بىئولوگىيەلىك سائەتكە دىققەت

 ھاياتىمىزدا سائەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. بولۇپمۇ ئىش رىتىمى تېزلاشقان، ھايات بىزنى ئالدىغا سېلىۋالغان بۇگۈنكى دۇنيادا، ئۇ رىتىمغا ماسلىشىپ مېڭىش، كەسپىي ھايات ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن،  ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم قابىلىيەتلىرىدىن بىرى ۋاقتىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر.  سائەتسىز بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆزگە خاس سائەتلىرى ۋە رىتىمى بار بولۇپ، مەۋجۇداتلار ئارىسىدىكى تەسىر كۆرسىتىش، بىر- بىرى بىلەن بولغان ئالاقە بۇ سائەتلەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا. يەرشارى ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن  23 سائەت 56 دەقىقە 4 سېكۇنت كېتىدىغان بولۇپ، يەر شارى ئۆزىگە بېكىتىلگەن بۇ سائەتكە قاتتىق رىئايە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرى، بۇ تەخمىنەن 24 سائەتكە ئاساسەن پىلانلانماقتا. ئىنسانلار ئارىسىدا بۇ سائەتنىڭ ئىسمى بىئولوگىيەلىك سائەت بولۇپ، ( Circadian rhythm  ) تەكشۈرۈپ بېكىتىشلەرگە ئاساسەن ئەرلەرنىڭ بىر كۈنلۈك  بىئولوگىيەلىك رىتىمى   24.19 سائەت بولسا، ئاياللارنىڭ 24.09 سائەت ئىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئىككى سائەتىمىز بولۇپ، بىرسى قولىمىزغا تاقاقلىق، يەنە بىرىسى ئىچىمىزگە ئېسىقلىق.

كۆپىنچە ھاللاردا ئىدراك قىلالمىساقمۇ، ئىچىمىزدىكى ئۇ سائەت ئاتوم سائەتتەك ئاجايىپ مۇنتىزىم ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن بىئولوگىيەلىك پائالىيەتلىرىمىز بۇ سائەتكە ماس پىلانلانغان. ئۇيقۇ ۋاقىتلىرىمىز، قان بېسىم ۋە يۈرەك رىتىمىمىز، جىگەرگە ئوخشاش بەدىنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇتلارنىڭ خىزمەت سائىتى، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلىرىمىزنىڭ ھەرىكەت سائەتلىرى، زېھىن قابىليەتلىرىمىزنىڭ ئۇچۇش ۋاقىتلىرى ۋە بەدىنىمىزدىكى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى قاتارلىق فىزىئولوگىيەلىك پائالىيەتلەردە،  بۇ سائەتنىڭ ئىزى ۋە تەسىرى بولىدۇ.  ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋاقىتقا رىئايە قىلمىغان بىلەن ئەمما بەدەن ئەزالىرىمىزنىڭ ۋاقىت قارىشى ناھايىتى روشەن بولۇپ،  خۇددى ئەسكەرلەردەك ھەر سائەتتىكى ۋەزىپىسىنى ئۆز ۋاقتىدا بىجانىدىل ئورۇندايدۇ. ساغلاملىقىمىزنىڭ سىرى ئەسلىدە يارىتىلىشتىكى بۇ مۇنتىزىم سائەتلەرگە مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، ئىنسان ساغلام بەدەن ۋە مەنىلىك ھايات ئۈچۈن بۇ سائەتنىڭ قورال- قائىدىلىرىگە دىققەت قىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى لازىم.

ئىچىمىزدىكى سائەتنىڭ قوزغاتقۇچىسى ۋە توغۇرلىغۇچىسى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە (  Hypothalamus  )قا جايلاشقان بولۇپ، كۆرۈلمەس ئىسترېلكىسى بولغان تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە- ھىپوفىز سىستېمىسى ۋە بۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققان ھورمونلار بىلەن  ئىنساننىڭ  فىزىئولوگىيەلىك پائالىيەتلەرگە قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە ناھايىتى ئىنچىكە رىتىم ۋە تەڭپۇڭلۇق بارلىققا كەلتۈرىدۇ.  تەبىئەت ۋە ئىنسان بەدىنىدىكى بۇ سائەتلەرنىڭ مەقسىتى  پائالىيەتلەرنى تەرتىپلىك ۋە رىتىملىق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئىش ئۈنۈمى ۋە ئەڭ ئاز ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. چۈنكى قاپىيە شېئىرلارغا  گۈزەللىك، رىتىم مۇزىكىغا بىر يېقىملىق مۇڭ  بەخش ئەتكەنگە ئوخشاش بەدىنىمىزدىكى بۇ سائەتتىن مەيدانغا كەلگەن قائىدە بەدىنىمىزگە ساقلىق، ۋۇجۇدىمىزغا قۇۋۋەت، ئىشلىرىمىزغا بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتا ھېس- تۇيغۇلىرىمىزمۇ بۇ بىئولوگىيەلىك سائەتكە ئاساسەن پەيدا بولىدىغان بولۇپ،  پەرقىلق زاماندا ئوخشاشمىغان پىسخىكىلىق روھى ھالەتلەردە  بولىشىمىزنىڭ، بەزى سائەتلەردە خۇشال بەزى سائەتلەردە ئاچچىقلىنىشقا مايىل بولۇشىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ ئوخشاشمىغان سائەتلەردىكى بەدىنىمىزدە ئاجرىلىپ چىققان ھورمون مىقدارنىڭ پەرقلىق بولىشىدۇر.   

بەدەن ساقلىقى ۋە روھ خۇشاللىقى بىزنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سائەتلىرىمىز، يەنى بىئولوگىيەلىك ۋە فىزىكىلىق سائەتىمىز ئارىسىدىكى ماسلىشىشچانلىق ۋە تەڭپۇڭلۇققا باغلىق. ئۇ ئىككى سائەت ئارىسىدىكى  ماسلىشىشچانلىق قانچە يۇقىرى بولسا بەدەن ئۇ قەدەر رىتىملىق ھەرىكەت قىلىدۇ،  ئوخشاشلا بەدەندىمۇ ساغلاملىق،  روھىي ھالەتتە تېتىكلىك ۋە كۆتۈرەڭگۈلۈك بارلىققا كېلىدۇ. بۇ ماسلىشىشچانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈندىلىك ئۇيقۇ، يېمەك- ئىچمەك، ئۆگىنىش ۋە ئىش- خىزمەتلەرنى بىئولوگىيەلىك سائەتىمىزگە دىققەت قىلغان ئاساستا پىلانلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇ ئىككى سائەت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغان تەقدىردە، كېسەللىك قوڭغۇراقلىرى جىرىڭلاشقا باشلايدۇ. چۈنكى بۇ سائەتنىڭ ئىچىدە كېسەللىكلەرنىڭ ۋاقتىمۇ توغرىلانغان بولىدۇ. مېدىتسىنادا سېمىزلىك، ئۇيقۇ مەسىلىلىرى، قان بېسىمى ، يۈرەك كېسىلى، دىئابىت ۋە چۈشكۈنلۈك قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ تەكتىدە بىئولوگىيەلىك سائەتكە دىققەت قىلمىغان تۇرمۇش شەكلىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلمەكتە. بىئولوگىيەلىك سائەتكە تەتۈر يېمەك- ئىچمەك، مېڭىمىزنىڭ ھەرىكەت سائەتىگە زىت ئۇيقۇ بىئولوگىيەلىك سائەتىمزنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، سائەتنىڭ كاردىن چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. رىتىمسىز، قائىدىسىز خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلانغان  بەدەن ئەزالىرىمىز ئاسان ھېرىپ، فۇنكىسىيەسىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالماي بەدەن كېسەل بولۇشقا، روھ بىتاب بولۇشقا يۈز تۇتىدۇ. ئاخشام نۆۋەت تۇتۇپ ئىشلەيدىغان ئىشچىلاردا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىشى ، ئاخشام سائەت 8 دىن كېيىن يېمەك يەيدىغانلادا سېمىزلىكنىڭ جىق كۆرۈلۈشى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىر قانچىسى.

ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلماي ئايروپىلاننى قاچۇرۇپ قويغان ئادەم قانچىلىك بىئارام بولغانغا ئوخشاش ، ئەگەر بىئولوگىيەلىك سائەتىمىزگە ئاساسەن كۈندىلىك ئىش- پائالىيەتلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرماي ، ساغلاملىق پويىزنى قاچۇرۇپ قويساق ئوخشاشلا پەرىشان بولىمىز. بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توغرا ماڭمايۋاتقان بىئولوگىيەلىك سائەتىمىزنىڭ تەڭشىكىنى تەڭشىشىمىز كېرەك. ئۇنتۇماڭ، توغرا تۇرمۇش ئەندىزىڭىز بىلەن بۇ سائەتنى ئوڭشايدىغان ئەڭ ئۇستا سائەتچى سىز ئۆزىڭىز.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟