ھەرىكەتتە بەرىكەت بار
ھەرىكەت ھاياتلىقنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ھەم ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ۋە ھەم ھاياتلىقنىڭ غايىسىدۇر. ھەرىكەت ھالىتىدىكى كائىناتقا جۆر بولۇپ ئايلىنۋاتقان پىلانېتالار، كۆك ئاسماندا ئۈزۈۋاتقان بۇلۇتلار، مەيىن شاماللار، لەرزان قانات قېقىۋاتقان ئۇچار قۇشلار، يەردە كۆۋەجەپ ئېقىۋاتقان دەريالار، ئېرىق - ئۆستەڭلەر، يايلاقلاردا ئويناق قوي- پادىلار، قىمىرلاۋاتقان قۇرۇت- قوڭغۇزلار، بىخ سۈرۈۋاتقان ئۆسۈملۈكلەر، يەر ئاستىدىكى ماگمىلار، دېڭىز- ئوكياندىكى بېلىقلار، ھەتتا ھەربىر ئاتوم ۋە ھەربىر ئېلېكترون ھەرىكەت ھالىتىدە بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرگە قاراپ زېمىندا جانسىز ھىچ بىر شەيئىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئىنسانلارغا قارىساق ھەرىكەتچان تۇخۇم ۋە ئىسپېرمىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغان تۆرەلمە، كائىناتنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئىلھام ۋە كۈچ - قۇۋۋەت تېپىپ يۈرەك سوقۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن بەدىنىمىزدە بىر ھاياجان ۋە ھاياتلىق باشلايدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ زەررە ھەرىكىتىدىن توقۇلمىلارنىڭ پائالىيىتى، مۇسكۇللارنىڭ ئۇزىراپ- قىسقىرىشى، ئورگانلارنىڭ سىستېمىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرىكىتىگە كۈچ بېرىدىغان ئىنسانىيەت مەيدانغا كېلىدۇ. يەنى ھاياتلىق ھەرىكەت ئۈستىگە پروگىراملانغان بولۇپ، ھەرىكەتسىزلىك ئۆلۈمدىن ئىبارەتتۇر.
ھەرىكەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان
بۇ غايە ۋە ئېنىرگىيەنىڭ ئىسمى بەرىكەتتۇر. بەرىكەتنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئىپادىسى
ساغلاملىق بولسا، روھىمىزدىكى بېشارىتى خۇشاللىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جەمئىيەتتىكى نەتىجىسى پاراۋانلىق ۋە
ئىناقلىقتۇر. ھازىرقى ھاياتىمىزدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ، چۈشكۈنلۈكلەرنىڭ ۋە ئازاب-
ئوقۇبەتلەرنىڭ تېگىدە ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت ھەرىكەتسىز ھايات ئەندىزىمىز، مۇقىم
ئولتۇرۇشقا باغلىنىپ قالغان خىزمەت شەكلىمىز ياتىدۇ. بولۇپمۇ ئېلېكتروتور ئالاقىسى ھاياتىمىزغا
كىرگەندىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتىمىز، خىزمەت ھاياتىمىز ۋە ئالاقە شەكىللىرىمىز قاتارلىقلاردا
ساغلاملىقىمىزغا زىيانلىق بولغان زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. ھەممەيلەن
ئورۇندۇققا قېقىلغان قوزۇق، تورغا باغلانغان تىزىق بولدۇق، بۇ « يېڭىلىقلار»
ساغلاملىقىمىزغا تۇزاق بولدى. بۇ خىل ھەرىكەتسىز ۋە تەبئىيتىمىزگە يات تۇرمۇش قېلىپى شەخسلەردە
سېمىزلىك، قان بېسمى، يۈرەك تىقىلمىسى، دىئابىت ۋە پالەچلىك قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى
پەيدا قىلغان بولسا، كوللېكتىپ ئارىسىدا سەھىيە راسخوتلىرىدىكى زور چىقىمغا، پاراۋانلىق
سىستېمىسىدىكى پالەچلىككە سەۋەب بولدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ
ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان تۇنجى « دۇنيا جىسمانىي ھەرىكەت دوكلاتى»دا، ئەگەر
ئىنسانلار ۋە دۆلەتلەر جىددىي تەدبىر ئالمىغان تەقدىردە 2020 ۋە 2030 - يىللار
ئارىسىدا بۇ ھەرىكەتسىزلىك تۈپەيلى 500 مىليون كىشى يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن ئاستا
خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىغان بولۇپ، بۇ
كېسەللىكلەرنىڭ يىللىق داۋالاش چىقىمىنىڭ 27 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى كۆزدە
تۇتۇلغاندا بۇ چىقىمنىڭ 2030- يىلىغا بارغاندا 300 مىليارد دوللارغا يېتىپ
بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىلمەكتە. بۇ پۇلنىڭ
نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى « ساغلاملىق تۈمەن بايلىق » ناملىق يازمىمىزدا
« كېسەللىكلەرنىڭ %80 دىن كۆپى ئىنسانلارنىڭ
ساقسىز تۇرمۇش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەبىئىيلىك پەلسەپىسى بىلەن ھايات
ئۇسۇلىمىزنى تۈزەتسەك ۋە بۇنى %1 ئىنسان ئەمەلگە ئاشۇرالىدى
دەپ پەرەز قىلساق، دۇنيا داۋالاش راسخوتىنىڭ %1 نى يەنى 70 مىليارد دوللارنى ئىقتىساد قىلىمىز! ئەگەر بىر
كىشى كۈندە 100 دوللار ئىقتىساد قىلسا، بۇ 70 مىليارد دوللارنى يىغىش
ئۈچۈن 1917790 يىل كېتىدۇ، بىر كىشى 100 يىل ياشىسا ھەر كۈن 100 دوللار خەجلىدى دېسەك بۇ پۇل
19110 ئەۋلادقا يېتىدۇ» دېگەن
تەرىقىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى
بولىدىغان كېسەللىكلەر ۋە چىقىم بولۇپ، بۇ پۇللارنى بۇ شەكىلدە خەجلەش ئىسراپخورلۇق
ۋە نادانلىق، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە
تەييارلانغان پالاكەت ، ئىنسانىيەتكە قىلىنغان خىيانەتتۇر.
بۇ دوكلاتتا يەنە دۆلەتلەرنىڭ
يېرىمىدىن جىقىنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك جىسمانىي ھەرىكەت پىلانى ياكى سىياسىتىنىڭ
يوقلىقى، بار بولغانلارنىڭمۇ پەقەت 40% نىڭ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى، نۇرغۇن
دۆلەتلەرنىڭ پىيادە يۈرۈش ۋە ۋېلسىپىت مىنىشكە مۇناسىپ يوللىرىنىڭ ئازلىقى قەيت
قىلىنماقتا. يەنى بىر دۆلەتنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مىللەتنىڭ
ساغلامىلىق ساپاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش پەقەت دوختۇرخانا سېلىش، ئىلغار پەن- تېخنىكا
ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلش بىلەن ئىشقا ئاشمايدىغان بولۇپ، بۇ يۈكسەك غايە ۋە خىزمەت
پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئاڭ - ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئۇلارنى يارىتىلىش تەبىئىيتى
بولغان ھەرىكەتكە قايتۇرۇپ ئەكىلىش بىلەن مۇمكىن. بەزىلەر بۇ گەپ- سۆزلەر ئالدىدا
قۇرۇق گەپتىن نەپ چىقماس دېيىشى مۇمكىن. ئەمما گەپ ئەمەس كاللىمىز قۇرۇق
بولغانلىقى ئۈچۈن نەپ چىقمايدىلىقىدا شەك يوق. ئەمەلىيەتتە نەپ ۋە رەھمەت گەپ-
نەسىھەتنىڭ ئۆزىدۇر.
بەدىنىمىزگە ساغلاملىق،
روھىمىزغا خۇشاللىق، تۇرمۇشىمىزغا گۈزەللىك ، ئۆمرىمىزگە بەرىكەت ئەكىلىش ئۈچۈن
ھەرىكەت قىلشىمىز لازىم. بەرىكەتنىڭ ھەرىكەتنىڭ نەرىدە ۋە سانىدا ئىكەنلىكىنى
بىلەلمەيمىز. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىنسانلارغا ھەپتىدە ئەڭ ئاز 150 مىنۇتلۇق
يېنىڭ تەنھەرىكەت ياكى 75 مىنۇتلۇق ئېغىرراق بىر تەنھەرىكەت تەۋسىيە قىلماقتا.
ئەمما سىدنى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە دائىر سانلىق
مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەپتىدە 15 مىنۇت يەنى كۈندە 2 مىنۇت ئېغىرراق دەرىجىدىكى بىر تەنھەرىكەتنىڭمۇ (
يۈگرەش، پەشتاقتىن چېقىش ) ئۆلۈم نىسبىتىنى %18 چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا
قويدى. ئەگەر تەنھەرىكەت ۋاقتى كۈندە 2 مىنۇتتىن 7 يېرىم مىنۇتقا چىقىرىلسا، ئۆلۈم نىسبىتىدىكى چۈشۈش %36 گە يۈكسىلىدىكەن.
ھەرىكەتنىڭ قەدرىنى ئەڭ ياخشى پالەچ بولغانلار
بىلسە كېرەك. ئۇلارنىڭ كارىۋاتتا بولسىمۇ ئەزالىرىنى قىمىلدىتىشى، ھاسىلار ۋە
تۇغقانلىرىنىڭ قولتۇقىدا بىر قەدەم تاشلاش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تەمشىلىشى
ھەرىكەتتىن ئىبارەت بۇ بىباھا گۆھەرنى ئۈنسىز توۋلىماقتا. ئەمما قۇلقىمىز گاس
ئۇلارنى تۇيالمايمىز، كۆزىمىز كۆر ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرەلمەيمىز، قەلبىمىز
تاش ئۇلارنىڭ قايغۇلىرىنى ھېس قىلالمايمىز. قىسقىسى، ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا
قويۇپ بېقىشتىن ئىبارەت تۇيغۇداشلىق ئېڭىدىن مەھرۇممىز. كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن
ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلايلى. ھەرىكەت بىلەن شەكلىمىزگە سۈپەت، بەدىنىمىزگە قۇۋۋەت، قەلبىمىزگە ئۈمىد،
ئۆمرىمىزگە بەرىكەت، سەپىرىمىزگە ئامەت، كەلگۈسىمىزگە سائادەت كەلسۇن!