«چوڭ تەرەتنى چوڭ « كۆرۈۋېلىش

 ئىنسان بەدىنىدە ئىنسان ھۈجەيرىسىدىن جىق باكتېرىيە بار، ئۇنىڭ سانى 100 تىرىلىيوننى ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇ  ئىنسان ھاياتىنىڭ قالقىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى پىدائيىلىرىدۇر.  ۋۇجۇدىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بىلەن كۈرەش قىلىش،  بەدىنىمىزگە سۈمۈرۈلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە مۇھىم بەزى ۋىتامىنلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى قاتارلىق ئىشلاردا،  ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىغا جايلاشقان بۇ باكتېرىيەلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇلار ئۆز ئالدىغا بەدىنىمىزدە بىر ئىمپېراتورلۇق قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىمپېراتورلۇقنىڭ ئىسمى مىكروبلار دۇنياسى (  Microbiome )دۇر. ئەگەر بۇ مىكروبلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، دۈشمەن باكتېرىيە دوست باكتېرىيەدىن غالىب كەلسە، بەدەندە ھەرخىل كېسەللىك باشلايدۇ. ھەتتا ئىنسان بۇ مىكروبلار دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ.

بۇ مىكروبلار ئەينى ۋاقىتتا ئۈچەي يوللىرىمىزنىڭ ئەستىرى بولۇپ، بىر قەۋەت پەردە يولى بىلەن ئۈچەي يوللىرىمىزنىڭ يول ساقچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئەگەر بۇ ساقچى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋەزىپىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغاندا،  ئىچىمىزگە كىرگەن توكسېىنلەرنىڭ كۆپى بۇ بىخەتەرلىك  لىنىيەدىن قېچىپ ئۆتۈپ، قان ئايلىنىش سىستېمىمىزغا قېتىلىپ،  بەدىنىمىزدە ئاستا خاراكتېرلىك مىكروبسىز ياللۇغ پەيدا قىلماقتا. دەل بۇ مىكروبسىز ياللۇغ ، ئۈچەي يوللىرىدىكى ئۆزئىمۇنىتېت كېسەللىكلىرى، شېكەر كېسىلى، سېمىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئاستا خاراكتېرلىك ھارغىنلىق، جىگەر قېتىشى ۋە باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ باش سەۋەبچىسى بولۇپ ، بۇلارنىڭ قىممىتى ۋە رولىنى تونۇپ يەتكەن  بەزى  پەنشۇناسلار،  بۇلارنى ئىنساننىڭ ئىككىنچى مېڭىسى دەپ ئاتىماقتا ۋە  چوڭ تەرەت  يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى ( Fecal Microbiota Transplantation )  دېگەن ناملار بىلەن،    كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن ساغلام ئىنسانلارنىڭ ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيەلەرنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق ساغلام ئىنسانلارنىڭ پوقىنى كېسەللەرگە يېگۈزمەكتە.

« بولدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم، ئۇنداقتا ساغلام ئىنسان؟» يازمىمىزدا دېيىلگەندەك، بۇ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تەننەرخى قىممەت بولۇپ،  ھەركىم بۇ چوڭ تەرەتنى يەيمەن دەپ، يېيەلمەيدۇ. نېمىشقا بۇنداق قىممەت؟  چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېلىشتۈرىدىغان رەڭگىنى ۋە پۇرىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن يۇيۇپ- تاراپ، ئوسمىسىنى قويۇپ، دوپپىسىنى كىيگۈزۈپ، ھايات قوزغاتقۇچ ( Probiotic ) دېگەن گۈزەل ئىسىمنى قويۇپ بازارغا سېلىش، ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ خام ماتېرىيالىنىڭ تەننەرخىمۇ قىممەت بولۇپ، ساغلام بىر تەخسىسىنىڭ باھاسى 40 دوللار ئەتراپىدا . ھازىرچە ئۇنىڭ شورپىسى بىكارلىق بولۇپ، كېيىنچە ئۇنىڭدىمۇ بىر پايدا كۆرۈلسە، قىممەتلەپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ چوڭ تەرەتنىڭ بۇنچىۋالا قىممەت بولىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ، ئۇنى بەرگۈچىنىڭ تەبىئىي ھايات شەكلىگە، تەبىئىي ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىغا ئىگە بولىشى كېرەك.  شەرتلەرنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلى ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىنساننىڭ چوڭ تەرىتى بۇ قەدەر قىممەتلىك بولۇپ،  كۆپچىلىكىمىزنىڭ خىمىيە ئوغۇتىدىن پەرقى بولمىغاچقا،  دېھقانلارمۇ بۇ ئىشلىتىشتىن ساقلانماقتا. بۇ شەرتلەر ئۇ قەدەر قىيىنكى ، بىر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىرىش،  بۇ چوڭ  تەرەتنىڭ ئىگىسى بولۇشتىن  تېخىمۇ ئاسان. قىسقىسى،  تەبىئىيلىك دېگەن ئۇقۇم ئۇنداق ئاددىي ،  تەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ئۇنداق قولاي ئىش ئەمەس.

نۆۋەتتە بۇ چوڭ تەرەت بازىرى ئۇ قەدەر قىزىپ كەتتىكى، يۇقارىدا تىلغا ئىلىنغان كېسەللەرنى داۋالاشتا تىپلماس ئەڭگۈشتەردەكلا كۆز- كۆز قىلىنماقتا. گەرچە نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ ، بۇ سېرىق ئالتۇن كۇمىلاچ سۈپتىدە كېسەللەرگە دام- دام قىلىپ يېگۈزۈلمەكتە. راست ئالتۇن قىممەتلىك ئەمما ئۇنى ئىنسان يېسە ئۆلۈپ كەتكەنگە ئوخشاش، بۇ چوڭ تەرەتنى يەپ شىددەتلىك ياللۇغ تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.  چوڭ تەرەت  يۆتكەشنىڭ  ھازىرغا قەدەر ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن ئىسپاتلانغان بىردىنبىر ئىشلىتىدىغان ساھە بولسا،  داۋالاشلارغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇلمىغان جاھىل خاراكتېرلىق Clostridioides Difficile باكتېرىيەسى مەيدانغا كەلتۈرگەن ساختا پەردىلىك ئۈچەي ياللۇغى ( Pseudomembranous colitis ) بولۇپ ، باشقا كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات نەتىجىسى تېخى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق.

كېلەچەكتە باشقا كېسەللەرگە بولغان ئۈنۈمى ئىسپاتلىنىپ چىققان تەقدىردىمۇ، باشقىلارنىڭ  چوڭ تەرىتى سىزگە ماس كېلىشى ناتايىن. چۈنكى بەدىنىمىزدىكى 1000 خىلدىن ئارتۇق باكتېرىيە بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرسى 2000 گېنگە ئىگىدۇر. ئۇلارنىڭ گېنلىرىنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى پەقەت %10 بولۇپ،  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،  ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ يېمەك - ئىچمىكى بىلەن چوڭ قىلغان ئۆزگە خاس باكتېرىيەسى ۋە چىقارغان چوڭ تەرىتى بولىدۇ. خۇددى ئورگان كۆچۈرۈشتە %99 ئوخشاش ئەزالار بىرى - بىرىنى يەكلىگەنگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ پوقىمۇ سىزنىڭ ئۈچىيىڭىزنى ياراتماسلىقى ياكى سىزنىڭ ناتەبىئىي بولغان يېمەك- ئىچمەك ئادىتىڭىز ۋە ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتىڭىزغا چىدىماي ئۆلۈپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. ئىشنىڭ توغرىسى، باشقىلارنىڭ چوڭ تەرىتىگە ھەۋەس قىلىپ ئۇلاردىن مەدەت كۈتۈش، پوقىغا پۇل خەجلىگەننىڭ ئورنىغا،  ئۆزىڭىز تەبئىي بولغان يېمەك- ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلىنىپ،  توغرا تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى يېتىلدۈرۈپ ئۆزىڭىزگە خاس، سۈپەتلىك چوڭ تەرەت ئىشلەپچىقارسىڭىز ساغلاملىققا تۆھپە قوشقان، تۇپراققا ياخشى ئوغۇت بەرگەن بولىسىز. ئېسىل ئىنسانلارنىڭ پوقىمۇ ئالتۇندۇر!

ئىنسان كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىدە يوق نەرسىلەر تۈپەيلى، باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىدۇ. ئەمما باشقىلارغا بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ چوڭ تەرىتىنى چوڭ كۆرمەي، ئۆزىڭىزدىكىنى قەدىرلەشنى بىلىڭ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى