تومىلاق بالىلىق، سوقىچاق ساقلىق

نۇرغۇن مەدەنىيەتلەردە ( culture ) بالىلارنىڭ تولۇن ئايدەك سېمىز، تومىلاق بولىشىنى ساغلاملىقنىڭ بېشارىتى دەپ بىلىۋالغاچقا،  بوۋاقلارنىڭ سېمىز بولىشى ئاتا- ئانىلىرىنى خۇشال قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىپتىخار مەنبەسى بولماقتا. ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز كېسەل بولىشىنى چۈشىنەلمىگەن ئاتا- ئانىلار، بۇ ئەھۋالدا< بالىلىرىمىزغا  كۆز تەگدى > دەپ كېسەللىكنى تەقدىرگە باغلاپ، بۇ ئىشتىن ئاسانلا قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا چۈشمەكتە. ئەپسۇس، ئىش تەقدىر بوسۇغىسىغا كەلگىچە، نۇرغۇن تەدبىرلەردىن ۋاز كېچىلگەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت، ئۇلارنىڭ خىيالىغا پەقەتلا كەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى سېمىزلىكنىڭ سەۋەبى،  ساپ ئانا سۈتى بولسا ئىدى مەسىلە يوق. ئەمما بۇ سېمىزلىكنىڭ سەۋەبى،  ئانىسىنىڭ تەبىئىي ئوزۇقلانمىغانلىقى ئۈچۈن، ھاسىل بولغان سۇ قېتىلغان سۈت بىلەن ۋە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن بالىلارغا تېڭىلغان، بالىلارمۇ تەمىنىڭ تاتلىقلىقىدىن بىر ئاغىزىغا ئالدىمۇ، ئۆز ئانىسىنىڭ سۈتىنى ياقتۇرمايدىغان سۈت پاراشۇكلىرى بولغاچقا مەسىلە چىقماقتا.

سېمىزلىك كۆپ قېتىم تەكىتلىگىنىمىزدەك بىر ياغ راكى بولۇپ، ئو خۇددى راك ھۈجەيرىسىدەك پۈتۈن ئورگان ۋە قان- تومۇرلىرىمىزنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. قوساق ۋە بەللەرگە يىغىلىۋالغان ياغلار مۇز تاغنىڭ كۆرۈلگەن قىسىمى بولۇپ، بىزنىڭ ئېنېرگىيە زاۋۇتىمىز بولغان جىگەر دەسلەپ  مايلىشىپ فۇنكسىيەسى ئاجىزلىشىدۇ ، ئۇندىن كېيىن باشقا يەرلەر مايلىشىشقا باشلايدۇ. بۇ سېمىزلىك كورونا يۇقۇملۇق كېسىلىدەك پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىپ ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا ئاپەت بولماقتا. ئىشنىڭ ئەڭ چاتاق تەرىپى شۇكى،  بۇ كېسەللىك كىچىك بالىلارغا قەدەر يېتىپ بارغاچقا،  بىچارە بالىلار ھايات سەپىرىنى پەرقلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆلەڭگىسىدە باشلاشقا مەجبۇر بولماقتا. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى  ( CDC ) نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،  سېمىزلىك ئامېرىكادىكى بالىلار ۋە ياشلارنىڭ %20 دە، چوڭلارنىڭ % 42 دە بار بولۇپ، تۈركىيەدە ھەر ئۈچ بالىنىڭ بىرسىدە سېمىزلىك كۆرۈلمەكتە ئىكەن.  جەمئىيەتتە نەقەدەر سېمىزلىك بار بولسا ئۇ جەمئىيەت ئۇ دەرىجىدە ساقسىز، كېسەل دېمەكتۇر.  چۈنكى سېمىزلىك كېسەللىككە يېزىلغان باغاق بولۇپ، سېمىزلىك پۇت- قوللىرىمىزغا يۈك بولغاندەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزغىمۇ ئېغىر يۈكتۇر. ياغ ھۈجەيرىلىرىدىن ئاجرىلىپ چىققان ھورمونلار بىزنىڭ ئىچ تەڭپۇقلىقىمىزنى بۇزۇپ قان بېسىمى ، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابىت قاتارلىق ۋۇجۇد كېسەللەرگە سەۋەب بولىدىغان بولسا، سېمىزلىك ئېلىپ كەلگەن روھى بېسىم ئۆزىنى قوغداش ۋە پسىخىكىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلارنىڭ تەڭتۇشلىرى تەرىپىدىن مازاق قىلىنىشقا، دوست- يارەنلىك قۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ۋە جەمئىيەتتىن يىراقلىشىشىغا، ئۆگنىش نەتىجىلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولماقتا. تېخى بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ مەيدانغا كەلگەن بەدەن ۋە روھ كېسەللىكلەرنىڭ جىقلىقىدىن،  ئىنسان ياقىسىنى چىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

بۇ قەدەر جىق كېسەللىكلەرگە تەسلىم بولغان مېدىتسىنا دۇنياسىنىڭ كۆزىنى قارايتىپ، نىيىتىنى بۇزغانلىقىنى پەرق قىلىش ئۇنچىۋېلا تەس ئەمەس. يېقىندا ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئاكادېمىيەسى ( American Academy of Pediatrics ) مەلۈم بىر شىركەتنىڭ  سېمىزلىكنى داۋالاش دورىسىنى بازارغا سالغاندىن كىيىن، توساتتىن سېمىزلىكىنى داۋالاش قوللانمىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قوللانمىدا داۋالاش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىشقا يارىمىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، سېمىز بالىلارغا 12 ياشتىن ئېتىبارەن دورا بىلەن داۋالاش، 13 ياشتىن ئېتىبارەن ئوپېراتسىيەدەك رادىكال داۋالاش ئۇسسۇللىرى بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار تەۋسىيە قىلىنماقتا. مەزكۇر قوللانما يەنە سېمىزلىكنىڭ بىر تۇرمۇش شەكلى مەسىلىسى ۋە كېسەللىكى ئەمەسلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر بىئولوگىيەلىك ھادىسە ئىكەنلىكى تەكىتلەش ئارقىلىق، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈكنى ئېلىۋەتتى. چۈنكى ئاتا- ئانىلار بۇنىڭدىن كىيىن مېدىتسىنا كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ، دەيدىغان دوختۇرلار تەرىپىدىن بالىلارغا ئوكۇل ۋە ئوپېراتسىيە تەۋسىيە قىلىنغاندا سەۋەبنى تەقدىرگە، كۆز تېگىشكە ئارتىشقا ھاجەت تۇيماستىن زامانىۋى مېدىتسىنادىن تەسەللىي تاپىدىغان بولدى. 

« سەمرىتكەن ياغ ئەمەس، شېكەر » دېگەن يازمىمىزدا كۆرسىتىلگەندەك،  نۆۋەتتە سېمىزلىك سەۋەب بولغان ئاساسلىق سەۋەب،  شېكەر ۋە ھەرخىل تېتىتقۇلار بىلەن بومباردىمانغا ئۇچراۋاتقان ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ۋە ھەرىكەتتىن ئۇزاق ناتوغرا تۇرمۇش پىچىمىمىز بولۇپ، ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئاكادېمىيەسى دېگەندەك، بۇ نوقۇل بئولوگىيەلىك ھادىسە ئەمەس. ھازىرقى بالىلارنىڭ قايسىسى بىزدەك تۇغۇلۇشىدىلا سۈت پارشوكى ئىچمەي چوڭ بولىۋاتىدۇ؟ قايسىسى  كەچكىچە ئاتا- ئانىسى چاقىرمىغىچە،   دوست- يارەنلىرى بىلەن يۈگۈرۈشۈپ چۇقان سۈرۈپ ئوينايدۇ؟ قايسىنىڭ داستىخانلىرىغا قايماق چاي، سۈت چاي، پولا- كاۋاپ، سۇيقاش- ئۈگرە، لەغمەن- گاڭپەن قاتارلىق ھەرخىل ئانا مېھرى بىلەن ھازىرلانغان تاماقلار،  ھەركۈنى پەرقلىق شەكىللەردە تىزىلىدۇ؟  قايسىسىنىڭ شېكەرلىك تاماقلىرى بىزنىڭكىدەك ھەپتىدە بىر قېتىم ناۋات بىلەن ئېتىلگەن ھالۋا ۋە ئانىمىزنىڭ ئۆز قولى بىلەن سالغان پىچىنىلىرى ئىدى؟ ھازىرقى بالىلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا شېكەر قېتىلغان سۈنئىي سۈت پارشوكى ئىچىشكە مەجبۇر، ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئەڭ يېقىن دوستى بولغان ئېلىكترونلۇق ئەسۋابلار بىلەن ھەرىكەتسىز تۇرمۇشقا مۇپتىلا ۋە ئۇلارنىڭ تەم سەزگۈسى شېكەرنىڭ بومباردىمان قىلىشى بىلەن بۇزۇلغان بولغاچقا، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل تاماق خامبۇرگەر، پىسا،  رەڭلىك سوغۇق ئىچىملىكلەردۇر. دۇكانلار بولسا ئۇلارنىڭ ئېغىز تەمىگە ئۇيغۇن، ساغلاملىقىغا قارشى مەھسۇلاتلار بىلەن تولۇپ تاشقان. بۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سېمىز بولماي كىم سېمىز بولسۇن ؟

بالىلىرىڭىزنىڭ تومىلاق بولىشى ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ئەمەس، ساقسىزلىقىنىڭ بېشارىتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىشىنى خالىمىسىڭىز، سېمىزلىكى ئۈچۈن دورا- ئوكۇل ۋە ئوپېراتسىيە پىچىقىغا  رازى بولمىسىڭىز،  ھازىردىن باشلاپ ئۇلارنىڭ  تەبىئي  ئوزۇقلىنىشقا، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۇرۇشىگە ياردەم قىلىڭ. تاماقلارنىڭ پاك ۋە پاكىز بولىشى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، پاك تاماق ئۇلارنىڭ روھىغا كۈچ بولسا، پاكىز تاماق ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا قۇۋۋەت بولىدۇ. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى