گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە مۇھىت ساغلاملىق- 2

 « ھەكىم ئىزى » دە ھەر دائىم تەكىتلەنگەندەك مۇھىتىمىز بىزنىڭ جان دوستىمىز بولۇپ پاكىز ۋە ساغلام مۇھىتسىز بىر ساغلام ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ خۇددى بىر ئىللىق ئائىلە قۇچىقىغا ئوخشاش ھەم بەدەن ساغلاملىقىمىزنى كۈچلەندۈرسە ھەم روھ ساغلاملىقىمىزنى پەپىلەيدۇ. شۇڭا زىرىكمەي-تىرىكمەي« مۇھىتقا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق ئەسلىدە ئۆزىمىزگە قىلغان قىرغىنچىلىقىتۇر» دەپ نىدا قىلىشتىن ۋە ۋاقىراشتىن ھارمايمىز، سىقىلمايمىز! گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار (گ. ۆ. ج ) نىڭ مۇھىت ساغلىقىمىزغا بولغان تەسىرلىرىدىن بىرى گېنىمىزغا، مەخپىي ئۆيىمىزگە قىلىنغان تاجاۋۇزلۇقىدۇر. كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ گېنى ھاياتلىق گېننىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەم ئاجايىپ ئوخشاشلىققا ھەم ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە. خاسلىقىمىزنى بەلگىلەيدىغان گېنىمىزنىڭ پەقەت 0.01 پىرسەنتلىك قىسمى بولۇپ،  بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىقتەك كۆرىنىدىغان 8 مىليارد ئىنساننىڭ،   ئوخشىمىغان مىللەت،  مەزھەپ ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ گېنىنىڭ 99.9 پىرسەنتى ئوپمۇ- ئوخشاش. بۇ مەيلى بىز دۈشمەن دەپ ئېلان قىلايلى، پەرقلىق سىنىپلارغا بۆلەيلى، ئوخشىمىغان كاتىگورىيەلەرگە ئايرايلى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بىر ئاتا بىر ئانىدىن تۆرەلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولسا كېرەك. بۇ 0.01 پىرسەنتچىلىك خاسلىقنىڭ ئۇ قەدەر سەرخىللىققا سەۋەپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى تەپەككۇر قىلغان  ئىنسان بۇ گېنگە يوشۇرۇنغان چەكسز كۈچ - قۇۋۋەتكە ھەيران قالماي قالمايدۇ. گېندىكى بۇ چەكسىز كۈچ - قۇۋۋەت تۈزۈلۈشىدىكى مۇنتىزىم نىزامغا باغلىق بولۇپ، ئەسلى ئورنىدىكى، ھالىتىدىكى، تەركىبىدىكى ۋە شەكلىدىكى كىچىك ئۆزگىرىش زور پالاكەتلەرگە يول ئاچىدۇ.

شۇڭا گېنىمىزنىڭ خاسلىقى ۋە پۈتۈنلۈكى پەقەت ساغلاملىقىمزنىڭ كاپالىتى بولۇپلا قالماستىن ھاياتلىقنىڭ ۋە ئىنسانلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى، بۇنى قوغداش ھەممەيلەننىڭ مەجبۇرىيىتى.  شۇڭا نۇرغۇن دۆلەتلەردە نىيىتى نېمە بولسا بولسۇن ئىنسانلارنىڭ گېنىنى يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىلەرگە قارىتا قاتتىق چەكلىمىلەر بار. چۈنكى بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىنسانسىمان ھايۋانلار ۋەياكى ھايۋانسىمان ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشى بولۇپ، بۇلارنىڭ  مەيدانغا كېلىشى دېمەك ئىنسانلارنىڭ ماددىي، مەنىۋىي ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتنىڭ ھالاكىتى دېمەكتۇر.  پەنشۇناسلارنىڭ ياخشى نىيىتى، قوللانغان ۋاستىلارنىڭ يۇقىرى پەن- تېخنىكىدىن ئىبارەت  قانسىز ۋە پاكىز بولىشى بۇ تېراگىدىيەنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ تويماس نەپىس- ئارزۇسى تۈپەيلى ئىشلارنىڭ قايسى يۆلىنىشتە تەرەققىي قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەسلەن مارېي كيۇرى1898 - يىلى تۇنجى بولۇپ پولونىي ( Polonium   ) ئىسىملىك رادىئاكتىپ ماددىنى تاپقاندا ئىلىم- پەن ۋە ئىنسانلىق ئۈچۈن ھاياجانلانغان بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ  رادىئاكتىپ ماددا تۈپەيلى بىر خىل قان راكى   ( Aplastic Anemia  )غا  گېرىپتار بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆزى ئاچقان بۇ يولنى داۋاملاشتۇرغان  پەنشۇناسلارنىڭ پلۇتونىيۇم ( Plutonium  ) دىن ياسالغان ئاتوم بومبىسى بىلەن 1945 - يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى ناگاساكىيدا 80 مىڭ كىشىنىڭ جىنغا زامىن بولغانلىقىنى بىلسە،  چوقۇم ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىدىن بەكرەك قايغۇرىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ھازىر ناھايىتى بىغۇبار كۆرۈنگەن گېن تەھرىرلەش تېخنىكىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بالا - قازالارغا يول ئاچىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس. 2020- يىلى CRISPR-Cas9  گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى بىلەن خىمىيە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن Jennifer Doudna  نىڭ بۇ تېخنىكىنى كەشىپ قىلىش جەريانىدا، ئۈستۈن ئىرق سەپسەتىسىنى ياقلىغان  گېتلىرنى چۈشىدە كۆرۈشى بىر تاسادىپىيلىق مۇ؟ ئالدىمىزدا كۆرىمىز.

گ. ۆ. ج لار ئەسلىدە پالاكەتلەرگە سەۋەبچى بولىدىغان گورىزونتال گېن كۆچۈشنىڭ  ۋە كۆچۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ كىچىك گېن پارچىلىرى دېزىنفېكسىيەلەرگە چىداملىق بولۇپ ئۆسۈملۈكلەردىن، ھايۋانلارغا ۋە ئۇلاردىن ئىنسانلارغا كۆچۈپ ئىنسان گېننىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. گ. ۆ. ج لاردا ئىشلىتىلگەن ۋىرۇس گېنلىرىنىڭ، بىئولوگىيەلىك دورىلاردىكى مايمۇن گېنلىرىنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى تەسىرىنى شۇتاپتا بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.  ئەسلىدە بىز ئاللىقاچان ھايۋانسىمان ئىنسانلارغا ئايلىنىپ بولدۇق. شۇڭا دۇنيادا ئىنسانلار تەرىپىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئەمما ھايۋانلار چېغىدا قىلمايدىغان جىنايەتلەرنىڭ تېگىدە بەلكى بۇ چاڭلاشقان گېنلار بولىشى مۇمكىن. بەزى دۆلەتلەر بۇ خىل گېن بۇلغىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەچكە بەزىدە بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان شىركەتلەرگە قاتتىق جازا بەرمەكتە.  لېكىن بۇ  خىل قانۇن ۋە جازا بىلەن  بۇ پالاكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ بىرلىكتە ئويغىنىشى ۋە ئويغىتىلىشى لازىم.

بۇنىڭدىن باشقا گ. ۆ. ج خىمىيەلىك ھاشارەت ۋە ئوت- چۆپ دورىلىرىغا بولغان تەلەپنى ئازايتقاندەك كۆرۈنگەن بىلەن،  بەزى دورىلارغا چىداملىق تۈرلەرنىڭ جىقىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مۇھىت ساغلاملىقىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا  سەۋەبچى بولماقتا. چۈنكى مىكروبلار موللا چاققان بولۇپ  ئۇلارغا قارشى باشلىتىلغان ھەر ھۇجۇمغا قارىشى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئۇسۇللار بلەن ھاياتتا قېلىشقا تىرىشىدۇ. بىز ئىشلەتكەن ھەر خىل دورىلارغا قارشى كورونا ۋىرۇسنىڭ 10000 دىن جىق چاپان ئالماشتۇرغانلىقى بۇنىڭ جانلىق ئىسپاتى. قولىمىزدىكى پۈتۈن ياللۇغ قايتۇرغۇچلارغا قارشى تۇرالايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى مىكروبلار ئەسلىدە بىزنىڭ «كەشپىياتلىرىمىز» بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا ئۆزىمىز پالتا چاپقانلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

 تەبىئەتنىڭ كۈچى تەڭپۇڭلۇقتا بولۇپ، بۇ تەڭپۇڭلۇقتا كۈچ بىلەن بىرگە ساغلاملىق، خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق بار.  بىر دۈشمەننى يوق قىلىش ماھارەت ئەمەس، ھەققىي ماھارەت  بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشتۇر.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى