داۋالاشنى خاسلاشتۇرۇش، بىمارلارنى خارابلاشتۇرۇش
ئىنسان گېىن پروگراممىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئىنسان گېنىنىڭ تۈزۈلۈش ۋە تىزىلىشىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇل ۋە تىخنىكىلاردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەر، ھەر خىل مولىكۇلا سەۋىيىدە دىئاگنۇز، تەسۋىرلەپ كۆرسىتىش، كۈزىتىش ، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتلار مېدىتسىنادا كىشىگە خاس داۋالاشنى مەقسەت قىلغان « كىشىلەشتۈرۈلمىش مېدىتسىنا» (personalized medicine ) ، « سەزگۈر مېدىتسىنا» (precision medicine ) غا ئوخشاش يىڭى ئۇقۇملار، يىڭى ئېقىملار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. بۇلار ئىنسانلارنىڭ پەرقلىق بولىشى، كېسەللىكنىڭ پەرقلىق بەدەندىكى پەرقلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرى ۋە مىخانىزمى ، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ئوخشاشماسلىقى، كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىدىكى پەرقلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ گېن تۈزۈلۈشىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى ئاساس قىلغان بىر دىئاگنوز ۋە داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر داۋالاش مودېلىنى خىيال قىلماقتا. « كىشىلەشتۈرۈلمىش مېدىتسىنا» 2005 - يىل Francis Collins تەرىپىدىن، « سەزگۈر مېدىتسىنا» 2009- يىلى Clayton Christensen تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا ئېتىلغاندىن تارتىپ كىلىنكىدا بەزى قىمىلداشلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئاكادېمىك جامائەتتىكى بەس- مۇنازىرىلەر، ئۇقۇملار ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ نەزىريىۋى دە - تالىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.
ئالدىنقى
ماقالىمىزدە خاسلىقنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىپ، خاسلىقنىڭ خاسىيەت، ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق ئىكەنلىكىنى
تەكىتلەپ، ساغلام بەدەن ، خۇشال تۇرمۇش، مەنىلىك ھايات ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەكتە،
تۇرمۇش ئادىتىمىزدە، پىكىر- چۈشەنچىمىزدە خاسلىقىمىزنى قوغداش لازىملىقىنى
سۆزلىگەنتۇق. بۇ ئەينەكتىن قارىغاندا
كىشىگە خاس داۋالاش، ئىنسانلارنىڭ گېن تۈزۈلۈشىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى
ئاساس قىلغان بىر دىئاگنوز ۋە داۋالاش قاتارلىق گەپلەر قۇلاققا يېقىملىق
تۇيۇلسىمۇ، بۇ بىز دەۋاتقان « خاسلىق ساغلاملىقتۇر » دېگەن شۇئارىمىز بىلەن ئاسمان
- زىمىن پەرق بار. كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى
بولىۋاتقان گېننى تېپىپ چىقىش، ئىنسانلاردىكى سەرخىللىقنى بەلگىلەيدىغان گېننى
تونۇش ۋە بۇ ئارقىلىق داۋالاش ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈش دېمەك ھەممىنىڭ سەۋەبى گېن
دېگەنلىكتۇر. ھەممىنى گېنغا ھاۋالە قىلىپ قويۇش خاسلىق ئەمەس، تاق تىپلەشتۇرۇشتۇر.
ئىنسان بەدىنىمىزنىڭ فىزولوگىيلىك فۇنكسىيىسى بىلەن مۇناسۋەتلىك، تېبابەتتە مەناغا
ئىگە يەنى ئاقسىللارنىڭ سىنتېزلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گېن سانى 20000 بولۇپ، بۇ
ئىنساننىڭ پۈتۈن گېن ئائىلىسىنىڭ ( Genom ) پەقەت 2- 1.5 پىرسەنتىنى
ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار كائىناتتىكى قارا ماددا ۋە
قارا ئىېنىرگىيىگە ئوخشاش بىر تىلسىم.
بۇ
يەردە شۇ جان ئالغۇچى سوئالنى سوراش لازىم. بۇ گېندىكى پەرقلىق كېسەللىكنىڭ سەۋەبى
مۇ ۋەياكى كېسەللىكنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ ئەسلىدە نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ سەۋەبى گېنېتىك
ئەمەس، گېن ئۈستى ( Epigenetic ) بولۇپ ، گېن ئۈستى
گېنلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ۋە ئىپادىلەش شەكلىنى تەتقىق قىلماقتا. بۇ گېنلەرنىڭ
ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنى باشقۇرىدىغانلار، گېنگە باغلىنىپ تۇرىدىغان ئاقسىللار
بولۇپ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ھەممىنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسىتىلىۋاتقان گېننى
باشقۇرىدىغانلارمۇ بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا غوجامنىڭ غوجىكىسى بار بولۇپ، گېن ئۈستى، گېنىنڭ غوجىكىسى. بىر كېسەللىكنى گېن ئۈستى دېمەك، ئىنساننىڭ يەپ
- ئىچىشى، يېتىپ- قوپىشى، تۇرمۇش ئەندىزىسى، پىسخىكىسى، ئائىلە مۇھىتى،
جەمئىيەتتىكى ئورىنى قاتارلىق ساناقسىز ئامىللارنى كېسەللىككە سەۋەب بولدى دېگەنلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى
تىزگىنلىمەك ، سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقماق ناھايىتى قېيىن
دېمەك.
يىڭى
مودىغا ئاساسەن كېسەللەرگە كىمنىڭ داۋالاش ئېلپ بېرىشىمۇ مۇئەللەقتە. چۈنكى «
كىشىلەشتۈرۈلمىش مېدىتسىنا» بويۇنچە سەھىيە ساقلىق خىزمىتىنى ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن
دوختۇر ، خەلق ساقلىقى مۇتەخەسسىسلىرى، گېنىتىكچى، ستاتىستىكىچى، تىببىي
جەمئىيەتشۇناس، بىئومېدىتسىنا ئىنژىنىرى، مولىكۇلا بىئولوگ، مولىكۇلا تارقىلىش ئىلىمى مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىق بىر
مۇنچە ئىنسانلارنىڭ بىرلىكتە ئىشلىشى لازىم بولۇپ، كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا بۇلار
ئورتاق تىل ئىشلەتمىگەچكە بىر- بىرسىنىڭ قەلبىنى ۋە قىممىتىنى چۈشىنەلمەيدۇ.
ئۆزلىرى چۈشەنمىگەننى نورمال ئاۋام ۋە بىمارلارغا قانداق چۈشەندۈرسۇن؟ مۇنداق
بولغاندا كاللا دېسە پاقالچاق دەيدىغان ، شەپكىسىنى ئىلىپ كەل دېسە بىشىنى ئىلىپ
كىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئېچىنارلىق مىسالى بىر چولپاننىڭ
ئەمچەك راكى پەيدا قىلغۇچى گېنىم باركەن دەپ ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق ئىككى كۆكسىنى
ئالدۇرۋەتكەنلىكىدۇر. ئۇنىڭدىن سىرت ھەربىر ئىنساننىڭ گېنومنىنڭ تىزىلىشنى بىلىش
تەننەرخى ئاز دېگەندە 1000 دوللار بولۇپ بۇنى كىم ئاتچوت قىلىدۇ ؟ گېن
تەجىربخانلار ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم يوق بولۇپ قايسى تەجىربىخاننىڭ
نەتىجىسىنى ئاساس قىلىمىز ؟ گېن مەخپىيەتلىكىمىزنىڭ كېلەچىكى قانداق بولىدۇ؟ گېن تەھلىللەردىكى خاتالىق پايلىرىنىڭ
ساغلاملىقىمىزغا بولغان ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ھېچقانداق بىر شىكايىتى بولمىغان
بىرسىگە گېن خەرىتىسىگە قاراپ سەن كەلگۈسىدە راك بولىسەن دېگەندەك خەۋەرلەرنىڭ
ئىنسان پىسخىكىسنى ئاستى- ئۈستۈن قىلىپ، تۇرمۇشىنى خاراب قىلىش ئېھتىماللىقىنى يەنە شۇ گېنىگە قاراپ ھۆكۈم
قىلىش مۇمكىن مۇ ؟ ئەگەر ئۇ كىشى چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالسا
ئاتالمىش ساغلاملىقنى دەپ جېنىنى ئىلىش قانچىلىك مەنتىقىيلىق؟ ئىنسانلارنىڭ
ساغلاملىقىدىن ئىبارەت مۇھىم قارارنى ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋەياكى تەبىئىي ئەقىلگە ساھىب
دوختۇرلارغا ئەمەس سۈنئىي زىرەككە ساھىپ ماشىنىلارغا تاشلاپ بېرىش نەقەدەر
ئاقىلانىلىق ؟