سەھەر تۇر، سەگەك بول

ئالدىنقى يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك بىئولوگىيەلىك سائىتىمىز يەر شارىنىڭ فىزىكىلىق سائىتى بىلەن مۇنتىزىم بىر تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى ئىنچىكە بىر شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرماقتا بولۇپ، بۇ سائەتلەر ئارىسىدىكى ماسلىشىشچانلىق بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزنى ۋە ھايات مۇۋاپپىقىيەتلىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بۇ بىئولوگىيەلىك سائەتنىڭ بەدىنىمىزدە مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم رىتىم بىزنىڭ ئۇيقۇ رىتىمىمىز بولۇپ، بىز سەھەر دەپ ئاتايدىغان بىر كۈنلۈك فىزىئولوگىيەلىك ئۇيقۇمىزنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى كۈنگە، يېڭى ھاياتقا ۋە يېڭى مەشغۇلىيەتكە ئويغانغان ۋاقىتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدىكى ئورنى ۋە مەنىسى چوڭقۇر. بۇ سەھەر ۋاقتىنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىنسانلار ئەتىگەن سائەت  6-5  ئارىسىنى ئالتۇن سائەت دەپ، ئاتايدۇ. كونىلار بولسا « ياتما سەھەردە، ئۇچرايسەن دەردكە » دېيىش ئارقىلىق سەھەر ۋاقتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەتراپىمىزدىكى داڭلىق سىياسىيونلار، پەنشۇناسلار ۋە شىركەت  باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھايات ھېكايىسىگە قارىسىڭىز سەھەر تۇرۇشنى بىر مۇۋاپپىقىيەتنىڭ سىرى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا قويماقتا. 

ئۇيقۇ رىتىمىمىز مېڭە ئۈستى بېزى (pineal gland  ) دىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئۇيقۇ ياكى قاراڭغۇلۇق ھورمونى مېلاتونىن (melatonin ) نىڭ رىتىمى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ھورمون يورۇقلۇق بولمىغان شارائىتتا، كەچ سائەت 10-9 ئارىسىدا ئاجرىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ. كېچە سائەت 3-2 لاردا بۇ ھورموننىڭ سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان بولۇپ، سەھەر ۋاقتىدا تەكرار ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا كېلىدۇ.  مېلاتونىن، ئوخشاشلا كېچە سائەت 3-2 لاردا ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئورۇقلاتقۇچى ھورمون بولغان لېپتىن (leptin ) ۋە سەھەر ۋاقتىدا كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىپ، بىزنى يىڭى كۈنگە ھازىرلايدىغان كورتىزون (cortisol ) ھورمونلارى بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ ئۇيقۇمىزنى  ۋە ئويغۇنىشىمىزنى باشقۇرىدۇ.  ئۇيقۇ بىر ئاددىي ھادىسە بولماستىن ئىچىگە ئاجايىپ ئىنچكە ھېساب، ساغلاملىق ۋە پەلسەپە يوشۇرۇنغان  بىر كوھىقاپ. ئۇ سىرنى ئۇققان، رىتىمىنى تۇتقان ئىنسانلارغا ئۇيقۇ،  سەھەر بىلەن ئىلھام بەخش ئەتسە، بۇ سىرلاردىن بىخەۋەر ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ چۇڭقۇر ھاڭلىرىغا سۈمۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇخلاشنى بىلمىگەن ئىنسان ئويغىنىشىنى بىلمەيدۇ، سەھەرنىڭ قەدىرىنى ھىچ ئۇقمايدۇ. پەيلاسوپ Friedrich Nietzsche دېگەندەك " ئۇخلاش ئۇ قەدەر ئاسان بىر سەنئەت بولماستىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈن ئويغاق تۇرۇش كېرەك".

سەھەر ئەسلىدە بىر گۆھەر بولۇپ، سەۋەبى ئۇنىڭ 24 سائەتلىك تۇرمۇش رىتىمىمىز ئىچىدىكى ئەڭ بەرىكەتلىك، ئەڭ ئىلھامغا تولغان سائەت ئارىلىقى بولىشىدۇر. سەھەردە  بەدەن راھەت، ئەتراپ جىمجىت، پىكىر قۇشلىرى ئۇچۇشقا ھازىر، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى تەبىئەتكە تەبەسسۇم بىلەن سالام بەرگەن، ساپ ھاۋا تومۇرلاردىكى قانلارنى كۈۋەجەتكەن، نەپىسلەرنى پەپىلىگەن بىر پەيت بولۇپ، شائىر ئۈچۈن ئىلھام ، پەيلاسوپ ئۈچۈن تەپەككۇر، تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن ھەرىكەت،  ئىنسان ئۈچۈن ئويلىنىش ۋە ئۆزگىرىش ۋاقتى.  سەھەر ئەينى ۋاقىتتا رىتىملىق ھايات ۋە گۈزەل ئۇيقۇنىڭ مۇكاپاتى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ بىزگە بەرگەن غىدىقلىشى، ئالقىشى  ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بولماي تۇرۇپ بۇ ھاياتتا مۇۋاپپىقىيەت ، بەدەندە ساغلاملىق تېپىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.  مۇۋاپپىقىيەتكە تولغان ھايات بۇ ساۋاپلىق سەھەرلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەتتۇر.  بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تەرتىپلىك ھايات پىلانىمىزنىڭ ، ئىلمىي ئۇيقۇ رىتىمىمىزنىڭ بولىشى زۆرۈر.

يۇقىردا قەيت قىلىنغاندەك ئۇيقۇ ھورمونى كەچ سائەت 10-9 لاردا باشلايدۇ. شۇڭا بىزمۇ بۇ سەھەرنىڭ پەيزىنى سۈرۈش، ئىلھاملارغا نائىل بولۇش ئۈچۈن بۇ سائەتلەردە ئۇيقۇ ئۈچۈن، بۇ چوڭ جەڭ ئۈچۈن ھازىرلىنىشىمز لازىم. بۇ جەڭدە مەغلۇب بولساق، بىر كۈنلۈك ھاياتىمىز، ئېنېرگىيەمىز ۋەيران بولىدۇ.  بۇ ئېنېرگىيە ئۇرۇشىنىڭ ئىنسان  بەدەن ۋە زېھىن قۇۋۋىتى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەش مەقسىتىدە  ئېينىشتېين : " ئۇيقۇسىزلىق ئەقىللىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتى " دېمەكتە.  ئۇيقۇ سائەتلىرمىزنى كېچىكتۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر، سۆھبەتلەر ۋە ئىچىملىكلەر شەيتاننىڭ بىزنى سەھەردىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغان ئەپسۇنلىرى ۋە پۈۋلىگەن ۋەسۋەسلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس.  مېلاتونىن يورۇقلۇقتا ئاجرىلىپ چىقمايدىغان بولغاچقا، ياتاق ئۆيىمىزدىكى نۇرلار بىزنىڭ ئۇيقۇمىزنىڭ سۈپىتىگە  سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ياتاق ئۆيىمىزنىڭ قاراڭغۇ بولىشى ئەۋزەل. كىچە پۈتۈن ئەزالىرىمىزنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتى بولۇپ، ئاخشام كۆپ يېيىش ۋە كەچ سائەتلەرگىچە يېيىش ئەزالىرىڭىزنىڭ ئۇيقۇ سائىتىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولغاچقا، توختىماي خىزمەتتىن ھېرىپ- چارچىغان  بەدەن ئەزالىرىڭىزدىن تۈپەيلى، سەھەردە  قوپۇش ئەمەس سېسىق يوتقاندا ئىزىلىپ يېتىشىڭىز تۇرغانلا گەپ. زامان رايونلارنى ئاتلاپ قىلغان سايەھەتلەردە ۋاقىت پەرقى سىزنىڭ بىئولوگىيەلىك سائىتىڭىزنىڭ ئېگىز- پەس بولۇشىغا (jet lag ) سەۋەبچى بولىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتلاردا بارغان جاينىڭ سائىتىنى ئاساس قىلغان توغرا يېمەك- ئىچمەك ۋە ھەرىكەت بىلەن بىئولوگىيەلىك سائىتىڭىزنى ئاسانلا تەڭشىيەلەيسىز.

ھايات ئىنساندىن مەسىلىلەرگە تەمكىن مۇئامىلە قىلىشنى ، تەمكىنلىك بولسا ئىنساندىن ھەر ۋاقىت سەگەك بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  سەگەكلىك سەھەر تۇرۇشنى ئادەت قىلغان ئىنسانلاردا مەيدانغا كېلىدۇ.  قىسقىسى:

سەھەر ۋاقتى قىلساڭ تەپەككۈر،

ئىلھامى قىلار ھەقنى زاھىر.

نۇرى پەردىنى تېشىپ ئۆتەر،

شادلىنار قەلب تېپىپ گۆھەر. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى