پەسىللەر ۋە كېسەللەر

 يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتىراپىدا سائەتتە 1670 كىلومېتر تېزلىكتە چۆگىلىشى، قۇياش ئەتىراپىدا سائەتتە 107000 كىلومېتر سۈرەتتە ئايلىنىشى ۋە يەر شارى ئوقىنىڭ 23 گىرادۇس مايماقلىقى ئۇ گۈزەل پەسىللەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى بولۇپ، ھەر پەسىلنىڭ ئۆزگە خاس رەڭگى، خاسىيىتى ۋە ئىنسان بەدىنىگە تەسىرى بار. تەبىئەت ئوخشاشمىغان  پەسىللەردە ئىنساننى ھەيران قالدۇرۇدىغان ئۆزگۈرۈشلەر ياشىسا، ئىنسان بەدىنىمۇ خۇددى تۆت پەسلىنى ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك پۈتۈن ئەزا ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيسىدىمۇ ئاجايىپ ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كېلىدۇ. بەدىنىمىز خۇددى بۇ پەسىللەرنىڭ كېلىدىغىنى بىلىدىغاندەك ۋەياكى ئۇلارنىڭ كېلىشنى بېرىسى قۇلقىمىزغا پىچىرلىغاندەك بۇ مېھمانلارنى قارشى ئىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولى كۆكسىدە ، كۆزى يوللاردا. 

پەسىللەر تەبىئەتنى پەپىلىسە، تەبىئەتمۇ بىرسىدىن بۇيرۇق ئالغاندەك بىزنى قوللاپ- قوغدىماقتا. گەرچە بىز بىلمىسەكمۇ، دىققەت قىلمىساقمۇ، ئۇ پەسىلگە خاس ھاۋا، بىزنىڭ ساقلىقىمىزغا ماس يېمەك- ئىچمەكلەرنى بىزگە سۇنماقتا. پەسىل ، تەبىئەت ۋە بەدەن ئارىسىدىكى بۇ يېقىن مۇناسىۋەت، بىر- بىرىگە بولغان مېھرى- مۇھەببەتنى كۆرگەن، تەپەككۈر قىلغان كىشى بىزنىڭ ئەسلىدە ئۆر- ئارا دوست، قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئاسانلا ئۇقۋالالايدۇ.  ئىنسان بالىسى بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇشى بىلەن تەڭ، تەبىئەت بىلەن پىچىرلىشىشقا، گېنىدە ساقلانغان ئۇچۇرلار بىلەن ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشقا باشلايدۇ. چوڭىيىشقا قەدەم تاشلىغاندىن كېيىن باھارنىڭ ئىللىق شاماللىرى مەڭزىنى سۆيۈپ ئۆتسە، يازنىڭ ئىسسق باغرى ئۇنىڭ قەلبىنى يۇمشىتىدۇ. بەركەتلىك كۈز خاسىيەتلىك ئوزۇقلار بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا كۈچ قوشسا، قىشنىڭ ئاپپاق قارلىرى ئۇنى پاكلاشتۇرىدۇ. دېمەك پەسىللەرنىڭ كەيپىياتلىرى ، بەدىنىمىزنىڭ مىزاج ۋە خىلىتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ماسلىشىپ بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ئىنساننىڭ ساغلاملىقى، سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئەسلىدە پەسىللەر ساغلاملىق ئۈچۈن ئېسىللەر.

دۇنيا تەرەققىي قىلدىمۇ، چېكىنىپ كەتتىمۇ بىر نېمە دېيىش تەس، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى بىز تەبىئەتتىن يىراقلىشىپ كەتتۇق، پەسىللەرنى رەنجىتىپ قويدۇق. سىمىنوت ۋە بېتون ئۆيلەردە تۇغۇلغان زامانىۋى ئىنسانلار تۇغۇلۇشتىن باشلاپ تەبىئەتتىن ئۇزاق ، پەسىللەرنىڭ نىمەتلىرىدىن يىراق ياشاشقا باشلايدۇ. نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، ھايات ھارغىنلىقى ئۇلارنى ئۆي ۋە ئىشخانا تۇرمىلىرىغا سولاپ، تۆت پەسىلنى قولدىن تارتىپ ئىلىپ تاق پەسلىگە مەھكۇم قىلماقتا. تاغلارغا چىقىش، ئورمانلاردا يۈرۈش، گۈللەرنى پۇراش، قۇشلارنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرىغا جۇر بولۇش بىزنىڭ چۈشۈمىزگىمۇ كىرمەيدىغان خىياللىرىمىز بولۇپ قالدى. بېتون ئۈستىدە يۈرۈپ، بەدىنىمىزدە يىغىلىپ قالغان مەنپىي ئېنىېرگىيىلەر تۇپراق بىلەن ئۇچرىشىپ بىزدىن ئۇزاقلاشمىغانلىقى، بەدىنىمىزدىكى كىرلەرنى باھارنىڭ يامغۇر سۇلىرى يۇمىغانلىقى، قەلبىمزدىكى مەينەتلەرنى قىشنىڭ قارلىرى پاكلىمىغانلىقى ئۈچۈن، روھىمىزمۇ بېتونلىشىپ، جانلىق تۇرۇپ جانلىقلارنى سۆيمەيدىغان جانىۋارلارغا ئوخشاپ قالدۇق.

پەسىللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ژىرىكلىشىپ كەتكەچكە، ئۆز- ئارا ياتلىشىپ، ئوتتۇرىمىزدىكى تەڭپۇڭلۇق ، ماسلىشىشچانلىق ۋە ئالاقە ئۈزۈلدى. سىرتتا باھار بارسا، ئىچىمىزدە قار يىغىشقا، پەسىللەرنىڭ كەيپىياتلىرى بۇزۇلغاچقا، مىزاج ۋە خىلىتلىرىمىز ئوڭ - تەتۈر بولۇپ ، ۋۇجۇدىمىزنى كېسەللىكلەر چىرمىۋىلىشقا باشلىدى. تەبىئەتنىڭ جېنىنى سىقانلىقىمىز، پەسىللەرنىڭ قاناتلىرىنى بوغقانلىقىمىز ئۈچۈن، بىز كېسەللىكلەر بىلەن  بوغۇشۋاتىمىز. شۇنداق ۋەھىم ۋەزىيەت شەكىللەندىكى پەسىللەرگە خاس كېسەللىكلەر مەيدانغا كەلدى. ھەر پەسىلنى كۈلكە- چاقچاق بىلەن ئەمەس، پەسىللەرگە خاس كېسەللەرگە قارشى ئاچچىق ۋاكسىنا  ئۇكۇللىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشقا باشلىدۇق. بۇرۇن ئۇرۇق- تۇققانتۇق، ھازىر دۈشمەنلەرگە ئايلاندۇق. بۇرۇن پەسىللەر ساغلاملىقىمىزنىڭ مەنبەسى بولسا، ھازىر شىركەتلەرنىڭ پۇل تاپىدىغان بازىسى بولۇپ قالدى.

پەسىللەر بىزنى بىتاب قىلماغلىق، ئەسلىدە بىز ئۇلارنىڭ كەيپىياتنى، تەبىئىتىنى بۇزۇش بىلەن ئۇلارنى بىمار قىلىۋاتىمىز. ئېكولوگىيىلىك سىستېما بۇزۇلدى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز يىپراندى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق يوقالغانلىقى ئۈچۈن پەسىللەر ئىنسانلارنى كېسەل، بىز ئۇلارنى رەنجىدە قېلىۋاتىمىز. پەسىللەرگە ئاتىپ قويغان  كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە باھاردا كۆرۈلىدىغان ئالىرگىيەلىك بۇرۇن ياللۇغى، ھەرخىل تېرە ياللۇغى، ئىچى سۈرۈش، جىگەر ياللۇغى، خولېرا ، يازدا كۆپ ئۇچرايدىغان ھاشاراتلارنىڭ چىقىۋىلىشى، يېمەكلىكلەردىن زەھەرلنىش، ئىسسىق ئۆتەپ كېتىش، يۈرەك كېسەللىكلىرى، سۇغا چۈمۈلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قۇلاق ۋە كۆز ياللۇغى، كۈز پەسلىگە ئائىت رېماتىزىم، سېمىزلەش، زۇكام، ئاشقازان يارىسى ۋە زىققا كېسەللىكلىرى، قىشتا كۆرۈلىدىغان ئانگىنا، ئۆپكە ياللۇغى، زۇكام، بوغۇم ئاغرىقى، يۈرەك تىقىلمىسى ۋە پالەچلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر  پەسللەر سەۋەبىدىن بولماستىن، بەلكى دەل  ئېكولوگىيىلىك ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

ئۇنتۇمايلى ، پەسىللەر بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئېسىل پۇرسەت. ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزمىساق، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى كۈچلەندۈرسەك، ئارىمىزدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتسەك، پەسىللەر بىزنى كېسەل قىلمايدۇ، ئەكسىچە بىزنى ساغلام قىلىدۇ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى