىزنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان بىر قورغىنى بار. بۇ قورغان زىھنىمىزنى ناتوغرا پىكىر- چۈشەنچىلەردىن ، روھىمىزنى ناتەبىئىي ئوزۇقلاردىن قوغداپ پىسخىكىمىزنىڭ ساغلام بولىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئەگەر بۇ قورغاننى تەپەككۇر بىلەن تونۇپ، ئەقىل بىلەن ئوراپ، ھېكمەتلەر بىلەن قۇرۇپ چىقىلمىغان تەقدىردە بىز ناتوغرا پىكىر، نوقتىنەزەر، پەلسەپە ۋە ئىدىيىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىمىز. كاپىتالىزمنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالى ۋە پىكىرى بولغان  لىبېرالىزمنى ئىلىپ ئېيتساق، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن بولىشى ،  ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ نەپىسلىرىنى پەپىلايدىغان بولغاچقا  پۈتۈن ئەل خەلقلىرى تەرىپىدىن پەتنۇستا سۇنۇلغان كاۋاپتەك ئالقىشقا ئېرىشىپ ، ئىنسانلارنىڭ ھەر بىرى ئەركىنلىكنىڭ قەھرىمانلىرىغا ئايلاندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلار ئەسلىدە تەبىئىتىگە يات، ئەمما نەپسانىيتىگە باب قىلمىشلارنى بىر لىبېرالىزمنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپتىدە ئىلىپ بېرىپ ھەم بەدەن ھەم روھ ھەم ئىجتىمائىي ساغلاملىققا ئېغىر تەسىرلەر ئىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى گەرچە شەخسىي ئىش- ھەرىكەتتەك كۆرۈنگەن بىلەن ئوخشاش دۇنيا، ئوخشاش جەمئىيەت ۋە ئوخشاش ئائىلىدە ياشاۋاتقان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئەركىنلىكى ئىلىپ كەلگەن ماددىي ۋە مەنىۋىي زىياننى ھەممەيلەن ئۆتەيمىز، يەنى يېمىگىن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيمىز، ئۇلار ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە مانتا يەيدۇ. 

ئەتراپتا نۇرغۇن ئىنسانلار بار چەكسەم ئۆزەمنىڭ پۇلىغا چەكتىم، ئۆلسەم ئۆزەمنىڭ جىنغا دەپ تاماكا چېكىۋالىدىغان، پاكىز نەپەس ئىلىش ئۈچۈن بىرىلگەن ئۆپكە- كاناينى، ئىس چىقىدىغان تۇرخۇن- كانايغا ئۆزگەرتىۋالدىغان. تاماكا باياندا دەپ ئۆتۈلگەندەك تاماكا پۈتۈن راكلارنىڭ غوجىكىسى.  بەڭگىلەر ئۆزىنىڭ پۇلىغا چەككەن بىلەن، تۈتۈننى ئۆزىنىڭ ئىچىگە تارتقان بىلەن ، ئىسنىڭ ھەممىسىنى يۇتماي كۆپ قىسمىنى كۆكۈش چەمبەرلەر شەكلىندە سىرىتقا قويۇپ بېرىپ يىنىدىكى ئىنسانلارنى زەھەرلىسە، ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن ھەممەيلەندىن توپلانغان ساغلاملىق فوندى بىلەن داۋالىنىدۇ. كانادادا 2012 - يىلى 45400 ئىنسان تاماكا سەۋەپلىك ئۆلگەن بولۇپ، بۇ كەيىپ ئۈچۈن  كانادا 2012 - يىلدا 16.2 مىليارد دوللار خەجلىگەن. ئامېرىكىدا تاماكا چەككۈچىلەر يىللىق سەھىيە چىقىمىنىڭ %11.7 نى خەجلەيدىغان بولۇپ، 2014 - يىلى بۇ چىقىم 226.7 مىليارد دوللارغا ئۇلاشقان.

قىرلىق ئىستاكاندا ئىچىدىغانلارغا كەلسەك دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2016- يىلىدىكى مەلۇماتلارغا  ئاساسلانغاندا،  دۇنيادا 380 مىليون ھاراقكەش بار بولۇپ، بىۋاستە بۇ ھاراق دېگەن ھەلەقتىن 2013 - يىلى 139000 ئادەم ئۆلگەن، يىلدا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۆلۈمنىڭ ھاراقكەشلىك بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا. بۇ كەيىپنىڭ سەھىيە يۈكى دۆلەتلەرنىڭ يىللىق دارامەتنىڭ %6 - %1 ئارىسىدا بولۇپ ، بۇ ئامېرىكىدا 250 مىليارد دولار دېگەن پۇلدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىنسان غايە - مەنا بىلەن، ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمىسا، نەپىس ئىنساننى مەنىسىز- مەنتىقسىز ئىشلار بىلەن  مەشغۇل قىلىدۇ. نەپىس تېگى تۆشۈك تاغا بولۇپ، ئۇنى گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن يامامىغاندا، ئۇنى بىر- ئىككى كەيىپ كەيىپ قىلالمايدۇ، تېخىمۇ بەتىرىنى تاللايدۇ. قالايمىقان جىنسىي ئالاقىلەر، ھەتتا ئوخشاش جىنستىكىلەرنىڭ كۈيلىشى، يارتىلىشىنى ياراتماي جىنسىيتىنى ئۆزگەرتىدىغانلارنىڭ تاللىشى پەقەت ئۇلارنىڭ شەخسىي تاللىشى ئەمەس بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا جەمئىيەتنىڭ كېلەچىكى، ئىستىقبالى ، توپلۇلۇقلارنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرى ، ئىجتىمائىي ئورگانلار ۋە ئائىلىۋى مۇئەسسەسەلەر ئۈستىدىكى تاللىشىدۇر. ساغلاملىق بۇرجىكىدىن قارىساق، مەيلى پاھىشىۋاز مەيلى بەچچىۋاز بولسۇن ئۇلارنىڭ تاللىشى تەبىئىيتىمىز ۋە مەنىۋى قوراللىرىمىزغا زىت بولغانلىقى، يەنى ناتەبىئىي ۋە ناپاك بولغانلىغى ئۈچۈن بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى زەئىپلىتىدۇ ۋە بىزلەرنى كېسەللىككە غەرق ئېتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ كونا مىسالى ئەيدىز،  ئەڭ مودا مىسالى مايمۇن چېچىكى. 2020 - يىلى ئېتىبارەن دۇنيادا 37 مىليون ئەيدىز كېسىلى بولۇپ، ئۇ يىل 680000 ئادەم ئەيدىزدىن ئۆلگەن.  ئەيدىز 1980 - يىلى بايقالغاندىن تارتىپ جەمئىي 36 مىليون ئىنساننى ئۆلتۈرگەن. ئامېرىكىدا بىر ئەيدىزنىڭ يىللىق داۋالاش راسخوتى 300 مىڭ دوللاردىن مىليون دوللارغا قەدەر چىقماقتا.

يۇقىردا ھاراق - تاماكا ۋە ئەيدىز بۇ قەدەر ئىنساننى ئۆلتۈردى دېدۇق. ئەمەلىيەتتە ئۇلا ئۆلتۈرگەن ئۆزىنىڭ نەپىسى. بۇ نەپىسنى غوداتقان بولسا كاللىدىكى ناتەبىئىي پىكىرلەر. گەرچە قارماققا بەدەن ساغلاملىق مەسىلىسىدەك كۆرۈنگەن بىلەن بۇ ئەسلىدە بىر ئىجتىمائىي ساغلاملىق، پىكىر- چۈشەنچە ۋە ئىدىيە ساغلاملىق مەسىلىسى. بۇلارنى داۋالاش ، ئۇلارنىڭ پىكىر- چۈشەنچىلىرىنى ئۆزگەرتىش پۈتۈن جەمئىيەت، پۈتۈن ئىنسانلىقنىڭ مەجبۇرىيىتى. پىكىر- چۈشەنچىلىرمىزنى ھېكمەتلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، نەپسىمىزنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن پەدەزلاپ، نەپسىمىزنىڭ ئەمەس تەبئىتىمىزنىڭ قەھرىمانلىرى، ساغلاملىقنىڭ پارتىزانلىرى بولايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى