گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە بەدەن ساغلاملىقى
ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ساغلاملىقى، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېما بىلەن بولغان بىر پۈتۈنلۈكى ۋە تەڭپۇڭلىقى بەدەن ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولۇپ، « ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- ئىممۇنىتېت سىستېمى » ناملىق يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ساغلاملىقىمىزنى قوغدىغۇچى بىر قورغاندۇر. ھەقىقىي كېسەللىك بۇ قورغاننىڭ يىقىلىشى بىلەن باشلايدۇ. بۇ سىستېما تاشقى دۇنيا ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار، مەلۇماتلار ۋە ئاخپاراتلار ساقلانغان DNA (گېن) مىز بىلەن بىۋاستە ئالاقە قۇرغان بولغاچقا، بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئالدى بىلەن ناتەبىئىي نەرسىلەرنى دۈشمەن دەپ بىلىپ ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بەدىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، دۇنيادىكى پۈتۈن تەبىئىي ئورگانىزملارنىڭ ئۇچۇر- مەلۇماتلىرى، ئەمەلىي ھاياتتا قولغا كەلگەن تەجرىبىلەر ئاتا - ئانىمىزنىڭ گېنى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز بۇلارغا قارشى تۇغما (innate) قابىلىيەتكە ئىگە. شۇڭا تاش- تۇپراق يېسەكمۇ، ئۇلار تەبىئىي بولغان ئەھۋالدا بۇ سىستېما ئۇنى دوست دەپ بىلگەچكە بەدىنىمىزگە زىيان قىلمايدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېىمىمىز ئەگەر گېن كىتابىمىزدا بولمىغان بىر ئۇچۇر بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنى دۈشمەن بىلىپ ئالدى بىلەن ئۇنى تونۇشقا ئارقىسىدىن ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتلەرنى ئۆگىنىشكە (adaptive) ئېھتىياجى بار. نورمال ھاياتىمىزدا ئۆگىنىش نەقەدەر تەس ۋە ۋاقىت ئالدىغان بىر جەريان بولغانغا ئوخشاش، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ بۇ يېڭى دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشى ئاسان ئەمەس. بولۇپمۇ بۇ گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ( گ. ۆ. ج ) دەك تەبىئىيلىكتىن خالىي بىر ۋەھشىي مەخلۇققا دۇچار بولغاندا زۇۋانىنى بىلمەيدىغان بىر چەتئەللىك بىلەن ئۇچراشقاندەك قىينىلىدۇ، مەقسىتىنى بىزگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس« بەدەن ساقلىق تىلى » بىلەن بىزگە خىتاب قىلىدۇ. ئۆزىگە قىلغان ھەقسىز مۇئامىلىلەرگە، ناتوغرا ھەرىكەت ۋە ھايات تەرزلىرىگە بەزەن ئاچچىقلىنىپ قىزىتمىسى ئۆرلىسە، بەزەن پەرقلىق ئاغرىقلار بىلەن بىزگە بولغان غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادە قىلىدۇ.
گ.
ۆ. ج لارغا كەلسەك ئۇلار زومبىلارغا (zombie ) غا ئوخشاش فانتازىيەلىك كۈچلەردۇر. بۇلارنىڭ
گېن قۇرۇلمىسى تەبىئىي بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا نىسبەتەن بىر
يۈك ھېسابلانسا، ساغلاملىقىمىزغا نىسبەتەنمۇ خەتەرلىكتۇر. ئۇلارنىڭ ئىنسان
بەدىنىگە ئېلىپ كەلگەن ئاستى خاراكتېرلىك خەۋپلەرنى ھازىرقى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى
بىلەن بىلىش، بېكىتىش تەس بولسىمۇ، ئەمما بەزى كۆزىتىش ۋە ھايۋان تەتقىقاتلاردا
ئۇلارنىڭ بەزى ئەكس تەسىرى ئاللىقاچان ئاشكارلىنىپ بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە
ئاللېرگىيەلىك رىئاكسىيەلەر ئەڭ كۆپ كۆرۈلدىغىنى بولۇپ، ئەڭ يېنىك بولغان تېرىدىكى
ئۆزگىرىشلەردىن ئىنساننىڭ كۈندىلىك ئىش- پائالىيەتلىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان
زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئاللېرگىيە مەنبەسى بولۇش خەۋپى ھەرقاچان مەۋجۇت.
بۇ سەۋەپلىك گ. ۆ. ج لارنى باشقۇرغۇچى
ئورگانلار بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا ئاللېرگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئېلىپ
بېرىلىشىنى شەرت قىلماقتا. ئەمما بۇ تەكشۈرۈشلەردە چىقمىغان ئاللېرگىيەلەرنىڭ
ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ چۈنكى بەزى تەسىرلەر ھۈجەيرە سەۋىيەسىدە مەيدىغا كېلىدىغان
بولغاچقا بۇلارنى تەكشۈرۈپ چىقماق قولاي ئەمەس.
گ.
ۆ. ج لاردىكى بۇ DNA نىڭ پارچىلىرى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا نىسبەتەن يات بولغاچقا
بۇلارنىڭ پارچىلىنىپ بىرتەرەپ بولىشى ناھايىتى تەس. تەتقىقاتلاردا ھايۋان ۋە
ئىنسانلارنىڭ قانلىرىدا بۇ DNA قالدۇقلىرى بايقالدى. بۇ زەررىچىلەرنىڭ بىزنىڭ گېنلىرىمىز بىلەن
بىرلىشىشى بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولىشى مۇمكىن. چۈنكى
ۋىرۇسلارنىڭ گېن ماتىريالىلىرى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغان ھۈجەيرىلەردە راك
پەيدا قىلغۇچ گېنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى
ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىدىغانلىقى بىلىنىدىغان بىر ھەقىقەت.
2009- يلىدا Dona
ۋە دوستلىرى تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش ماقالىسىدە، گ. ۆ. ج لار
ئۈستىدە ئىلىپ بېرىلغان كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا گ. ۆ. ج لارنىڭ جىگەر، ئاشقازان
ئاستى بېزى، بۆرەك ۋە كۆپىيىش ئەزالىرىغا بولغان ئەكىس تەسىرنى بايقالغانلىقىنى
كۆرسەتكەن. Pusztai گېنى ئۆزگەرتىلگەن
بەرەنگە بىلەن بېقىلغان چاشقانلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىدە يېتەرسىزلىك ۋە ئىممۇنىتېت
سىستېمىسىنىڭ فۇنكىسىيەسىدە تۆۋەنلەش بولىدىغانلىقىنى بايقاپ 1998 -يىلى بۇ
نەتىجىنى ئېلان قىلغاندا خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. Gilles-
Eric Seralin بولسا 2012- يىلى گېنى
ئۆزگەرتىلگەن قوناق بىلەن چوڭ قىلىنغان چاشقانلارنىڭ جىگەر، بۆرەك زەئىپلىكى ۋە
ئۆسمە قاتارلىق ئېغىر ساغلاملىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندە
ھاقارەتلەرنىڭ ئوق يامغۇرىغا تۇتۇلغان ئىدى. يەنى گ. ۆ. ج زىيانلىق دېگەنلەر، كۆپ
زىيان تارتتى. بەلكى پايدىسى بار دېسە جىق پايدا تېپىشى مۇمكىن ئىدى.
ساغلاملىقىمىزغا
ئەڭ چوك تەھدىتلەرنىڭ بىرىسى ياللۇغ قايتۇرغۇچلارغا چىداملىق مىكروبلار بولۇپ، بۇ
مىكروبلار تۈپەيلى ھەر يىلى 7 مىليون ئىنسان جان بەرمەكتە. يېقىندا پەنشۇناسلار
شۇئان قولىمىزدىكى پۈتۈن ياللۇغ قايتۇرغۇچلارغا قارشى تۇرالايدىغان Mycoplasma
Genitalium ئىسىملىك بۇ باكتېرىيەنىڭ
يېيىلۋاتقانلىقىنى، ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە
بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۆزى ھېس قىلماي تۇرۇپ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، تۇغماسلىق قاتارلىق
كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گ. ۆ. ج لارغا ئىشارەتلەش
ئۈچۈن ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان گېنلارنىڭ بىرى قىسمى دەل بۇ ياللۇغ قايتۇرغۇچلارغا
قارشىلىق كۈچ پەيدا قىلىدىغان گېنلار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى مەنئىي قىلىنغان
بىلەن پۈتۈنلەي يوق قىلىنغىنى يوق. بۇ گ. ۆ. ج بىلەن بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنى باقساق،
يەنە بىر تەرەپتىن زەھەرلىك يىلاننى قوينىمىزدا بېقىۋاتىمىز دېمەكتۇر! بۇ يەردە
ھەقىقەتەن بىر- بىرىگە زىت ئەھۋال مەۋجۇت.
ساغلاملىق
ئەڭ زور بايلىق ۋە شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ قولدىكى بىلىم ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن
پۈتۈنلەي بىلىپمۇ ھەل قىلىشتىن ئاجىز كېلىۋاتقان زور مەسىلە. ھەقىقەتلەرنى
كۆرمەسلىك، تارىخلارغا قۇلاق بەرمەسلىك تېخىمۇ چوڭ مەسىلە. تەبىئىيلىك بولسا بىز
بىلەلەيدىغان، سىناقلاردىن ئۆتكەن ئەڭ
پايدىلىق ئوزۇق ۋە شىپادۇر. شۇڭا ناتەبىئىيدىن ئۇزاق تۇرايلى، بۇ ئارقىلىق
ساغلاملىقىمىزنى قوغدايلى!