خاسلىق ۋە ساقلىق

 ھەر بىر ئىنسان بالىسى بىر باشقا دۇنيا بولۇپ، بىر قېرىندا ياتقان ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭمۇ خۇي- پەيلى، ھايات ھېكايىسى، دۇنيا قاراشلىرى ۋە ساغلاملىق ساپالىرى ئاجايىپ پەرقلىق.  بۇ ئوخشاشماسلىق بىزنىڭ خاسلىقلىرىمىز بولۇپ، بۇ ئەسلىدە بىزگە بىرىلگەن قىممەت، رەخمەت، مەسئۇلىيەتنىڭ ئىپادىسى. ھەر بىرىمىز ئۆزگىچە بولغانلىقىمىز، ئۆزىمىزگە خاس رولىمىز ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىز، يارىتىلىشتا ئايرىم ئورنىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۆزىمىزگە خاس، ئىنسانغا ماس مۇئامىلىگە ھەققىمىز بار. بۇ خاسلىقلىرىمىزنىڭ ئىزنى رەڭگىمىزدە، كۆزلىرىمىزدە ، تىلىمىزدا، بارماق ئىزلىرىمىزدىلا ئۇچراتماستىن، بەلكى تۇيغۇمىزدا، ھال ۋە ھەرىكەتلىرىمىزدە  ئەڭ مۇھىمى دۇنيا قاراشلىرىمىزدىمۇ ئۇچىرتىشىمىز مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا خاسلىقىمىز خاسىيتىمىزدۇر.

ئىنساننى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى دۇنيادىكى 8 مىليارد ئىنساننىڭ 8 مىليارد خاسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل گېنىمىزنىڭ پەقەت 0.01 پىرسەنتلىك قىسمى بولۇپ  ئۇ قەدەر ئايرىم دۇنيا ھېسابلىنىدىغان 8 مىليارد ئىنساننىڭ،  پەرقلىق مىللەت،  مەزھەپ ۋە مەشرەپلەرنىڭ گېنىنىڭ 99.9 پىرسەنتى ئوپمۇ- ئوخشاش. بۇ مەيلى بىز دۈشمەن دەپ ئېلان قىلايلى، پەرقلىق سىنىپلارغا بۆلەيلى، ئوخشىمىغان كاتوگورىيلەرگە ئايرايلى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بىر ئاتا بىر ئانىدىن تۆرەلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولسا كېرەك. بۇ 0.01 قەدەر خاسلىقنىڭ ئۇ قەدەر سەرخىللىققا سەۋەپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى تەپەككۇر قىلغان  ئىنسان بۇ گېنگە يوشۇرۇنغان چەكسز كۈچ - قۇۋۋەتكە ھەيران قالماي قالمايدۇ. ئىنسانلىق تەبئىىتمىزنى بەلگىلەيدىغان 99.9 پىرسەنتلىك گېننىڭ ئىنسانلىققا، ئىنسان ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى نەرىدە دۇ؟ دەپ خىيال قىلماي تۇرالمايدۇ.

بۇخىل رەڭگارەڭلىك ۋە سەرخىللىقنىڭ ئاساسى، بۇ ئاممىباب گۈزەللىكنىڭ سرى يەنىلا خاسلىق ۋە بۇ خاسلىقتا ياتقان تەڭپۇڭلۇق بولۇپ، ئەگەر بۇ خاسلىق ۋە پەرقلىق بولمىسا ئىدى، پەرقلىق ئەزالىرىمىز بولمايتتى، بۇ پەرقلىق ئەزالىرىمىزنىڭ پەرقلىق خىزمەتكە ھاجىتى قالمايتتى. بۇ خاسلىق بولمىسا ئوخشاشمىغان جىنس بولمايتتى، يات جىنسلارغا ئېھتىياج چۈشمەيتتى، ئىنسانلىق، قىسقىسى ھاياتلىق بىر يوقلۇقتىن دېرەك بېرەتتى. بۇ خاسلىق بولغاچقا بۇ قەدەر خىلمۇ- خىل ئۆسۈملۈك ۋە تۈرلۈك ھايۋاناتلارنىڭ مەۋجۇدىيتى مەنىسىزلىكتىن قۇتۇلغان بولدى. يەنى خاسلىق ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تۇرمۇش سەرخىللىقنىڭ بۇلىقى، يارىتىلىشنىڭ مەناسى.

بۇ خاسلىقنىڭ ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى قوياق بولۇپ، ئابستراكىت قىلىپ ئېيتقاندا بۇ بىزنىڭ پەرقلىق مىزاج ۋە مىجەزىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى بولۇپ، كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىرىمىزنىڭ نورمال قان بىسمىنىڭ چېكى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى، ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتى، كۆرەش قۇۋۋىتى، ئۇيقۇ سائەتلىرى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىمىزمۇ ئاممىباب قوراللارغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا پەرقلىق. يېمەك - ئىچمەك ، دورا- ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەدىنىمىزدىكى ھاسىل قىلغان ئېنېرگىيسى ۋە  تەسىرى ئوخشاش ئەمەس. ئوزۇقلۇقلار سوغۇق، قۇرۇق، ھۆل ، ئىسسق بولسا، خىلتىمىز قان ، بەلغەم، سەپرا، سەۋدادەك خاسلىققا، قان گۇرۇپپىمىز ئا، بى، ئابى ۋە ئو قاتارلىق ئوخشاشماسلىققا ئىگە. بۇ خاسىلىقىمىز تۈپەيلى ئوخشاشمىغان كېسەللەرنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئالامەتلىرى پەرقلىق بولۇپ، بۇ ئۆزگىچە كۈچ تۈپەيلى بىر مىكروب پۈتۈن ئىنساننى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەلمەيدۇ. يەنە بۇ خاسلىقنىڭ سايىسىدە تېبابەتتە باشقىلاردا بار ئالامەت  بىلەن ئۆز- ئۆزىگە دىئاگنوز قويۇش، ئۆزىنى ئۆزى داۋالاش، ھەر دەردكە داۋا ئىكسىرلارنىڭ يىرى يوق. ھەممەيلەننىڭ شەپكىسى ۋە ياغلىقى پەرقلىق بولۇپ خاسلىق ساغلاملىقتۇر.

شۇڭا ساغلاملىقىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تونۇشىمىز، خاسلىقلىرىمىزنى قىدىرىپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەن ساقلىق تىلى ئارقىلىق بەدىنىمىز بىلەن مۇڭدىشىمىز، روھىمىز بىلەن سىردىشىمىز، كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەك تەجىربىلىرىمىزدىن ئۆزىمىزگە ئۇيغۇن مىجەز ۋە مىزاجلىرىمىزنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇلارغا ئاساسەن ئۆزىمىزگە خاس يېمەك- ئىچمەك پىچىمى، تۇرمۇش قېلىپى ۋە ھايات شەكلى تۈزۈپ چىقىپ ، بۇنىڭغا ماس ھەرىكەت قىلساق تېخىمۇ ساغلام بولىمىز، تېخىمۇ مەنىلىك ھايات كەچۈرىمىز.

يەر شارىلىشىشنىڭ ئەۋج ئىلىشى، تور- ئالاقە ۋە قاتناش قوراللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، دۇنيادا خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن زامانىۋىلىشىش قالپىقى ئاستىدا دۇنيادىكى پۈتۈن ئەنئەنىۋى يېمەك- ئىچمەك ئادەتلەرگە، خاس مەدىنىيەتلەرگە قارشى ئوخشاش يېمەك- ئىچمەكلەر، پەرقسىز تۇرمۇش ئادەتلەر، پۇراقسىز تاق مەدەنىيەت سۇنۇلماقتا. ئوخشاش يېمەك- ئىچمەكلەر بىلەن غىزالانغان بىزلەرنىڭ چىرايلىرى، روھ ھالەتلىرى بىر- بىرىمىزدىن پەرقسىز ماشىنا ئادەملەرگە ئوخشاپ قالغىلى تۇردى. بۇ تاق تىپلاشتۇررۇشنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا خاسلىقتىن مەھرۇم قالغان بەدەن ۋە روھ ساغلاملىق بىلەن ۋەدالاشماقتا. دۇنيانىڭ پەرقلىق يەرلىرىدىكى ئىنسانلار ئوخشاش كېسەللىكلەر، دەردلەر بىلەن بوغۇشماقتا. « تىز تاماق، تىز ئۆلتۈرىدىغان تاماق» دا دېيىلگەندەك، غەربتە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلەرنىڭ سانى كېيىنىكى 40 يىلدا ئارتىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ كېسەللىك بۇرۇن ھىچ كۆرۈلمەيدىغان ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقى ئاسىيا دۆلەتلەردىمۇ تىز تاماقلارنىڭ بۇ ئۆلكىلەرگە سېڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىماقتا. گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۇرۇقلارنىڭ كەڭرى ئىشلىتىلىشىگە ماس ھالدا بىئولوگىيىلىك سەرخىللىق ئازلاشقا، ئىنسان تەبىئىتىگە خاس يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ تۈرى ئازلىماقتا.

ساغلام بەدەن ، خۇشال تۇرمۇش، مەنىلىك ھايات ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەكتە، تۇرمۇش ئادىتىمىزدە، پىكىر- چۈشەنچىمىزدە خاسلىقىمىزنى قوغدايلى. چۈنكى خاسلىق خاسىيەت، ھاياتلىق ۋە ساغلاملىقتۇر.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى