ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىپ باققانلار

 ئۆلۈم ئاجايىپ بىر ھادىسە بولۇپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھەقىقەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەسلىدە بىر تارازا بولۇپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئېغىرلىقى ئەڭ خاتاسىز بىر شەكىلدە ئۇ پەيىتتە ئۆلچىلىپ دەپتەرگە يېزىلىدۇ. ئۆلۈم ئەسلىدە بىر مەكتەپ بولۇپ، ئىنسان ھاياتى بۇ مەكتەپنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. ئۆلۈم ئەسلىدە ئەڭ چوڭ پەندى- نەسىھەت بولۇپ، ئىنسان بۇ نەسىھەت بىلەن توغرا يولنى تاپالايدۇ. ئۆلۈم ئەسلىدە بىر كومپاس ( GPS ) بولۇپ، تۇرمۇش چۆلىدە ھەر تەرەپتىن كەلگەن بوران- چاپقۇن تۈپەيلى، يولدىن ئېزىپ قالغانلارغا ئاخىرقى مەنزىلنى ھەردائىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆلۈم ئەڭ چىن مەۋجۇدلۇق پەلسەپىسى (Ontology ) بولۇپ، باشقا پۈتۈن ئىدىيە- چۈشەنچىلەرنى تىز پۈكتۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۆلۈم ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ھاياتىغا نىسبەتەن بىر چىكىتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت بىر پەشتىن ئىبارەت، خالاس. بۇ سەۋەپلىك ئۆلۈم ھاياتقا ھايات ۋە مەنا قوشقانلىقى ئۈچۈن، قورقۇنچلۇق بولىشى بىلەن بىرگە ھەم چىرايلىقتۇر. شۇڭلاشقا ئۆلۈمنىڭ مەنىسىنى، ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەن بۈيۈك زاتلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ساھىبجامالغا ئوخشاتسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنى ھاياتلىق ئۆيىگە كەلگەن مېھمانغا ئوخشاتقان. يەنە بەزىلىرى  بولسا كىچىك پىئىللىقىدىن ئۆلۈم پەيتىدە كۆز ياشى تۆكسە ، بەزىلىرى بېرىلگەن ئىلھام بىلەن ئۆلۈمگە تەبەسسۇم قىلالىغان.

مېدىتسىنادا ئۆلۈم يۈرەك سوقۇشىنىڭ توختىشى، دەپ ئىزاھلىنىدۇ. ئەسلىدە ئۆلۈم روھنىڭ بەدەندىن ئايرىلىشى بولۇپ، ھازىرقى پەن- تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بۇ ۋاقىتنى توغرا ئۆلچەپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن كېسەللەر باركى يۈرىكى توختاپ بولغاندىن كېيىن، يەنى ئاتالمىش ئۆلگەندىن  كېيىن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، يۈرەكنى سىرتتىن مۇجۇش ۋە يۈرەك رىتىمىنى توك بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن يۈرەك- ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش (Cardiopulmonary resuscitation  ) ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، يۈرىكى قايتىدىن سوقۇشقا باشلاپ بەزىلىرى نورمال،  يەنە بەزىلىرى ئۆسۈملۈك ھاياتقا قەدەم تاشلايدۇ. ئۇنداقتا يۇقىرىقى ئېنىقلىمىغا ئاساسەن بىز ئۆلۈكنى قايتىدىن تىرىلدۈرگەن بولامدۇق ؟ ئۇنداق ئەمەس ! بىز يۈرەك توختىغان چاغدا روھنىڭ بەدەندىن ئايرىلىپ- ئايرىلمىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، كىمنىڭ ھەققىي ئۆلۈپ- ئۆلمىگەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمەيمىز. روھى بەدەندىن ئايرىلمىغانلارنىڭ يۈرىكى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئايرىلغانلارنىڭ بولسا ھەرگىز ئەسلىگە كەلمەيدۇ. يەنى ئۇ پەيتتە سۈنئىي قۇتۇلدۇرۇش ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، كېسەلنىڭ ھەققىي ئۆلۈپ - ئۆلمىگەنلىكىنى دوختۇر بىلەلمەيدۇ. 

« ئۆلۈشتىن ئاۋۋال بىلىۋال » دېگەن يازمىمىزدا ئوتتۇرىچە يېشى 89- 60 ئارىسىدىكى ئۆلۈمنىڭ دوقمۇشىغا بېرىپ قالغانلارنىڭ،  ھاياتتىن چىقارغان خۇلاسىلىرىنى بەش سىر سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ھەمبەھىرلەشكەن ئىدۇق. بۈگۈنكى يازمىمىزدا ئۆلۈمنىڭ بوسۇغىسىغا بېرىپ ئۆلۈمنىڭ ئىشكىنى قېقىپ ئۆلۈمنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ باققان، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يۈرىكى توختاپ بولغاندىن كېيىن يۈرەك- ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ھاياتقا قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ، يەنى بىر ئۆلۈپ بىر تىرىلغانلارنىڭ ئۇ پەيتتىكى ھېس - تۇيغىلىرىغا قاراپ چىقىمىز.

ئامېرىكا NYU Langone Health داۋالاش مەركىزىدىكى دوختۇر Sam Parnia باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ مۇتەخەسسىسلەر،  25 يىل ئۈزلۈكسىز 567 كېسەل ئۈستىدە ئۆلۈم پەيتىدە نېمىلەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆزەتكەن. ئۇلار ھاياتقا قايتىپ كەلگەن كېسەللەرنىڭ  ئۆلۈم ئەسناسىدا مېڭىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ئېلىپ بارغان - بارمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە مېڭە كۈزىتىش ئەسۋابلىرى باغلىغان. مۇتەخەسسىسلەر بەزى كېسەللەرنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغان بىلەن ھۇش- ئىدراكىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈرىكىنىڭ  سىرتتىن مۇجۇلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، يەنە بەزىلىرى ئۆزىنىڭ ئېغىر قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئىكەنلىكىنى، ئەتراپىدا بولۇۋاتقانلارنىڭ ھەتتا دوختۇر- سېستىرالارنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىق ئېسىگە ئالغان. ئۇ پەيىتتە بىر قىسمىنىڭ ھاياتى فىلىم لېنتىسىدەك كۆز ئالدىدا جانلانغان بولسا، بەزىلىرى ئۆزلىرىنى بىر يەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى، بەزىلەر بولسا ئوتتا كۆيۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان.

يېقىندا بىزنىڭ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان، 20 - 10 مىنۇتتەك سۈنئىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ھاياتقا قايتىپ كەلگەن بىر خىزمەتچىمىز بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۆزىنىڭ ھېچ بىرنەرسىنى ئەسلىيەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. يۈرەك سوقۇشىنىڭ يۈرەكنى سىرتتىن مۇجۇش ئېلىپ بېرىلغاندىن باشلاپ بىرنەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئەسلىگە قايتىپ كېلىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ،كۆپىنچە ھاللاردا يۈرەك 10 مىنۇتتىن كىيىن قايتا سوققان تەقدىردىمۇ، ئارىلىقتىكى ۋاقىتتا مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئوكسىگېنسىزلىقتىن ئۆلۈپ  كېتىدىغان بولغاچقا، كېسەللەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئۇقتۇرالمايدىغان بىر ئۆسۈملۈك ھاياتقا مەھكۈم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا كۆزىدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقان كۆز ياشلىرىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە دەيدىغان بەك جىق يۈرەك سۆزلىرى ۋە نەسىھەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايسىز. ئەمما ئۇلار دېيەلىگەن تەقدىردىمۇ، بىزلەر بۇلاردىن قانچىلىك تەجرىبە- ساۋاق يەكۈنلىيەلەيدىغانلىقىمىز نامەلۇم. چۈنكى ئىنسانلار ئۇنتۇغاق بولغاچقا، بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ. مەن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان تۇرۇپ ھاياتىنى ئۆزگەرتمەي ياشاۋاتقانلارنى خېلى كۆپ تونۇيمەن.

ھايات بىزگە بېرىلگەن بىر نېمەت ۋە پۇرسەت. ئۆلۈم بىلەن بۇ پۇرسەت قولىمىزدىن ئېلىنغان چاغدىكى پۇشايمان بولسا ئۆلۈمدىن بەتتەر بىرئاپەت ۋە قىيامەت. بىر يازغۇچى دېگەندەك : < بىر ئىتنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىت بولۇپ قاۋاپ بېقىشنىڭ كېرىكى يوق >.  ئىنسان تەپەككۈر كۈچى بىلەن ئۆلۈم كەلمەي تۇرۇپ، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىماي تۇرۇپمۇ ئۆلۈمنىڭ ئىنسانلارغا بېرىدىغان ھېس- تۇيغۇلىرىنى، پەندى- نەسىھەتلىرىنى بىلەلەيدۇ، ئاڭقىرالايدۇ. كېلىڭ راستىنلا ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋال بىر سائەت بولسىمۇ يالغاندىن ئۆلۈپ باقايلى ۋە ئۇ نۇقتىدىن ھاياتىمىزغا تەكرار نەزەر تاشلايلى. چۈنكى ئۆلۈم < مەن كېلىۋاتىمەن>  دېمەيدىغان تەكلىپسىز مېھمان، ھايات بولسا ئۆلۈمگە < ئازراق تۇپ تۇر > دېيەلمەيدىغان ساھىبخان.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى