بەل ئاغرىقى

ئالدىنقى يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك ئاغرىق مۇرەككەپ تەركىبىي بولغان بەدىنىمىزنىڭ بىر قارار بېرىش جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مېخانىك، پسىخولوگىيەلىك ۋە مۇھىت سەۋەبلىرى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئاغرىقنى تونۇش، بىلىش ۋە تىندۇرۇش قاتارلىقلار ئۇنى ھېس قىلىشتەك قولاي ئىش ئەمەس. بەزىدە ئاغرىق بىزنىڭ ئولتۇرۇپ- قوپۇش شەكلىمىزدىكى خاتالىقلاردىن مەيدانغا كەلسە، بەزىدە بەزى خىزمەت تۈرلىرىنىڭ بىزگە بەرگەن < ئاچچىق سوۋغىتى > بولىشى مۇمكىن. ئاغرىق سەۋەبى بەزىدە مىجەزىمىز ۋە مىزاجىمىزغا زىت ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىز بولسا، بەزىدە ئەزالىرىمىزنىڭ بۇ ئەۋەتكەن سىگنالنىڭ  تېگىدە چوقۇم بىر كېسەللىك بار چۈشەنچىسىنىڭ بىزگە بەرگەن ئەندىشە ۋە تەشۋىشلەرنىڭ نەتىجىسى بولىشى مۇمكىن . كۈندىلىك ھايات ۋە ھەر قايسى ياش گۇرۇپپىلارىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بەل ئاغرىقى بۇنىڭ تىپىك مىساللاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 يەر شارىنىڭ ئوقى بولغانغا ئوخشاش ئومۇرتقىمىز بىزنىڭ ئوقىمىز بولۇپ، بەدىنىمىزدىكى پۈتۈن ئورگان- ئەزالارنىڭ خىزمىتى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ھاياتى بۇ ئوق ئەتىراپىدا چۆگىلەپ داۋام قىلىدۇ. ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىدىن پەيدا بولغان ئومۇرتقا قانچىغا يۇلۇن ۋە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى جايلاشقان بولۇپ، يۇلۇن  تۈرلۈك غىدىقلىنىش بىلەن ھېس قىلغۇچىلاردا مەيدانغا كەلگەن سېزىملارنى ۋە ئۇچۇرلارنى مىڭىمىزغا توشۇيدىغان، مىڭمىزدە شەكىللەنگەن ھېسلارنى ۋە  قارارلارنى بەدىنىمىزنىڭ ھەرتەرىپىگە تارقىتىدىغان تېز سۈرەتلىك يول، ئوپتىك خەۋەرلىشىش تورىدۇر. بۇ سەۋەپلىك ئومۇرتقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ھايات پائالىيىتىمىزنىڭ ۋە بىخەتەرلىكنىڭ تۈپ ئاساسى. بەدىنىمىزدە  7 دانە بويۇن ، 12 دانە كۆكرەك  ۋە 5  دانە بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى بولۇپ، بۇلار ئومۇرتقا بوغۇملىرى ، ئومۇرتقا تەخسىسى، ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان تالا، پەي ۋە كۈچلۈك مۇسكۇللار بىلەن چەمبەرچەس ۋە ئېلاستىكىلىق ھالەتتە  بىر-بىرىگە باغلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەل ئومۇرتقىسى ئەڭ جىق بېسىم ۋە يۈكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا بەل ئومۇرتقىلىرىمىزنىڭ ئۇپرىشى، بۇ بۆلىگىنىڭ ئاغرىشى كۆپ ئۇچۇرماقتا.  

ئىنسان بەدىنى ھەرىكەت قىلىشقا پروگىراملانغان بولۇپ، بىزنىڭ ئۆرە تۇرۇشىمىزنىڭ ئۆزى بىر نېمەت. ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى كېسەللەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۆرە تۇرالمىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەپلىك ئۆپكىسدە بەلغەم يىغىلىپ قالغانلىقتىن ئۆپكە ياللۇغىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇندىن 100 يىل ئاۋۋال ئۇيقۇدىن سىرت ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىمىز 3-2 سائەت بولسا، ھازىر15-8 سائەت ۋاقتىمىزنى ئورۇندۇقتا ئۆتكۈزىمىز ( Mayo clinic  ). بۇ قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت پۈتۈن بەدەننىڭ يۈكىگە دۇچار بولغان بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۇپرايدۇ. تەنھەرىكەت بىلەن كۈچلەنمىگەن  پەي ۋە كۈچلۈك مۇسكۇللار ئومۇرتقا بوغۇملىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئومۇرتقا تەخسىسىنىڭ قېيىشى ۋە  رايوندىكى نىرۋىلارنى بېسىشى بىلەن بەلدە ئاغرىق ھەتتا پۇتلىرىمىزدا ئۇيۇشۇش مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ئاغرىق ئىنساننىڭ ياشلىق مەزگىلىدە باشلايدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا كۈندۈز كارۋاتتا بەلدىكى ئۇيۇشۇقلۇق، ئاغرىق بىلەن باشلاپ، كۈن ئىچىدە ھەرىكەت بىلەن قويۇپ بېرىدۇ. مەلۇم يەردە كۆپ ئولتۇرۇش ۋە تۇيۇقسىز بەدەن ھەرىكىتى بىلەن تەكرار قوزغىلىدۇ. بۇ خىل مېخانىكىلىق ئاغرىقىنىڭ كۆپىنچىسى پەي، مۇسكۇللار ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ئازلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يىغىلىپ قالغان بىسىم ۋە  سىگناللارنى زېمىن ياكى باشقا يەرلەرگە تارقىتالمىغانلىقى ئۈچۈن مەيدانغا كېلىدۇ.

مۇھىم بولغان نۇقتا، بەل ئاغرىقى پەقەت ئومۇرتقا تەخسىسىنىڭ پولتىيىپ چىقىشى سەۋەپلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر بەل ئاغرىقىنى ئوپېراتسىيە قىلىش ياكى ئوكۇل قاتارلىق باشقا ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشقا ھىچ كېرەك يوق. بۇلارنى توغرا ھەرىكەت ، تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە مۇۋاپىق فىزىكىلىق داۋالاش بىلەن پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى ۋە ساقايتقىلى بولىدۇ.  ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىققان تەقدىردىمۇ ئەگەر پاچاقلارنىڭ سېزمىدا ئۆزگىرىش بولمىسا ئوپېراتسىيە قىلىشىغا ھاجەت يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئومۇرتقا تەخسىسىنىڭ پولتىيىپ چىقىشى ئاغرىقنىڭ سەۋەبى بولماسلىقى مۇمكىن. بەزى ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن يىللار ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقسىمۇ، ئەمما ھىچ ئاغرىق ھېس قىلماي ئۇنىڭ بىلەن ئەپ- ئىناق ياشىماقتا. ئەگەر ئومۇرتقا تەخسىسىنىڭ پولتىيىپ چىقىشنى ئاغرىقىنىڭ سەۋەبى دەپ خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ ئوپېراتسىيە بىلەن  ئومۇرتقا تەخسىسى  ئېلىنىپ تاشلانغاندا بەلكى ئاغرىق بىر ئۆمۈر داۋام قىلىش مۇمكىن. بۇنىڭ مىدېتسىنادىكى ئىسمى خىيالى ئاغرىق (  pain Phantom ) بولۇپ، بۇ پۇتى كېسىلگەن بىمارنىڭ داۋاملىق ئۇ ئاغرىقنى ھېس قىلىشىدۇر.

ئۇنداقتا بۇ بەل ئاغرىقىدىن قانداق قۇتۇلىمىز؟ ئەڭ ئاۋۋال ئاغرىقنىڭ پەقەت بىر ئاناتومىيەلىك يەردىكى كېسەللىكتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى، ئاغرىق بەلگە كەلگىچە يېمەك- ئىچمەك، يېتىپ- قوپۇش، پسىخىكا ۋە مۇھىت قاتارلىق نۇرغۇن باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقتەك ئىبارەت بىر ئاڭنىڭ تىكلىنىشى لازىم. گەپنىڭ پوس كاللىسىنى دېگەندە  ناتەبىئىي ئوزۇقلانغان، سېمىز، چۈشكۈن، ھورۇن ئىنساننىڭ بىلى ئاغرىماي قالمايدۇ. بەل ئاغرىقىغا نىسبەتەن توغرا چۈشەنچە شەكىللەنگەندىن كېيىن ھاياتىمىزغا ئەكىلىدىغان  كىچىككىنە بىر ئۆزگىرىش بىلەن بەل ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن. ئۇخلىغاندا سول تەرەپكە يان يېتىش، پاچاقلىرىمىزنىڭ ئارىسىغا كىچىك ياستۇق قىستۇرۇش، بىريەرگە ئۇزۇن ۋاقىت قادىلىپ ئولتۇرماسلىق، ھەر بىر سائەتتە بىر تۇرۇپ بەل- بويۇننى ھەرىكەت قىلدۇرۇش، بېلمىزنى قوغداش ئۇچۇن  ئورۇندۇق بىلەن بىلىمىز ئارىسىغا بىر كىچىك ياستۇق قويۇش، ھەركۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم قوساق قاتلاش ۋە يەر بېغىرلاش ئارقىلىق بەل مۇسكۇللىرىمىزنى كۈچەيتىش، پۈچەك يېمەك- ئىچمەككە پۇل خەجلىگەننىڭ يېرىگە ئانچە- مۇنچە بەل كاۋاپ يېيىش قاتارلىقلار ناھايىتى ئاددى ئەمما تەسىرى ئاجايىپ كۈچلۈك تەدبىرلەردۇر. ئەگەر ھازىر بۇ تەدبىرلەردىن قاچساق، ئەتە ئوپېراتسىيە پىچىقىغا تۇتۇلىمىز.

ئاتا- بوۋىلىرىمىز بۇ ئوقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەچكە بېلىگە بەلۋاغ باغلاشنى ۋە كەمەر تاقاشنى ئادەت قىلغان. بۇ پەقەت ئىشتان- باغنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس ئەينى ۋاقىتتا بىلىمىزنىڭ ئاغرىقنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. تەدبىرىمىزنى ئالايلى، بىلىمىزدىن ئاغرىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايلى. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى