توغرا پىشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ساغلاملىقنى قوغداش

 ئوت بىلەن يېمەكلىك پىشۇرۇش ئىنسانلار تارىخىدىكى مۇھىم كەشپىياتلارنىڭ بىرسى بولۇپ، پىشۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلار ھەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەلۇم ئوزۇقلۇق ماددىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ھەم يېمەكلەردىن لەززەت ئېلىشىنى ئۆگىنىپ ئاغزى تاتلىق بولۇشقا باشلىدى. يېمەكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش پىشۇرۇشنىڭ ئاساسلىق  مەقسىتى بولىشى لازىم تۇرۇقلۇق،  ئىنساننىڭ لەززەتلەردىن زوق ئېلىشقا بولغان ئىشتىياقى  يېمەكلەرگە ھەر خىل مەنالارنى يۈكلىدى ۋە  ئۇلارنىڭ شەكلىگە، تەمىگە، پۇرقىغا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچلۈك تەلەپلەرگە قارىتا مەخسۇس كەسىپلەر، تۈرلۈك پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە تاماق ئۇستىلىرى پەيدا بولدى. لەززەت مەقسەت بولۇشقا باشلىغاندىن بېرى، ناتوغرا پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن تەبىئيلىكىنى يوقاتقان يېمەك - ئىچمەكلەر بەدىنىمىزگە ئوزۇق ئەمەس بىر تۇزاق بولۇشقا باشلىدى. گەرچە زامانىۋى ھاياتىمىزدىكى كېسەللەرنىڭ جىقى بۇ ناتەبىئىي پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت سۈپتىدە مەيداندا تۇرسىمۇ، بەزىدە لەززەت لىباسقا، بەزىدە قولايلىق قالقىنىغا ئورىنىۋالغان نەپىس- ئارزۇلار بۇ ھەقىقەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.  

ئەلمىساقتىن بىرى قاينىتىش، ھوردا پىشۇرۇش، مايدا قورۇش، مايدا قاتۇرۇش، دوخۇپكىدا قاقلاپ پىشۇرۇش، كاۋاپداندا كۈلدە پىشۇرۇش، تونۇردا دۈملەپ پىشۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋىي پىشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تاماق تەييارلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى بار. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم نۇقتا يېمەكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئوخشاشمىغان پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن توغرا شەكىلدە پايدىلىنىپ ، ھەم تەم قارشىمىزغا ، ھەم بەدەن مىجەزىمىزگە ئۇيغۇن تاماق ھازىرلاشتۇر. پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى تاماقلارنىڭ مىزاجىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مىجەز- مىزاج تەڭپۇقلىقىغا دىققەت قىلىش ئەۋزەل بولغاندەك، يېمەكلەرنى توغرا پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن پىشۇرۇپ ئۇلارنى دورا ئەمەس ئوغا قېلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش تېخىمۇ ئەۋزەل. ئاجىز ئوتتا ئۇزۇن قاينىتىش ۋە ھوردا پىشۇرۇش ئەڭ ساغلام ئۇسۇللاردىن بىرى بولۇپ، قاينىتىش بىلەن ئوزۇقلۇقلاردىكى سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار تاماقنىڭ شورپىسىغا قېچىپ چىقىدىغان بولغاچقا، تاماق بىلەن شورپىسىنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش ئەڭ پايدىلىقتۇر. ئەگەر شورپىسىنى خالىمىسىڭىز ياكى بالىلارغا تاماق ئەتكەندە  ۋىتامىنلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھوردا پىشۇرۇش بىر ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلدا تاماق تېخىمۇ يۇمشاق پىشسۇن دەپ ئۇزۇن پىشۇرۇپ ۋىتامىنلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋە ئاقسىللارنى لاتا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مايدا قورۇش بەلكىم تاماقلارغا رەڭ ۋە تەم قوشقان بىلەن ئىشلەتكەن ماي ۋە قورۇش ئۇسۇلنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن مەيدانغا كەلگەن بەزى زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلاردىن تۈپەيلى، ساغلامىلىقىمىزغا خەۋپلەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. مايلارنى قىزىتىش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن بۇسلاردا Heterocyclic amines ( HCAs )  ۋە Polycyclic aromatic hydrocarbones (PAHs) بار بولۇپ، بۇلار راك پەيدا قىلغۇچ ماددىلاردۇر. بۇ سەۋەپلىك، ياغلارنى قاتتىق قىزىتىشتىن ساقلىنىش ۋە بۇس تارتقۇچ ئىشلىتىش ناھايىتى مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆسۈملۈك مايلىرىنىڭ ئوتقا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئوتتا ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ دۈشمەن مايلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ جەرياندا مەيدانغا كەلگەن ئەركىن رادىكاللار بەدىنىمىزدە گېنلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە مىكروبسىز ياللۇغلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. گېلىمىز ياغلانغان  بىلەن بەدىنىمىز كېسەللىكلەردىن ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا ئۆسۈملۈك مايلىرى سۈزۈك ، پۇراقسىز كۆرۈنسىمۇ ئۇلاردىن ئۇزاق تۇرۇش، قورۇمىلاردا قۇيرۇق مېيى ياكى سېرىق ماي ئىشلىتىشىمىز لازىم. مايلارغا مۇناسۋەتلىك بەزى تەرەددۇتلىرىڭىز بار بولسا « سەمرىتكەن ماي ئەمەس، شېكەر» دېگەن يازمىمىزغا بىر نەزەر تاشلاڭ.

دوخۇپكىدا قاقلاپ پىشۇرۇشنىڭ بىر كەمچىلىكى پېچىنە، بولكا قاتارلىق  خېمىرلىق پۇشۇرۇقلاردا ۋە بالىلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەرەڭگە ياپراقلىرىدا Acrylamide   خىمىيەلىك ماددىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بولۇپ ، پۇشۇرۇقلارنىڭ رەڭگى قانچە قارامتۇل بولسا بۇ ماددا تېخىمۇ كۆپ پەيدا بولدى دېمەك. Acrylamide خەلقئارالىق راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى (  IARC  ) تەرىپىدىن ئىنسانلاردا راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ، قارالماقتا. شۇڭا پۇشۇرۇقلارنى رەڭگىنى دەپ جىق پىشۇرماسلىق، باشتا قورۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن قاقلاپ تاماقلارنىڭ ۋىتىقىسىنى چۇۋۋەتمەسلىكىمىز لازىم.

لەززىتى ئۈچۈن باغرىم كاۋاپقا كەلسەك، يېقىنقى زامانلاردا راكنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى سۈپىتىدە، كۈلدە پىشۇرۇلغان كاۋاپ كۆرسىتىلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى گۆشنىڭ يالقۇندا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن PAHs ۋە HCAs لارنى پەيدا قىلىشى بولۇپ، ئەسلىدە  توغرا پىشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بۇلارنى ئازايتىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. مەسلەن كاۋاپ پىشۇرۇشتىن ئاۋۋال گۆشنى ئازراق سىركە، لىمون، قېتىق قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇش، گۆشنى يالقۇندا ئەمەس چوغدا پىشۇرۇش، پىشۇرۇش جەرياندا توختىماي ئۆرۈش قاتارلىقلار PAHs ۋە HCAs لارنى ئازايتىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغان تەقدىردە كاۋاپ ئاغزىمىزغا تەم ۋە ۋۇجۇدىمىزغا قۇۋۋەت قوشىدۇ. گۆشنىڭ يېنىدا مول مىقداردا يېشىللىقلارنى يېيىشمۇ مىجەز- مىزاج تەڭپۇڭلىقى ئۈچۈن مۇھىمدۇر.

يېمەكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن يېمەكلىكلەرنى تەبىئىي ھالىتىگە ئەڭ يېقىن شەكىلدە ئىستېمال قىلىشىمىز، ئوزۇقلۇقلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئوتقا تاشلىماسلىقىمىز، سىرتتا گۆشنى كۆيدۈرۈپ ئىچىمىزدە ساغلاملىقىمىزنى كۈل قىلماسلىقىمىز لازىم. تەم مۇھىم ئەمما تەننىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى ھەممەيلەن قوبۇل قىلىدىغان بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى