گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە مۇھىت ساغلاملىق- 1

بىر ئىنساننىڭ ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇپ ئىنسان بولىشى ئۈچۈن ئۇ چوڭ بولغان ئائىلىنىڭ،  ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە  مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدە بىزنىڭ تىلىمىز، ئىرقىمىز بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. مەدەنىيەت بولسا مەلۇم بىر جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ پىكىر- ئىدىيەسى ۋە ئاڭ- چۈشەنچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى قۇياش، ھاۋا، تۇپراق، سۇ، تاغۇ- دەريا ۋە ئورمان- ئوكيانلار ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدە ئۇلار مەدەنىيەتكە ئوخشاش بىزنىڭ بەدەن ساپامىزنى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى ۋە ساغلاملىقىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەسلەن دۇنيا ساغلاملىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام ھايات ئۈچۈن تەۋسىيە قىلغان يېشىللىق رايون كىشى بېشغا ئەڭ ئاز 10 مېتىر كۋادرات بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ يېشىللىق رايونلارغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. بۇرۇن يېشىل گۈل- گىياھلار بىلەن بېزەلگەن تەشتەكلىك ھويلىلاردا، ئورمان- كۆكتاتلار بىلەن تولغان مەھەللىلەردە چوڭ بولغان ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ قەددى- قامىتى تەڭرىتاغ قارغايلىرىدەك تىك، قەلبى تارىم دەرياسىدەك سۈزۈك، تېنى بۇغدا تېغىدەك مەزمۇت بولغان بولسا، ھازىر ئۇ يېشىللىقتىن مەھرۇم، قۇتىدەك سىمىنىت ئۆيلەرگە سىقىشىپ قالغان بىزلەرنىڭ بىلىمىز پۈكۈلۈپ، قەلبىمىز تارايدى،  تېنىمىز بولسا مۈكچەيدى. شۇڭا مۇھىتقا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق ئەسلىدە ئۆزىمىزگە قىلغان قىرغىنچىلىقتۇر.  ئىنسانلار بۇ بۇزغۇنچىلىقنى بەزىدە بىلىپ سادىر قىلسا، بەزىدە بىلمەي سادىر قىلماقتا، بەزىدە نادانلىقتىن قىلىپ سالغان بولسا، يەنە بەزىدە يۇقىرى پەن- تېخنىكا بىلەن ئېلىپ بارماقتا . گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار دەل بۇلاردىن بىرىسىدۇر.

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار (گ. ۆ. ج ) نىڭ مۇھىت ساغلىقىمىزغا بولغان ئەڭ چوك تەسىرىدىن بىرسى تەبىئەتنىڭ بئوسەرخىللىقىغا قىلغان ھۇجۇمدۇر. ئەتراپىمىزدا ياشاۋاتقان پەرقلىق جانلىقلار ئۆزىنىك خاسلىقى، خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ بئوسەرخىللىقىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ بئوسەرخىللىق دەل ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق مەنبەسىدۇر. « خاسلىق ۋە ساقلىق » دا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك خاسلىقنىڭ ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولۇپ، ئابستراكىت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىزنىڭ پەرقلىق مىزاج ۋە مىجەزىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى بولۇپ، كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىرىمىزنىڭ نورمال قان بېسىمىنىڭ چېكى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى، ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتى ۋە كۈرەش قۇۋۋىتى، ئۇيقۇ سائەتلىرى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىمىزمۇ ئاممىباب قوراللارغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا پەرقلىقتۇر. بۇ سەۋەپلىك يېمەك - ئىچمەك ، دورا- ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەدىنىمىزدىكى ھاسىل قىلغان ئېنېرگىيەسى ۋە  تەسىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، ئوزۇقلۇقلار سوغۇق، قۇرۇق، ھۆل ، ئىسسق بولسا، خىلتىمىز قان ، بەلغەم، سەپرا، سەۋدادەك خاسلىققا، قان گۇرۇپپىمىز ئا، ب، ئا ب ۋە ئو قاتارلىق ئوخشاشماسلىققا ئىگە. بۇ خاسىلىقىمىز تۈپەيلى ئوخشىمىغان كېسەللىكلەرنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئالامەتلىرى پەرقلىق بولۇپ، بۇ ئۆزگىچە كۈچ تۈپەيلى بىر مىكروب پۈتۈن ئىنساننى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەلمەيدۇ. يەنە بۇ خاسلىقنىڭ تۈرتكىسىدە تېبابەتتە باشقىلاردا بار ئالامەت  بىلەن ئۆز- ئۆزىگە دىئاگنوز قويۇش، ئۆزىنى ئۆزى داۋالاش، ھەر دەردكە داۋا دەپ قارىلىدىغان ئىكسىر قاتارلىقلارنىڭ قىممىتى يوق. ھەممەيلەننىڭ شەپكىسى ۋە ياغلىقى پەرقلىق بولۇپ،  خاسلىق دەل ساغلاملىقتۇر.

تور- ئالاقە ۋە قاتناش قوراللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىرلا خىل ياكى  قېلىپتا بولغان تۇرمۇش ئەندىزىلىرى ۋە  تەمسىز تاق مەدەنىيەت شەكلى سىڭدۈرۈلىۋاتقان بولسا، گ. ۆ. ج لار بىلەن پۈتۈن ئەنئەنىۋى يېزا- ئىگىلىك ئۇسۇللىرى، يېمەك- ئىچمەك ئادەتلەرگە ۋە  خاس ئوزۇقلىنىش ئەندىزىلىرىگە قارشى جەڭ ئېچىلماقتا. ئالدىنقى ئەسىرگە سېلىشتۇرغاندا، دۇنيانىڭ گېنېتىك سەرخىللىقى %75  ئازايغان بولۇپ،  ئەنگلىيە ۋە دانىيەدە ئېتىزلىقلارنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە ئۇرۇقلارنىڭ سەرخىللىقى ۋە سانى كلاسسىك زىرائەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەردە ئازايغانلىقى بايقالغان.  زىرائەتلەردىكى بۇ سەرخىللىقنىڭ ئازىيىشى قۇشلارنىڭمۇ سەرخىللقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. تەڭرى تېغى قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش دېگەندەك، ئىنسان ، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ تەقدىرىمۇ بىر تۇتاش. پەرقلىق ئاناتومىيە تۈزىلىشى، ئوخشىمىغان ھەزىم قىلىش خۇسۇسىيەتلەرگە مەنسۇپ ئىنسانلارنى ئوخشاش كۆكتات، تاق خىل يېمەك- ئىچمەككە مەجبۇر قىلىش، كېسەللىككە چاقىرىقتۇر. بىر خىل مەنبەگە بولغان باغلىلىقتىن تۇپەيلى  بۇ تاق مەنبەنىڭ تۈگىشى دېمەك، ئىنسانلىقنىڭ يوق بولىشى دېمەكتۇر.

1980- يىلى ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ، بىر شىركەتنىڭ مەلۇم گ. ۆ. ج گە پاتېنىت ھوقۇقى بەرگەندىن تارتىپ، ھازىر ئامېرىكادا تىكىلىۋاتقان قوناقنىڭ %75 ى گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۇرۇقلاردىندۇر.  ھەر بىر گېكتار تۇپراقتا 2 توننا مىكرو جانلىقلار بارلىقىنى ھېسابقا قاتقاندا تاق گ. ۆ. ج لار تېرىلغان تۇپراقلاردىكى جانلىقلار زەنجىرى بۇزۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشى بىلەن تۇپراقلار چۆللىشىشكە باشلىغان. ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بۇ ئۇرۇقلاردىن قايتا ھوسۇل مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، كېيىنكى يىل بۇ ئۇرۇقلارنى قايتا سېتىۋېلىش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن تەبىئەتنىڭ بىزگە بىكارلىق سۇنغان  ھاياتلىق مەنبەسى بولغان بۇ قىممەتلىك ئۇرۇقلار ئاز ساندىكى بىئو-ئىنژىنېر شىركەتلەرنىڭ مونوپۇللىقىغا كىرگەن بولىدۇ. تۇپراقلىرىمىز بۇ ئۇرۇقلارغا خۇمار بولغان، ئۇ ئۇرۇقلارسىز مەھسۇلات ئېلىش مۇمكىن بولمىغان بۇ خىل شارائىتتا بىزنىڭ نېمە تېرىپ نېمە يېيىشىمىزنى ئۇلار قارار بېرىدۇ، دېمەك.

مۇھىتمىز بىزنىڭ جان دوستىمىز. تۇپراق ھەم ھاياتتا ھايات مەنبەمىز ھەم ئۆلگەندە ياتار جايىمىز بولۇپ،  ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى بىزنىڭ ساقلىقىمىز دېمەكتۇر. بۇ تۇپراقلارغا كېسەللىك ئۇرۇقلىرىنى تىكسەك، كۈزدە بىتاپلىق مېۋىسىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز دېمەكتۇر.            

           

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى