ئاغرىق، بەدىنىمىزدىن تۇرسۇن ئۇزاق

 « بەدەن ساقلىق تىلى» ناملىق يازمىمىزدا ئېيتىلغاندەك ،  بەدەن ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى، بەدىنىمىزنىڭ ساقلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان ، كېسەللىك ئەھۋالىمىزنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىر بەدەن ساقلىق تىلى بار. بەدىنىمىز چىقارغان تاۋۇشلار بىلەن بىزگە بىر نېمىلەرنى پىچىرلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن. يۆتەللار نەپەس يوللىرىمىزنىڭ ناتەبىئىي ھاۋا، گاز، چاڭ- توزاڭ تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىزگە ۋاقىراۋاتقان بولسا، ھەق تۇتۇشلار، قوساقلاردىكى غۇرۇلداشلارمۇ مىجەزىمىزگە ۋە مىزاجىمىزغا يات نەرسىلەر زۇۋانىمىزدىن ئۆتكەنلىكىنى بىزگە توۋلىماقتا.  ئەزالىرىمىز ئۆزىگە قىلغان ھەقسىز مۇئامىلىلەرگە، ناتوغرا ھەرىكەت ۋە ھايات پىچىملىرىغا بەزىدە ئاچچىقلىنىپ قىزىتمىسى ئۆرلىسە، بەزىدە ھەرخىل ئاغرىقلار بىلەن بىزگە غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادە قىلماقتا. بىز بولساق بۇ ئاچچىقلىنىش ۋە غەزەپ- نەپرىتىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ قولاي بولغان قىزىتما دورىسى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچلار بىلەن بۇلارنىڭ ئاۋازىنى بوغاشنى، ئاغرىقلارنىڭ سەۋەبىنى ئەمەس، ئاغرىقلارنى ئۆزىنى داۋالاشنى ماھارەت دەپ بىلىمىز. ئاغرىق مۇتەخەسسىسى ئەزدەشىر كەمالى < ئاغرىقنىڭ تىلى > دېگەن كىتابىدا، « ئاغرىق، ئىنسانلارنى ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە بىر چاقىرىقدۇر. ئاغرىق ئېقى قەغەز، قاراسى سىيادىن ئىبارەت ئاددىي بىر مەسىلە بولماستىن ، بىئولوگىيەلىك، پسىخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي تەركىبلىرى بولغان مۇرەككەپ  بىر تىلدۇر. ئاغرىقلارنى يېڭىش پەقەت بۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تونۇپ يېتىش بىلەن مۇمكىندۇر » دېمەكتە.

كۈندىلىك ھاياتىمىزنى قولايلاشتۇرۋاتقان ، شوپۇرسىز ماشىنىلارنىڭ ھاياتىمىزغا بۆسۈپ  كىرىشىنى مۇمكىن قىلىۋاتقان ھېس قىلغۇچىلار ( sensor  ) غا ئوخشاش، بەدىنىمىزدىمۇ بىزنىڭ ھەرخىل ھېس- تۇيغۇلىرىمىزنى، ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىدىغان، تونۇيدىغان ھېس قىلغاچ ئاپپاراتلىرىمىز بار.  ئىنژېنېرلىقتا بۇلارنىڭ ئىسسىقلىققا سەزگۈر، مېخانىك، خىمىيەلىك، ئېلېكترونلۇق، ماگىنىتلىق ۋە ئوپتىكىلىق قاتارلىق تۈرلىرى بولسا، بەدىنىمىزدىكى ھېس قىلغۇچ ئاپپاراتلىرىمىزنىڭ تۈرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئوخشاشمىغان ھېس قىلغۇچىلار ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، بىرى- بىرى بىلەن ماس ھەركەت قىلىش قابىلىيتىگە ئىگە. تۈرلۈك غىدىقلىنىش بىلەن ھېس قىلغۇچىلاردا مەيدانغا كەلگەن سېزىم ھەرخىل يوللار بىلەن مېڭىمىزگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئاۋۋال ھېس، ھېسدىن كېيىن بولسا بۇ تاشقى ئاگاھلاندۇرۇشقا قارىتا ئىدراك، قەلبىمىزدە تۇيغۇ ۋە بەدىنىمىزدە ھەرىكەت شەكىللىنىدۇ. ئاغرىق بۇ مۇرەككەپ باسقۇچلارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئوخشاشمىغان ئىنسانلاردا ئاغرىقنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش غىدىقلاش ياكى تەسىر بەزىلىرىمىزدە چىدىغۇسىز ئاغرىق پەيدا قىلسا، بەزىلىرىمىزنىڭ قىلى تەۋرىمەسلىكى مۇمكىن.

ئاغرىقنىڭ سەۋەبى مۇسكۇل، بوغۇم، پەي، سۆڭەك ، نىرۋا ۋە قان- تومۇردىكى كېسەللىكلەر بولغانغا ئوخشاش، كاللىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ساقلانغان ، باستۇرۇلغان تۇيغۇ- چۈشەنچىلىرىمىز ۋە روھ مەسىلىلىرىمىزمۇ بولىشى مۇمكىن.  ئاغرىق ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ بەدىنىمىزدىكى ھېس قىلغۇچىلارنىڭ غىدىقلىنىشقا بولغان سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كېلىشى ياكى بىزلەرنىڭ خاتا يېتىپ- قوپۇش ۋە ھەرىكەت شەكلىمىزدىن تۈپەيلى مۇسكۇللارنىڭ سىپازمىسى ۋە قان- تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىشى مۇمكىن. دېمەكچى بولغىنىمىز ئاغرىق مېڭىنىڭ بېرىدىغان قارارى بولۇپ، بىز ئەسلىدە ئاغرىقىنى بەدەننىڭ ھەرقايسى  قىسىملىرىدا ئەمەس مېڭىمىزدە ھېس قىلىمىز. خۇددى ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش مەركىزى مېڭىدە بولغاچقا، بىز كۆزۈمىز بىلەن قاراپ، مېڭىمىز بىلەن كۆرگەنگە ئوخشاشتۇر. ئەگەر پەقەت كۆزىمىز بىلەن كۆرىدىغان بولساق پۈتۈن شەيئىلەرنى تەتۈر كۆرگەن بولاتتۇق. شۇڭا مېڭىمىز بەدىنىمىزدىكى بىر غىدىقلىنىشقا  ئاغرىق ھېسسى بىلەن جاۋاب بەرگەنگە ئوخشاش، چۈشكۈنلۈك، قورقۇش، ئاچچىقلىنىش، غەم- قايغۇلارمۇ مېڭىمىزدە ئاغرىق سىگناللىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بەدىنىمىزنىڭ ھەرتەرىپىگە ئەۋەتىلىشى مۇمكىن. مەسلەن بەزى تەنھەرىكەتچىلەردە مۇسابىقە ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن سۇنۇق ياكى پەيلەردە مەيدانغا كەلگەن يىرتىلىشتىن ئاغرىق ھېس قىلماي، مۇسابىقە تۈگىگەندىن كېيىن ئاغرىق ھېس قىلغانغا ئوخشاش. چۈنكى ئۇ ئەسنادا مېڭىنىڭ پۈتۈن پائالىيىتى مۇسابىقىگە مەركەزلەشكەن بولغاچقا ئۇ يىرتىق- سۇنۇقلاغا جاۋاب بەرگىدەك ۋاقتى يوق.

پۈتۈن ئاغرىقلارنىڭ بىر فىزىكىلىق سەۋەبى ياكى بىر كېسەللىك تۈپەيلى بولىشى شەرت ئەمەس. يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك ئاغرىقنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ھەر باسقۇچقا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەك- ئىچمەك، ھەرىكەت، ئىدىيە- ئىرادە ۋە تۇيغۇلىرىمىزدەك  فىزىكىلىق بولمىغان ئامىللارمۇ ئۇنىڭ سەۋەبى بولىشى، بۇلارنى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى بىلەن تېپىپ چىقىش مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. بەزى ئەھۋاللاردا ئاغرىقنىڭ يوق سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن قىلغان بىھۇدە تىرشچانلىقىمىز، مەنپىي نەتىجىلەرنىڭ بىزنى قايىل قىلالماسلىقى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن تەشۋىش ۋە ناتوغرا داۋالاش ئۇسۇللار بۇ ئاغرىقنىڭ بەدىنىمىزنى تەرك ئەتمەي داۋام قىلىشىغا سەۋەبچى بولىشى مۇمكىن.

ئاغرىق بەدىنىمىزنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن لېپاپىغا ئوراقلىق سالام خېتى. بۇ خەتنىڭ مەقسىتى ۋە  بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى خەتتە ساقلاقلىق. بەدەن ئۆزگە خاس بۇ تىل بىلەن بىزگە بىر نەرسىلەرنى پىچىرلاپ، بىر نەرسىلەردىن بېشارەت بەرمەكتە. ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ ئاغرىقسىز بىر جاۋاب خەت يېزىش ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. قېنى مەرھەمەت، ئۇ لېپاپىنى ئىچىپ خەتنى ئوقۇيلى، ئاغرىق- سىلاقسىز بىر ھايات ئۈچۈن قەلەمنى قولىمىزغا ئالايلى.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى