پەسىللەر پەيلىڭىزنى بۇزمىسۇن

 ئالدىنقى ماقالىدە دەپ ئۆتۈلگەندەك، پەسىللەر ئەسلىدە بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئېسىل پۇرسەت. ئەمما پەسىللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ژىرىكلىشىپ كەتكەچكە، ئۆز- ئارا ياتلىشىپ، ئوتتۇرىمىزدىكى تەڭپۇڭلۇق ، ماسلىشىشچانلىق ۋە ئالاقە ئۈزۈلگەنلىكى، ئېكولوگىيىلىك سىستېما بۇزۇلۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز يىپرانغانلىقى ئۈچۈن پەسىللەر ئىنسانلارنى كېسەل، بىز ئۇلارنى رەنجىدە قېلىۋاتىمىز. پەسىللەرگە ئاتىپ قويغان  كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولماستىن ، روھ خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگەللىمەكتە. پەسىل خاراكتېرلىك  كەيپىيات قالايمىقانلىقى ( Seasonal affective disorder- SAD  ) ئۇلاردىن بىرسى.

پەسىل خاراكتېرلىك  كەيپىيات قالايمىقانلىقى ھەر يىل مەلۇم ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك شىكايەتلەر كۆپۈنچە ھاللاردا كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، باھار ۋە ياز ئايلىرىدا ئازايماقتا. بەزى كىشىلەردە پۈتۈنلەي تەتۈرى كۈچكە ئىگە بولۇپ، باھار ۋە ياز ئايلاردا ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە ساقايماقتا. بۇ خىل كېسەللىك مەزگىلىدە، ئىنسانلاردا ئىچى سىقىلىش، قايغۇرۇش، بۇرۇن قىزىقىدىغان ئىشلارغا قىزىقىشىنى يوقۇتۇش، ھارغىنلىق ھېسسى، ماغدۇرسىزلىق، قىشتا كۆپ ئۇخلاش يازدا ئۇخلىيالماسلىق، قىشتا كۆپ يەپ سېمىزلەش، يازدا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ ئورۇقلاپ كېتىش، تاتلىقلارنى خالاش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۆزىنى ئۈمىدسىز ۋە قىممەتسىز ھېس قىلىش، يوق يەرگە جىددىيلىشىش ۋە تىركىش، چۈشكۈنلۈك  ۋە ھاياتتىن زېرىكىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بەزى چۈشكۈنلۈكدەك روھ كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلاردا كېسەللىك ئەھۋالىدا ئېغىرلىشىش، خۇشاللىق ئىزلەپ ئۆزىنى ھاراققا ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە مۇپتىلا قىلىدىغان، بەزىلىرى بۇ مەزگىلدە ئۆزنى ئۆتتىرۋالدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. 1

بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا ئېتىلغان بولسىمۇ،  گۇناھكار سۈپتىدە نۇرغۇن ئۇنسۇرلار كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بۇ كېسەللىكنىڭ ھەققىي سەۋەبى ھازىرغا قەدەر ئېنىقلانمىدى. بەزىلەر ئىچىمىزدىكى بىئولوگىيىلىك سائەتىمىزنىڭ ( circadian rhythm  )  كۈندىلىك ساتىمىز بىلەن بولغان ئۇيۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر خۇشاللىق ھورمىنى بولغان سېروتونىن ( serotonin ) سەۋىيىسىدىكى ئازلاپ كېتىشنى، يەنە بەزىلىرى ئۇيقۇ ۋە تۇيغۇمىزغا تەسىرى چوڭ بولغان مېلاتونىن ( melatonin ) سەۋىيىسىدىكى قالايمىقانلىقنى سەۋەپ دەپ كۆرسەتمەكتە. ئەمما ئىچىمىزدىكى سائەتنى بەدىنىمىزگە قويغان ۋە تەڭشەيدىغان كېم؟ سىرتىمىزدىكى سائەت بىلەن مۇناسىۋىتىنى بۇزغان كېم؟ بۇ سائەتلەرنى تەڭشەش، توغرىلاش ئۈچۈن بىر سائەتچىگە ئېھتىياجىمىز بارمۇ؟ بۇ ھورمونلارنىڭ سەۋىيىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرمۇ بىزنىڭ تۇيغۇلىرمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋەياكى تۇيغۇلىرىمىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەرمۇ بۇ ھورمونلارنى ئېگىز- پەس قىلىدۇ؟ نىمىشقا ھەممەيلەن ئەمەس، پەقەت ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ئىنسانلار پەسىل خاراكتېرلىك  كەيپىيات قالايمىقانلىقى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ؟ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر كېسەللىك بارمۇ ۋەياكى بىزنىڭ بۇ پەسىللەرگە سەزگۈرلىكىمىزمۇ ئارتىپ كېتىگلىك؟ مانا بۇلار ئاساس جاۋاپ بىرلىشى كېرەك بولغان سوئاللار. بۇ سوئاللارغا جاۋابىنى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە تەپەككۇر قىلمىساق، ئەسلى گۇناھكارنىڭ ئۆزىمىز ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تونۇشقا كەلمىسەك، بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە دىققەت قىلمىساق، گۇناھنى پەسىللەرگە، ئېرسىيەتكە، جىنسىيەتكە، شەخسىيەتكە ئاتىپ قويىدىغان ئاسان ۋە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز. سەۋەبىنى تاپالماي، ساراڭ بولۇپ قالىمىز، يەنى پەسىل خاراكتېرلىك  كەيپىيات قالايمىقانلىقىغا دۇچار بولىمىز.

پەسىل خاراكتېرلىك  كەيپىيات قالايمىقانلىقىغا دۇچار بولغانلارغا داۋا سۈپتىدە زامانىۋى مېدىتسىنا نۇر بىلەن داۋالاش ( light thrapy ) ، پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە دورا بىلەن داۋالاشلارنى سۇنماقتا. قىش ۋە كۈز پەسىللىردىكى قۇياش نۇرى ئازلىقىنىڭ بۇ كېسەللىكلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى توغرا دەپ قوبۇل قىلساقمۇ، ئەمما ياز كۈنلىرى سىرىتقا چېقىپ قۇياش نۇرى يېمىگەن ۋە بۇ قۇياش نۇرىنى قىش ئۈچۈن ساقلىمىغانلارنى داۋالايمەن دەپ  بۇ كىشىلەرنى قۇياش نۇرىنىڭ يېرىگە نۇر قۇتىلىردىن چىققان سۈنئىي ئاپتاپلارغا سىلىش نەقەدەر ئاقىلانىلىق؟ بۇ بىمارلارغا بۇ پەسىللەردىكى نورمال ئۆزگىرىشنىڭ ئىنساننى بۇ قەدەر ئۆزگەرتىپ تاشلىشىنىڭ ئانورمال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش، ئۇلارغا سىرتقا چېقىپ ھەرىكەت قىلىشنى، ئۆزىنى ئاپتاپقا سېلىشنى ، قالايمىقان ھايات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەۋسىيە قىلىش ئەقلىمىزگە ياتسىمۇ، بۇ بىمارلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئەكسى تەسىرى كۆپ بولغان پىسكىياتىرلىق دورىلار بىلەن داۋالاش ئىلىپ بېرىش نەقەدەر ئەقىلگە ئۇيغۇن؟

بۇرۇن قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك « ساقايمايدىغان كېسەللىك يوق، ئۆزگەرمەيدىغان كېسەللەر جىق ».  بەلكى خۇيىڭىز، پەيلىڭىز چۇس بولىشى مۇمكىن، ئەگەر سىز بۇ پەيلىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز، پەسىللەر ھەرگىز پەيلىڭىزنى بۇزمايدۇ، ئەكسىچە پەيلىڭىزنى پەپىلەپ، ساغلاملىقىڭىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

1.https://www.mayoclinic.org/diseases- conditions/seasonal-affective-disorder/symptoms-causes/syc-20364651

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى