قەھۋە قايسىغا تەۋە؟

قەھۋە گەرچە بىزنىڭ مىللىي ئىچىملىكىمىز بولمىسىمۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەردىكى مىللەتلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىچىملىكلىرىدىن بىرىسى. مەسلەن ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى بولغان كوففېئىن ( caffeine ) مىقدارى بويىچە ھېسابلانغاندا، ئامېرىكادا كىشى بېشىغا كۈندە 250 مىللىگرام كوففېئىن ئىستېمال قىلىنسا، شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە (Scandinavian  ) كىشى بېشىغا كۈندە 400 مىللىگرام ئىستېمال قىلىنماقتا. قەھۋەنىڭ ساغلامىلىققا بولغان تەسىرى ھەققىدە ھەرخىل رىۋايەتلەر تارقىلىپ، پەرقلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاچقا ئىنساننىڭ كاللىسى قايمۇقۇپ قالماقتا. ئۇنداقتا قەھۋە زادى ساغلاملىققا دوستمۇ، دۈشمەنمۇ؟ قەھۋە قايسىغا تەۋە؟

قەھۋە تروپىك بەلۋاغلاردا ئۆسۈپ- يېتىلىدىغان قەھۋە دەرىخى ئۇرۇقلىرىنى سوقۇپ ئۇۋۇتىلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر دەرەختىن 5 كىلو قەھۋە ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭدىن بىر كىلو قەھۋە ھوسۇل ئېلىنىدۇ. ئىلمىي ماقالىلاردا كوففېئىن ئىسمى تۇنجى قېتىم 1819- يىلى گېرمانىيەلىك خىمىك Friedich Ferdinand Runge  تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كوففېئىن يەنە نۇرغۇن دورىلارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەھۋەدىكى كوففېئىن مىقدارى قەھۋە دەرەخ تۈرى، قەھۋەنىڭ قورۇلۇش ۋاقتى ۋە قەھۋە دەملەش ئۇسۇلنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن پەرقلىق بولۇپ، 65 مىللىلىتىرلىق بىر ئىستاكان تۈرك قەھۋەسىدە 65 مىللىگرام كوففېئىن بولسا، ئوخشاش مىقداردىكى Espresso دا 200 - 130 مىللىگرام كوففېئىن بار. 200 مىللىلىتىر بىر ئىستاكان سۈزمە قەھۋەدە 170-  120 مىللىگرام كوففېئىن بار بولۇپ، بىر ئىستاكان ھازىر قەھۋەدە 100 مىللىگرام كوففېئىن بار.

قەھۋە بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،  قەھۋەنىڭ ئىنسانلارنىڭ دىققەت كۈچىنى كۈچەيتىپ ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغانلىقى، چۈشكۈنلىكنى ئازايتىدىغانلىقى، ئىشتىھانى تىزگىنلەپ سېمىزلىكىنى كونترول قىلشتا رول ئوينايدىغانلىقى، تەرتىپلىك ئىچىلگەندە راك، دىئابىت، پالەچلىك ۋە يۈرەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقى ، ساغلام بىر ئىنساننىڭ  كۈندە 400 مىللىگرام كوففېئىن ئالغاندا بەدەندە ئەكىس تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىلمەكتە. 

ئەمما يېقىندا  Journal of Amercan heart Association  ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان، 79-40 ياش ئارىسىدىكى 18000 دىن ئارتۇق ئەر-ئايال ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا،كۈندە ئىككى ئىستاكان قەھۋە (200 مىللىگرام كوففېئىن) ئىچىدىغان ئەمما mm Hg 160/100 ۋە ئۇنىڭ ئۈستى يۇقىرى قان بېسىمى بار بولغانلاردا قان- تومۇر كېسەللىك سەۋەبلىك ئۆلۈم خەۋپىنى ھېچ قەھۋە ئىچمەيدىغانلارغا نىسبەتەن 2 ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ئوخشاش تەتقىقاتتا كۈندە بىر ئىستاكان قەھۋە ( 100 مىللىگرام كوففېئىن )  نىڭ قان بېسىمى بار بولغانلاردا بۇ ئۆلۈم خەۋپىنى ئاشۇرمايدىغانلىقى بايقالغان. ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنستىتۇتى ھامىلە ئاياللارنىڭ كۈندە 200 مىللىگرامدىن جىق كوففېئىن ئىستېمال قىلماسلىقىنى تەكىتلىمەكتە. كۈندە 300 مىللىگرامدىن جىق كوففېئىن ئالغان ئاياللارنىڭ كوففېئىن ئالمىغان ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغاندا ئورۇق، يېتىلگەندە پاكا بولۇپ قىلىش خەۋپى بارلىقىنى ۋە بەزى ۋاقىتلاردا بويىدىن ئاجراشقا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم خەۋپ قەھۋەدىن ئەمەس قەھۋەگە قېتىلغان ئاقارتقۇچى، ئىسپىرت قاتارلىق قاتما ماددىلاردىن كېلىپ چىقماقتا. قەھۋەنىڭ ئەسلى تەمى قىرتاق بولۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىچىشكە ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاتالمىش سۈت پاراشوكى ئىسىمى بىلەن ئاقارتقۇچ قېتىلىپ قىرتاقلىقى ئازايتىلماقتا  ياكى باشقا تەم بەرگۈچى ماددىلار بىلەن قورۇلۇپ، خۇددى ساراڭ دوغقا ئوخشاش قەھۋە  تەلۋە بىر ئىچىملىككە ئايلاندۇرۇلماقتا. قەھۋەگە قېتىلىۋاتقان سۈت پاراشوكى ياكى قەھۋە قايمىقى ئىسمى بىلەن بازارغا سېلىنىۋاتقان قەھۋە ئاقارتقۇچلارنىڭ  سۈت بىلەن پەقەت ئالاقىسى يوق بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئالداشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. قەھۋە ئاقارتقۇچى ئىچىدە رەڭلەندۈرگۈچ، تەم بەرگۈچ، بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچ ۋە قېتىپ نوكچا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سىلىقلاشتۇرغۇچ قاتارلىق بىر قانچە خىمىيەلىك ماددىلار بار بولۇپ، ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق خورما يېغى ، سۈنئىي سېرىق ماي، شېكەر شەربىتى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچىسى، خالاس . 100 گىرام قەھۋە ئاقارتقۇچىkcal 550  كالورىيىگە ئىگە بولۇپ، تەركىبىدە 35 گىرام ياغ، 58 گىرام شېكەر، 2.1 گىرام ئاقسىل بار. بۇلارنى ئىستېمال قىلغان ئىنسانلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشتىن قېچىپ قۇتۇلۇشى تەس. يەنى بۇ ئاقارتقۇچىلار سىزنى ھەقىقەتەن تولۇن ئايدەك  سەمرىتىپ «ئاقارتماقتا». شېكەر شەربىتى كراخمالنى سۇ بېسىمى بىلەن پارچىلاش ئارقىلىق ھاسىل بولدىغان بولۇپ، ھەققىي شەربەت يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقىدۇر .    E554 مەخپى ئىسمى بىلەن ئاقارتقۇچىنىڭ ئىچىدە بار بولغان ناترىي ئاليۇمىن سىلىتسىي  (sodium aluminum silicate  ) نىڭ دېۋەڭلىك ۋە باشقا ئۈچەي كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، خورما يېغى ئىشلەپچىقىرىشىدا مەيدانغا كېلىدىغان گلىتسىدول (glycidol   )  راك پەيدا قىلغۇچىلاردىن بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

خۇلاسىلىغاندا، قەھۋەنى ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىكى بىلەن، يىڭى ئۇۋۇتۇلغان ساپ ھالەتتە سۈزمە قەھۋە شەكلىدە ئىچىكەندە ئۇ بىر ساغلاملىقنىڭ دوستى. ئەمما ئۇنىڭغا ھەرقانداق بىر ماددىنى قېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەبىيلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش بىلەن قەھۋەنى تەلۋە قىلىش ساغلاملىققا قىلىنغان ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىك. ئەگەر ئاچچىق دەپ ئىچەلمىسىڭىز ئۇنى ئىچمەي قويۇڭ، چۈنكى ئۇ ساقلىق ئۈچۈن تېپىلماس بىر ئەڭگۈشتەر ئەمەس. باشقىلار قەھۋە ئىچەلەيدىكەن دەپ ئىچىگە شېكەر ۋە باشقا بىر نېمىلەرنى قېتىش ھەم ئۆزىڭىزنى ھەم ساغلاملىقىڭىزنى ئالداشتۇر. ئۇنتۇپ قالماڭ، يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.

مەنبەلەر: https://www.akademikakil.com/kahve-beyazlaticisi- hastalik-kaynagi-olabilir-mi/hasanbasrisavas 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى