يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆينى قانداق تاللايمىز؟

بۇ يازما فىزىكچى پروفېسسور مۇرات ھەقىقەتئوغلىنىڭ1 مەزكۇر تېمىدىكى ماقالىسىدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى.

يەر تەۋرەش ئىنسان ساقلىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان، مەيدانغا كەلگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر بىلەن ئىنسان روھ ساغلاملىقىغا چوڭقۇر ئىز تاشلاپ كېتىدىغان، بىز ياشاۋاتقان مۇھىت ساغلاملىقىغا تولۇقلاش قىيىن بولغان زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بىر تەبئىي ئاپەتتۇر. ئەمما ئۆلۈملەرنىڭ كۆپ قىسمىغا سەۋەبچى بولىدىغان بىنالارنىڭ ساغلاملىقى، ئىنسانلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ۋە تاللىنىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقىقەت كۆزدە تۇتۇلغاندا،  يەر تەۋرەشنى تەبىئىي ئاپەت دەپ نوقۇل تەبىئەتكە ئارتىپ قويۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەسلىدە يەر تەۋرەشتىكى ئۆلۈملەر شىركەتلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن پاخپاق خام ماتېرىياللاردىن قەغەزدەك بىنالارنى سېلىشى، ئۆينىڭ قۇسۇرىنى ئوراپ سېتىشى، خەلىقلەرنىڭمۇ قەرزدىن قورقماي بۇ ئۆيلەرگە دۈم چۈشىشى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ناتەبىئىي بىر ھادىسەدۇر. بولمىسا يەر تەۋرەش تەبىئىيتى نۇقتىسىدىن زېمىننىڭ ئىنسانلارغا چاقىرىقى بولۇپ، ئۇ پەيىتتە « نېمە بولدى؟» دەپ تېڭىرقاپ قالغان ئىنسانلارغا بىر نەرسىلەرنى پىچىرلايدىغان، زەخمەتتەك كۆرۈنسىمۇ ئىچىدە رەھمەت قاينايدىغان ئېنېرگىيەنىڭ سىرتقا پارتلاپ چىقىشىدۇر. بۇ يازمىدا يەر تەۋرەشنىڭ بۇ مېتافىزىكىلىق مەنالىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ،  يەر تەۋرەشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا چىداملىق ئۆيلەرنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، ئېگىز بىنالار يىقىلىپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولىغاندەك، ھاياتتا قالغان ئىنسانلارنى كولاپ چىقارغاندا مۆجىزىلەردىن قەلىبلەر شادلىنىپ، كۆز ياشلىرىمىز يامغۇر بولۇپ ئاقىدۇ. ئەمما مۆجىزە مەنىسىدىن چىقىپ تۇرغانغا ئوخشاش ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىنسانلارغا نېسىپ بولىدىغان بولۇپ، ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۆي سېلىش، ئېلىش ۋە ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق باسقۇچلاردا بەزى قائىدىلەرگە دىققەت قىلىپ،  تەدبىرلىرىنى يەر تەۋرەشتىن بۇرۇن ئالسا، ھەر ئىنسان بۇ مۆجىزىلەرگە نائىل بولالايدۇ.  ئۇنداقتا، يەر بۆشۈك كەبى تەۋرىگەندە قانداق بىر بۆشۈكتە يېتىشىمىز لازىم؟ « ئەڭ ئۈستۈن ئەقىل تەدبىر » دېگەن ھەقىقەتكە ئاساسەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي تاللاشنىڭ تەدبىرلىرىگە قاراپ چىقايلى:

1. ئەڭ ئاۋۋال ئولتۇرىدىغان يېرىڭىزنىڭ يەر تەۋرەش رايونىغا جايلىشىپ- جايلاشمىغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىڭ. ۋىلايەت ۋە رايوننىڭ يەر تەۋرەش خەرىتىسىگە ئاساسەن تۇرىدىغان ئورنىڭىزنى بەلگىلەڭ. ئەگەر ئۇ رايوندا ياشاشقا مۇھتاج بولسىڭىز تۇرىدىغان ئۆيىڭىزنى تاللاشتا 40 ئۆلچەپ بىر كېسىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى يەر تەۋرەش 40 يىلدا بىر تەۋرىشى مۇمكىن. سىز بولسىڭىز 39- يىلدا ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشنى تاللاپ بىر يىلدىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان يەر تەۋرەش سىزنىڭ 40 يىللىق ھاياتىڭىزنى يەرگە كۆمىشى مۇمكىن.

2. بىنالارنىڭ زېمىنى تاش ۋە ساغلام بولىشى كېرەك. تۈز يەردە، مەنزىرىلىك يەردە ئولتۇرىمەن دەپ يۇمشاق قۇم- توپا، لاي- لاتقا بىلەن تىندۇرۇلغان زېمىنغا سېلىنغان ئۆيلەردىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم. گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ بىناكارلىق تېخنىكلىرى ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، بۇ پەن- تېخنىكىلارنىڭ مىليون يىللىق گېئولوگىيەلىك زېمىن قۇرۇلمىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتىشى، ئۇلارغا قارشى تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. يەر تەۋرىگەندە بۇ تۈز زىمىنلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يەرلەر ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماڭ. قەدىمقى ئىلغار مەدىنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى تۆپىلىكلەرگە ئۆي سېلىپ، تۈزلەڭلىكلەرگە تېرىلغۇ تېرىش پرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان.

3. ئولتۇرىدىغان  بىنالارنىڭ ئۇلى كەڭ، ئېگىز بولىشى يەر تەۋرەش ئۈچۈن خەتەرلىك ئامىلدۇر. خۇددى تېلېۋىزور ئانتىنىلىرى قانچە كەڭ ۋە چوڭ بولغاندا سۈنئىي ھەمرادىن قوبۇل قىلىنغان ئېلېكتروماگنىت دولقۇن سىگنالىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئاسانلىشىپ تېلېۋىزور سۈرەت- ئاۋاز سۈپىتى ئاشقانغا ئوخشاش، يەر تەۋرەشتىمۇ يەر پوستىنىڭ تىترىشىدىن ھاسىل بولغان مېخانىك دولقۇنمۇ بىز  ئولتۇرىدىغان بىنانىڭ ئاساسىدىن سۈمۈرۈلۈپ يۇقىرىغا تارقىلىدىغان بولغاچقا، ئېگىز بىنالارنى سېلىش ئۈچۈن كەڭ سېلىنغان ئۇل،  بۇ دولقۇنلارنى كۆپ مىقداردا  ئاسانلا سۈمۈرۈپ بىنانىڭ ئېگىز قەۋىتىگە توشۇيدۇ. شۇڭلاشقا يەر تەۋرەشتە چوڭ بىنالارنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كىچىك بىنالارنىڭ ياكى تاق قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ مەزمۇت تۇرۇشىنىڭ بىر فىزىكىلىق سەۋەبى بۇدۇر.  ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن قېرىنداشنى قولىمىز بىلەن ئاسانلا ئوشتۇپ، قىسقا قېرىنداشنى ئوشتىيالمىغانغا ئوخشاش، مەيلى خام ماتېرىيال قانچە ساغلام بولسا بولسۇن ئېگىز بىنالارنىڭ يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇش كۈچى پاكا بىنالارغا قارىغاندا نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى  ئىنسانلار يالغان سۆزلىگەن بىلەن  فىزىكىلىق قوراللار يالغان سۆزلىمەيدۇ. بۇ سەۋەپلىك ئۇلى كەڭ، ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرۇشتىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئورنىغا ئاساسى تار، ھەر قەۋەتتە بىر ئۆيى بار  بولغان 4-3 قەۋەتتىن ئاشمىغان بىنالاردا، مۇمكىن بولسا تاق قەۋەتلىك ئايرىم ئۆيلەردە ئولتۇرۇش كېرەك. بۇ ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنىڭ يەنى بىر ياخشى تەرىپى يەر تەۋرەشتە يېقىلغان تەقدىردىمۇ بۇلارنى كولاش تونلار ئېغىرلىقتىكى بىتونلارنى پارچىلاشتىن ئاسان بولغاچقا،  ئىنسانلارنىڭ مۆجىزىگە نائىل بولۇش پۇرسىتىمۇ چوڭ بولىدۇ.

4. ھازىر نۇرغۇن بىنالار يەردىن پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئۇلى تار، گەۋدىسى كەڭ سېلىنماقتا. توغرا بولغىنى بىنالارنىڭ ئۇلى گەۋدىسىدىن كەڭ بولىشى شەرت بولۇپ، ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا يەر تەۋرەشتە مەيدانغا كەلگەن دولقۇن ئاساستىن گەۋدىگە تارقالغاندا تۈزۈلۈشتىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىقتىن مەيدانغا كەلگەن سىممېتىرىك بولمىغان كۈچ بۇ بىنالارنى بىر- بىرىدىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ. يەر تەۋرەشتىكى يېقىلغان بىنالارنىڭ بۇ تۈردىكى بىنالار بولىشى، مىسىردىكى پىرامىدا شەكىلدىكى ئىھراملارنىڭ يىللاردىن بىرى مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ سىرى بۇدۇر.

5. ئەگەر ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان تەقدىردە بىنانىڭ ئېگىز قەۋەتلىرىنى تاللاش يەر تەۋرەشكە قارشى ئالغان تەدبىرىمىزدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىنا يېقىلغاندا تۆۋەن قەۋەتتىكى  ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدىكى يۈك ئېغىر بولغاچقا ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن، يۇقىرى قەۋەتتىكى  ئىنسانلارنىڭ قۇتۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

6. بىنالارنىڭ يېڭى سېلىنغان بولىشى، ھەر خىل ئۆلچەملەرگە، قانۇنلارغا ئۇيغۇن سېلىندى دېگەن سەپسەتە سىزنى ئالدىمىسۇن! مۇھىم بولغىنى بىنالارنىڭ فىزىكىلىق ساغلاملىقى بولۇپ، فىزىكىلىق ساغلاملىقى ئېسىل بولغان كونا بىنالار، تاشقى يۈزى چىرايلىق يېڭى بىنالاردىن تېخىمۇ مەزمۇت بولىشى مۇمكىن. يەنىلا كۇچانىڭ توقاچ سوپۇنى ياخشى. شۇڭا بىر ئۆي ئىجرىگە ئېلىش ۋە سېتىۋېلىشتىن ئاۋۋال بۇلارنىڭ ساغلاملىقى بىناكارلىق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئۆلچەپ بېكىتىلىشى ناھايىتى مۇھىم.

يەر تەۋرەش ھەر ۋاقىت ئۆزى يۇتقان  ئىنسانلارغا ئەمەس، ھايات قالغان ۋە ئەتراپتىكى  ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى، روھلىرى ۋە تۇيغۇلىرىنى تىترىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى فىزىكىلىق تەرەپلەرگە دىققەت قىلغاندىن كېيىن يەر تەۋرەش بېشىڭىزغا كەلسە ئۇنىڭ مېتافىزىكىلىق مەنالىرىنى تەپەككۈر قىلىڭ، تەقدىرىڭىزغا تەۋەككۈل قىلىڭ، زېمىننىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭ!

 

1. https://www.akademikakil.com/depreme-karsi-nasil-bir-binada-oturmaliyiz/muratgerceklioglu/

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى