توغرا نەپەس، قېيىن ئەمەس

 نەپەس ئېلىشنى بىلەمسىز؟ بۇ  چاقچاق قىلىپ سورالغان سوئال بولماستىن، نەپەس ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى تەدبىقلايدىغان بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىنسانلارنىڭ جىقى توغرا نەپەس ئىلىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ،  بىز نورمالدا بەكمۇ دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان بۇ نەپەس ئېلىشتىكى ناتوغرىلىق،  ئىنساندا ئاسان ھېرىش، تېرىكىش، باش ئاغرىقى ، چۈشكۈنلۈك، ئۇيقۇسىزلىق، مۇسكۇل ئاغرىقى ۋە باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولماقتا. چۈنكى نەپەس ئېلىش بەدىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنكسىيەسى بولۇپ، تولىمۇ ئاددىي كۆرۈنگەن بۇ پائالىيەت ئەسلىدە بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ئىنچىكە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن پىلانلىق، سىستېمىلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاۋادىن ئېلىنغان ئوكسىگېن پۈتۈن ھۇجەيرىلىرىمىزگە قەدەر يېتىپ بېرىپ، ھۇجەيرىلەرنىڭمۇ نەپەس ئېلىشى ۋە ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. نەپەسنىڭ مۇھىملىقىدىن ئۆلۈمنى « ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىنى بەردى» دەپ تەسۋىرلىسەك، جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشىمىز ھاۋا يولىنىڭ ئوچۇق بولىشىنى، سۈنئىي نەپەس ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەگەر سۈنئىي نەپەس ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرمىغاندا  پەقەت بىمارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇشنىڭ بىر پايدىسى يوق. مېڭە ھۇجرىلىرى 5 مىنۇت نەپەسسىز قالسا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتتا قالغان بىلەن بىر ئۆمۈر ۋېگېتاتىپ ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.

نەپەس ئېلىشقا مەسئۇل ئەزالار نەپەس سىستېمىسىدا بىر يەرگە توپلانغان بولۇپ، بۇرۇندىن باشلاپ ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە قەدەر ھەر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس رولى بار.   بۇ ئورگانلار مەخسۇس نەپەس ئېلىش ئۈچۈن  مۇكەممەل تەرىقىدە لايىھىلەنگەن بولۇپ، ھاۋا دەسلەپ بۇرۇنمىزدا نەملىنىپ، تازىلانغاندىن كېيىن كانايغا، ئۇنىڭدىن كېيىن  پەيدىن- پەي شاخلانغان كاناي شاخچىلىرىنىڭ نازارىتىدىن ئۆتۈپ 24- بالداقتا چوڭلىقى 0.3 مىللىمېتىر بولغان ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە (  Alveolar  ) يېتىپ بارىدۇ. ئۆپكە قارىماققا ئىككى قاناتقا بۆلۈنگەن بىر تەخسە ھېسىپتەك  كېچىك كۆرۈنسىمۇ، ھەر بىر قاناتتا 300 مىليونغا قەدەر ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى بار. بۇ ئۈستۈن بىناكارلىق لايىھىلەش نەتىجىسىدە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئىچكى يۈزى 100 كۋادرات مېتىر چوڭلىققا ئۇلىشىدىغان بولۇپ، ئەسلىدە بۇ كىچىك ئۆپكىمىز، ئىچى ئوكسىگېن بىلەن تولدۇرۇلغان  يوغان ھاۋا ئامبىرى. دوختۇرخانىلاردىكى كېلەڭسىز ئوكسىگېن تۇڭلىرىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۆپكىنىڭ بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق لايىھىسىگە ھەيران قالماي تۇرالمايسىز.

ئۇنىڭ ئۈستىگە نەپەس ئېلىش پەقەت نەپەس سىستېمىسىنىڭ ئىشى بولماستىن،  بەدىنىمىزنىڭ نەپەس مەركىزى مېڭە غولىغا جايلاشقان ۋە ئۆپكىگە كەلگەن ئوكسىگېن يۈرەك - قان ئايلىنىش سىستېمىسى بىلەن ۋۇجۇدىمىزنىڭ ھەممە تەرىپىگە توشۇلۇشى لازىم. شۇڭا پۈتۈن ئەزالىرىمىز نەپەستىن ئىبارەت بۇ ئورتاق غايە ئۈچۈن خىزمەتتە بولۇپ، نەپەسسىز قالغاندا بولسا ھەربىر ئەزا بۇ پالاكەتتىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. شۇڭا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، نەپەس ئېلىشتىكى ناتوغرىلىق پەرقلىق ئەزالاردا ئوخشاشمىغان شىكايەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنداق ئېيتالايمىزكى، توغرا نەپەس ئېلىش بىر ماھارەتتۇر.  توغرا نەپەس، قېيىن ئەمەس دېدۇق. ئۇنداقتا توغرا نەپەس ئىلىش ئۈچۈن دىققەت قىلىدىغان نوختىلار تۆۋەندىكىچە:

1- بىز نەپەس ئالىدىغان ھاۋانىڭ سۈپىتىگە ئاجايىپ دىققەت قىلىشىمىز لازىم. بىز ھەر بىر قېتىم نەپەس ئالغاندا ئىچىمىزگە 500 مىللىلېتىر ھەر مىنۇتتا 6 لىتىرغا يېقىن ھاۋا سۈمۈرىمىز. ھەر نەپەستە تېرلىيونلىغان يات مولېكۇلىلارنى ھاۋا بىلەن بەدىنىمىزگە ئالدىغانلىقىمىزدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى كۆزدىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. نەپەس يوللار بىلەن ئىچىمىزگە كىرگەن چاڭ- توزاڭ، ئېس، سۇلياۋ زەرىچىلەر، تۈتۈن، پۇراق ۋە توكسىن ماددىلار زىققى كېسەللىكى، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى قاتارلىق نۇرغۇن نەپەس يولى كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغاچقا، ئىنسانلارنىڭ يېزا-قىشلاقلارغا ساياھەت قىلسا ساق بولۇشىنىڭ، سەھەر تۇرۇپ ساپ ھاۋادا نەپەس ئالسا سېھھات تېپىشنىڭ ئىلمىي سەۋەبى بۇدۇر. ئۆيىمىزنىڭ ھاۋاسىنى پات- پات ئالماشتۇرۇش، ئۆي ھاۋاسىنىڭ نەملىكىنى دىققەت قىلىش، ئۆي- بالكۇنلاردا گۈل ئۆستۈرۈش، تاماكا چىكىدىغانلاردىن ئۇزاق تۇرۇش ۋە چاڭ- توزانلىق ھاۋادا لاتا ماسكا تاقاش قاتارلىقلار ئاددىي ئەمما ئۈنۈملۈك تاكتىكالاردۇر.

2. پات- پات چوڭقۇر نەپەس ئېلىشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىشىمىز كېرەك. ساپ ھاۋادا ھەر قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن 4 سېكۇنت نەپىسىڭىزنى تۇتۇڭ، ئۇنىڭىدىن  كېيىن ئاستا- ئاستا نەپىسىڭىزنى قويۇپ بېرىڭ. ھەر قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا ئۆپكىمىزگە كىرىدىغان ھاۋا 500 مىللىلىتىردىن 4000 مىللىلىتىرغا يېتىپ بارىدۇ. ئەگەر 4 سېكۇنت نەپسىمىزنى تۇتساق تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىمىزدىن قان ئايلىنىشقا ئۆتۈپ، پۈتۈن ئەزالىرىمىز بۇ مول ئوكسىگېننىڭ خۇشاللىقىدا داقا- دۇمباق چېلىپ مەشرەپ ئوينايدۇ.

3- نەپەسنى ئاغزىمىزدىن ئەمەس، بۇرنىمىزدىن ئېلىشىمىز لازىم. چۈنكى ھاۋا بۇرۇن بوشلۇقىدىن ئۆتكەندە، بۇرۇن كاۋاكلىرىدا نەملىنىدۇ، چاڭ- توزانلار سۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا بۇرۇن كاۋاكلىرىدا سۈرىتى ئاستىلايدىغان بولغاچقا،  بۇرۇن كاۋاكلىرىدىكى نىترىك ئوكسىد ( Nitric Oxide ) بىلەن تولۇق ئارىلىشىدۇ. نىترىك ئوكسىد كۈچلۈك قان تومۇر كېڭەيتكۈچ بولۇپ، ئۇ ھەم ئوكسىگېننىڭ قان تومۇرغا ئۆتىشىنى ئاسانلاشتۇرسا، ھەم پۈتۈن ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. شۇڭا نەپەس ئېلىشنى بىلگەن ئىنساننىڭ پۈتۈن ئەزالىرى شاش بولىدۇ. سېمىزلىك ۋە بۇرۇن يوللىرىدا توسالغۇ بار ئىنسانلار كۆپۈنچە بۇرۇندىن ئەمەس ئاغزىدىن نەپەس ئالغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەزالىرى داۋاملىق ئوكسىگېنگە ئاچ قالىدۇ، شوخلۇقتىن ئەسەر قالمايدۇ. بولۇپمۇ كەچلىرى ئېگىز ياستۇقتا بوينى قاتلىنىپ ھاۋا يولىدىكى توسۇلۇش ئېغىرلاشقاندا پۈتۈن ئەزالار ھاۋاسىزلىقتىن زارلىنىدۇ ۋە بۇ خورەك ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ تۈر ئىنسانلارنى ئۇيقۇ ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا قويسىڭىز ئۇلارنىڭ نەپەسسىز قالغان ۋاقتى بەزەن بىر مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇخلىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەتىسى ھارغىن ئورنىدىن تۇرىدۇ. يۇرەك تىقىلمىسى ۋە پالەچلىكلەرنىڭ كۆپىنچە كەچتە يۈز بېرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىمۇ كەچتىكى بۇ ھاۋاسىزلىقتۇر. شۇڭا بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورۇقلاش، كېچە 8 دىن كېيىن تاماق يېمەسلىك ۋە پەس يېتىش قاتارلىقلار مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

توغرا نەپەس ئېلىش ساغلاملىقىمىزغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىزدىن بىرى. يۇقىردا كۆرسىتىلگەن نۇقتىلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا توغرا نەپەس ئېلىپ ھاياتىڭىزنى ساقلىق، زوق ۋە ھەۋەس بىلەن بېيىتىڭ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى