گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار مەسىلىلەرگە چارەمۇ؟

 گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ( گ. ۆ. ج ) نى بازارغا سۇنۇۋاتقان بىئوتېخنىكا شىركەتلىرى گ. ۆ. ج لارنىڭ يېزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرخىل قاتتىق  ئىقلىم شەرتلىرىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئاسان بۇزۇلۇپ قېلىشتىن قوغداش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئۆمرىنى ئۇزارتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاشارەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئاچارچىلىقىغا چارە بولىدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەتكە بەخت ۋە سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى جار سالماقتا. شۇ بىر  ئېچىنارلىق ھەقىقەتكى دۇنيادا ھەركۈنى 3000 دەك ئىنسان ئاچارچىلىقتىن ئۆلمەكتە. ھەر سېكۇنتتا بىر نارسىدە بالا  ئاچارچىلىقتىن ھاياتقا كۆز يۇمماقتا.  ئىنسان سۈپتىمىز بىلەن بىزدىكى بەدەن، روھ ۋە تۈرلۈك  ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرنىڭ تېگىدە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە يۈز بېرىۋاتقان بالايى- ئاپەت، يىغا- زارىنىڭ ئاستىدا بۇ بىگۇناھ بالىلارنىڭ ئاھۇ- زارى، ئىنسانلارنىڭ تويماس ئارزۇ- ئارمانلىرى، ساقسىز ئاڭ- چۈشەنچىلىرى، خاتا تۇرمۇش پىچىملىرى ياتماقتا. ئەمما گ. ۆ. ج لار، تېخىمۇ كەڭ دائىرلىك قىلىپ ئېيتساق ئىنسانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ غايىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان CRISPR-Cas9   دەك گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسان ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كەشپىياتلار ۋە يېڭىلىقلار راستىنلا ئىنسانلارنىڭ مەسىلىلىرىگە چارە، دەردىگە دەرمان بولارمۇ؟

بىر مەسىلىنى ھەل قىلشتا، ئەڭ ئاۋۋال بۇ مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئەتراپلىق كۆزىتىش ئېلپ بېرىش، سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بەزى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم. چۈنكى مەسىلىلەرنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ خىللىق ۋە كۆپ قاتلاملىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئوتتۇرىغا قويماق ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئەگەر سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئوبدان بېكىتمەي، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويساق، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ توغرا يولنى يوقىتىپ قويىمىز. نىيەت - مەقسەت توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، مەسىلىلەرنى تونۇش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىمىز خاتا بولغانلىقى ئۈچۈن قېشىنى ئوڭشايمەن دەپ كۆزىنى كۆر قىلىپ قويىمىز.

ئىنسانىيەتنىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاچارچىلىق ۋە قەھەتچىلىك  ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەر باسقۇچىدىكى ئېچىنارلىق رېئاللىقى، شۇنداقلا قوش كېزەك تۇغقىنى بولۇپ كەلگەن. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، تارىخ ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئاچارچىلىقنىڭ مەھسۇلاتى. ئاچارچىلىق تۈپەيلى، ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرى ئوۋ ئوۋلاپ كۆچمەن ھايات كەچۈرسە، بەزىلىرى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ شەھەر مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان، بەزىلىرى مۇنبەت ۋادىلارغا كۆچكەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۇرۇشلار قوزغاپ بىرى- بىرنى قىرغىن قىلىشقان. ئەلمىساقتىن بېرى ئاچارچىلىق شائىر- يازغۇچىلارنىڭ ئىلھامى بولۇپ كەلگەن بولسا، ئاچارچىلىق بەزى ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى، بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ سەپسەتىسى ۋە قورالى بولۇپ كەلگەن. كۈنىمىزدە بولسا گ. ۆ. ج گە ئوخشاش يېڭى پەن- تېخنىكا ۋە كەشپىياتلارنىڭ ياخشى نىيىتى ۋە چىقىش نۇقتىسى بولماقتا.  گ. ۆ. ج لار 1996- يىلىدىن بېرى بازارغا سېلىنىپ ھازىرغا قەدەر يۈزلەرچە ھەسسە قاتلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئاچارچىلىق ھېچقاچان تۈگىنىنى يوق، لېكىن  ئۈمىدلەرمۇ پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كەتكىنىمۇ يوق.  دېھقانچىلىق ۋە يېمەكلىك تەشكىلاتى (Food and Agriculture Organization, FAO ) نىڭ 2019 يىللىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى ھەر 9 كىشىنىڭ بىرى ئاچ بولۇپ، ئاچارچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ سانى 2018- يىلى 811 مىليونغا يەتكەن.

 ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبى سۈپتىدە ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان سەۋەب ئىنسان نوپۇسنىڭ جىقىيىشى ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئازلىشى بولۇپ، قارىماققا بۇ  ناھايىتى مەنتىقىلىقتەك بىلىنىدۇ. چۈنكى دۇنيا نوپۇسى 1804- يىلى 1 مىليارد ، 1987- يىلىدا 5 مىليارد بولسا، بۈگۈن 8 مىلياردغا يەتتى. ئىنسانلارنىڭ ئاڭسىز تېرىقچىلىق قىلىشى ۋە ئولتۇراقلىشىشى تۈپەيلى ھەريىلى نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرلىرى چۆللەشمەكتە ۋە  خانى- ۋەيران بولماقتا. ئەمما بۇلار ئاچارچىلىقنىڭ  ئاساسلىق سەۋەبى بولماستىن ئاچارچىلىق، ئاساسلىق سەۋەبى بولغان ئادالەتسىزلىك، ھەقسىزلىق ، مال- مۈلۈكنى بۆلۈشتۈرۈشتىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن مەيدانغا كەلگەن بىر نەتىجە،خالاس.  OXFAM ( Oxford Committee For Famine Relief  ) نىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە قارىغاندا،  دۇنيادىكى بايلىقنىڭ %60 ى 2153 مىليادېرنىڭ چاڭگىلىدا بولۇپ، دۇنيادىكى يۈزدە بىر پىرسەنتلىك ئىنسان  7 مىليارد كىشىدىن 2 ھەسسە تېخىمۇ باي. يەنى دۇنيادىكى ئىنسان نوپۇسىنىڭ جىقلىقى ۋەياكى رىزىقنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، مەۋجۇت رىزىق بىر تۇتام كىشلەر تەرىپىدىن مونۇپۇل قىلىنىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىيەت ئاچارچىلىق گىردابىدا ياشىماقتا. ئەگەر بۇ بايلىقلار ئادىل شەكىلدە بۆلۈشتۈرۈلسە ياكى بۇ بايلارنىڭ بايلىق توپلىشى ئۈچۈن دۇنيا ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا كۆز يۇمۇلمىسا، دۇنيادا ئاچارچىلىق، كىلىماتتا قۇرغاقچىلىق، ئنسانىيەتتە ۋەيرانلىق بولمايتتى. نوبىل مۇكاپاتى ئالغان ئىقتىسادچى Amartya Sen مۇ ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاشلىقنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، ئاشلىقنىڭ ئادىل ئۆلۈشتۇرۈلمىگەنلىكتىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يەنى ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبى ئاچكۆزلۈكتۇر. ئاساسلىق سەۋەپ مۇشۇنداق تۇرۇپ باشقا سەۋەبلەرنى جار سالىش، كۆزبويامچىلىق باشقا بىر نەرسە ئەمەس. 

گ. ۆ. ج مەسىلىلەرگە چارە بولارمۇ؟ ئارگىنتىنادا 1970 لاردا كلاسسىك ئۇرۇقلار بىلەن تېرىقچىلىق قىلىدىغان مەزگىللەردە كەمبەغەللىك نىسبىتى %5  بولغان بولسا ، گېنى ئۆزگەرگەن ئۇرۇقلار بىلەن تېرىقىچىلىق قىلىنىۋاتقان 2002- يىلىدا  بۇ سان %51 گە يەتكەن. ھىندىستاندا گېنى ئۆزگەرگەن ئۇرۇقلارنىڭ قەرزىنى قايتۇرالماسلىق تۈپەيلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغانلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئاۋۇماقتا. 2008- يىلدىلا 16000 دېھقان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان( تاش دەۋرىدىكى يېمەك - ئىچمەكلەر- ئەھمەت ئايدىن).

ئىنسان ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كەشپىياتلار ۋە يېڭىلىقلار راستىنلا ئىنسانلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولارمۇ؟ مارىيە كۈرىيدەك كەشپىياتلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئىنسانلارغا بېغىشلايدىغان پەنشۇناسلار بىلىم دۇنياسىدا يوقاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈم خەۋپى بۇرنىنىڭ ئۇچىغا كەپ قالغان Covid مەزگىلىدىمۇ، بۇ تېخىنىكلارنى مونوپول قىلىۋالغان بىئوتېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەرخىل باھانىلار بىلەن كېسەللەرنىڭ مازارلىقى ئاستىدىن مىليارد دوللار تاپقانلىقىغا شاھىت بولدۇق.

شۇڭا مەسىلىلەرنىڭ چارىسى پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئەمەس، ئىنسانلىقنىڭ مەنىۋى تاكاممۇلىقىدادۇر. چۈنكى ئىنسان بولۇپ تۇغۇلدۇق، ئەمما ئىنسان بولۇشقا، ئىنساندەك ياشاشقا قادىر  بولالمىدۇق. ئەگەر ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلىپ ئىنسان بولالىغان كۈن دۇنيادا مەسىلىلەر قالمايدۇ. يېڭىلىقلار ئالدىدا ئۆزىمىزنى يېڭىلىمىسەك يېڭىلىمىز!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى