ئاقسىل ۋە ساغلام ئەۋلاد

ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىنساننىڭ بىئولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ ھەم ئىجتىمائىي ئېھتىياجى ھەم ياشاش غايىسىدىن بىرى. چۈنكى نۇرغۇن  چوڭ ئىشلار ۋە يۈكسەك غايىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن، بىر ئىنساننىڭ چەكلىك ئۆمرى يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇلارنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش، كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ بۇ مىراسقا ئىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كىيىنكى ئەۋلادلارغا گۈزەل كېلەچەك، گۈزەل ئەخلاق ۋە شۇنداقلا ساغلاملىق مىراس قالدۇرۇپ كېتىش،  بىر ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتلەر ئۈستىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر. « راك مىراس قالمىسۇن »ناملىق يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك،  ئىنسانلار ناتەبىئىي  يەپ – ئىچىشى، ساقسىز تۇرمۇش ئەندىزىسى سەۋەبلىك مەيدانغا كىلىدىغان راك گېنى ۋە راكنىمۇ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرىدىغانغا ئوخشاش، تەبىئىىي  يەپ - ئىچىش، ساغلام تۇرمۇش ئەندىزىسى بىلەن پەرزەنتلەرگە ساغلام ۋۇجۇد، كۆتۈرەڭگۈ روھ مىراس قالدۇرۇپ كېتىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولۇپ، بۇ تامامەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىش. ئىرسىي كېسەللىكلەر ئەسلىدە بىر قانچە ئەۋلاد خاتا تۇرمۇش ئەندىزىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنى پەقەت تەقدىرگە، گېنگە دۆڭگەپ قويۇش مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ۋە يارىتىلىشقا چاپلانغان تۆھمەتتىن ئىبارەت، خالاس.

ئېگىز بىنالارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن تۆمۈر، قۇم،سېمونت، توپا ۋە ئوبدان بىر قۇرۇلۇش لايىھىسى بولىشى زۆرۈر بولغانغا ئوخشاش، ساغلام ئەۋلادلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈنمۇ ئاقسىل، ياغ، شېكەر، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە توغرا تۇرمۇش ئەندىزىسى بولىشى كېرەك. ئەگەر ۋۇجۇد بىناسىنىڭ چېرتيوژى بولغان تۇرمۇش ئەندىزىسىدە خاتالىق بار بولسا ۋە بىز بۇنى گېنىمىز بىلەن كېيىنىكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغان تەقدىردە، قۇرۇلۇش خام ئەشيالىرى بولغان بىلەن  يېڭى ئەۋلادلاردا ساغلام بەدەن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ ۋە كېسەللىكلەرگە قۇربان بولىدۇ. ساقسىز بەدەندە ساغلام غايە- تىلەكلەر ئۈنۈپ چىقمايدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، سۈپەتلىك قۇرۇلۇش خام ئەشيالىرى بولمىغان تەقدىردە ياكى قايسى قۇرۇلۇش خام ئەشيالىرىنىڭ سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تاللاپ ئىشلەتمىگەندە، گۈزەل چېرتيوژ بولسىمۇ يەنىلا ساغلام بەدەن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ۋۇجۇدىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئېسىل خام ئەشيا ئاقسىلدۇر.

ئاقسىل ئەزالىرىمىزنىڭ پائالىيىتى ۋە ئىقتىدارى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئاقسىلنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان ئامىنو كىسلاتالار ( Amino acid ) بەدىنىمىزدىكى ھورمون، قان، مۇسكۇل، ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. بەدىنىمىز ھەر كۈن سۈپەتلىك ئاقسىللارنى ئالمىغاندا بالىلارنىڭ  ئۆسۈپ - يېتىلىشىدە ئېگىز- پەسلىك، ھەرخىل ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيەسىدە ئاجىزلىشىش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، جىسمانىي، ئەقلىي ۋە روھى كېسەللىكلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئاقسىل ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى ئوق- دورا ۋە قورال - ياراق ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈنمۇ كېرەكلىك بولغاچقا، ئەگەر ۋۇجۇدتا ئاقسىل كەمچىلىكى كۆرۈلگەن تەقدىردە قورال - ياراقسىز قالغان ئەسكەرلەر مىكروب ۋە توكسېنلارغا تەسلىم بولىدۇ. شۇڭا سۈپەتلىك ئاقسىل دېمەك دۈشمەنگە قارشى سىپىل دېمەكتۇر. نۆۋەتتە دۇنيادا 165 مىليونى بالىلارنى ئۆزى ئىچىگە ئالغان بىر مىليارد ئىنساندا ئاقسىل يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى، بۇ ساغلام سىپىلدىن مەھرۇم بولغانلىغى ئۈچۈن، بەش ياش ئاستىدىكى بالىلار ئۆلۈملىرىنىڭ %45 ى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ( دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ). 

بۇيەردىكى سۈپەتلىك ئاقسىلدىن مەقسەت، ئىنسان بەدىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرالمايدىغان لېكىن چوقۇم ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلىشى زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتالارنى ئۆز ئىچگە ئېلىشى شەرت. يەنى بىزنىڭ ھاياتىمىز مۇشۇ تەرىقىدە ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارغا باغلانغان بولۇپ، ئۇلارسىز ساغلام بەدەنگە ئىگە بولىشىمىز،  شۇنداقلا ئۇلارنى سۆيمەي تۇرۇپ ئىنسان بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.  كۈنلۈك ئوزۇقلۇقلاردىن ئېلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتالارنىڭ سانى چوڭلاردا 8 بولۇپ (leucine - isoleucine- methionine- phanylalanine- threonine- tryptophan-valine- lysine )، بالىلاردا arginine- histidine ئىبارەت بۇ ئىككى ئامىنو كىسلاتاسىنى قوشقاندا جەمئىي 10تالدۇر. ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈپىتى ئۇلار ئۆزى ئىچىگە ئالغان بۇ قىممەتلىك ئامىنو كىسلاتالارنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسان ئۈچەيلىرىدە سۈمۈرلۈش مىقدارىغا ئاساسەن بەلگىلەنمەكتە. بۇ سەۋەپلىك ئانا سۈتى، تەبىئىي تۇخۇم ۋە گۆشلەر ئەڭ ئېسىل ئاقسىل مەنبەلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ يەردە «ھەكىم ئىزى» ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مۇھىم نۇقتا ئۇلارنىڭ تەبىئىي بولىشىدۇر. ھايۋانلار بىر ياقتا تۇرسۇن، نۆۋەتتە ئانىلارمۇ ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك، شېكەر- تېتىتقۇلار بىلەن جالىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلىدە، ئانا سۈتىنىڭمۇ سۈت پارشوكىدىن پەرقى قالمىغىلى تۇردى. ھەرخىل ئىسىم ۋە مەقسەت بىلەن سېتىلىۋاتقان سۈنئىي ئاقسىللار بولسا، ھەل بېرىلگەن ھېكايە، چۆچەك ۋە تەمسىلدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. گەرچە بەزى ئۆسۈملۈك تۈرلىرىدىمۇ مەلۇم مىقداردا ئامىنو كىسلاتالار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۈچەيلىرىدە سۈمۈرلۈشى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئوتخۇرلاردا ئاقسىل، ۋىتامىن، تۆمۈر ۋە باشقا ئېلېمېنتلارنىڭ- كەمچىللىكى يۈز بېرىدىغانلىقىنى « ئوتخورلۇقمۇ ؟ گۆشخورلۇقمۇ؟» دېگەن تېمىدىكى يازمىمىزدا ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتتۇق.

بالىلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىللارنىڭ %39- 33ى زۆرۈر ئامىنو كىسلاتالىرىدىن بولىشى كېرەك .1 باي ئائىلىنىڭ بالىلىرى گەرچە ئاقسىلغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولسىمۇ ئامما شېكەرگە دۈم چۈشكەنلىكى ئۈچۈن، كېسەل ئەۋلاد مەيدانغا كېلىۋاتقان بولسا، كەمبەغەل ئائىلىنىڭ بالىلىرى ئاقسىل ئەمەس قۇرۇق نانغا پۇل يوق بولغانلىقىدىن ئاجىز ئەۋلاد يېتىشمەكتە.  پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ ساغلام ئەۋلاد بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىز چوڭلارنىڭ ئېسل بولىشىغا باغلىق. ئېسىل بولۇش دېمەك، ئەۋلادلارغا ئاقسىل بولۇش دېمەكتۇر.

  1. G. Wu, F. W. Bazer and H. R. Cross, Land-based production of animal protein: impacts, efficiency, and sustainability, Ann. N. Y. Acad. Sci., 2014, 1328, 18–2

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى