مېۋە بەك مۇھىم ئەمەس

 ئىنسانلار تېرىقچىلىق ھاياتىغا قەدەم تاشلىغاندىن بۇيان،  تەبىئەتتىكى ياۋا ئۇرۇقلارنى يىغىپ ئۆزىنىڭ ئېكىنزارلىقلاردا تېرىپ ، تاغدىكى مېۋە دەرەخلىرىنى باغلىرىغا تىكىپ تۇرمۇشقا ئاجايىپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئۇ ئۇرۇقلارنى ئىسلاھ قىلىش، كۆچەتلەرنى ئۇلاپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئوخشاش تۈرلەرنىڭ قەدىمقى ئاتا- بوۋىلىرىدىن پەرقلىق شەكىل ۋە تەملەردە يېڭى تۈرلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. گەرچە شەكلى چىرايلىق، تەمى تاتلىق بولۇشقا باشلىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىي ۋە قىممىتى ئۆزگەردى. ئەڭ مۇھىمى بۇ ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەر ئىنسانلارغا ئۇ قەدەر بېقىندى بولۇشقا باشلىدىكى، ئۇلارنى تەبىئەتكە تاشلاپ قويساڭ ئۆزلىگىدىن ئۈنۈپ مېۋە بېرىشى ئىمكانسىز بىر ھالغا كەلدى. تەبىئەت كىرلەنگەن، ئۇرۇقلارنىڭ تەبىئىيتى بۇزۇلغان، تۇپراقلار زەھەرلەنگەن بولغاچقا ھوسۇل ئازىيىشقا يۈزلەندى. ئىنسانلار جىق ھوسۇلغا كۆنۈپ قالغاچقا، پەقەت ساننى قوغلىشىپ ئۇلارغا ھەرخىل خىمىيەلىك دورىلارنى چېچىشتىن تەپ تارتمىدى. مېۋىلەر تېشى زەھەر، ئىچى ھەسەل بولغاچقا مېۋىلەرنىڭ شوپىقىنى سويماي يېيىش ، باغدا ئوتىراپ يېگەندەك يېيىش قاتارلىقلار خىيالغا ئايلاندى.

ھازىرقى مېۋىلەر ساغلاملىققا قانچىلىك پايدىلىق؟ مېۋىلەر ھەقىقەتەن ۋېتامىنلارنىڭ مەنبەسىمۇ ياكى كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن« ھەكىم ئىزى»نىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان سۇنۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان تەبىئىيلىك كۆزەينىكى بىلەن مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش كېرەك.  ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە يارىتىلغان تەبئىي مېۋە- ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، بىرسى يەنە بىرسىدىن ئۈستۈن ئەمەس، بەلكى ئۈستۈن بولغىنى بەدەنگە تەقۋا بولغىنىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان بەدىنىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇ قەدەر ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجى يوق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىز نېمە يېسەك يەيلى بەدەن ئۇنى ئۆزى بىلىدىغان گلۇكوزا، ئاقسىل ۋە ياغلارغا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىدۇ. تېۋىپ ۋە دوختۇرلار مۇبالىغە قىلغاندەك، مەلۇم ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەردە ئىنسانغا ئاجايىپ پايدىلىق، كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان پەرقلىق بىر ئېلېمېنتنىڭ بار بولىشى ۋە ئۇنىڭسىز ھاياتنىڭ يوق بولىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنى تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قەشقەرنىڭ ئانارى ، غۇلجىنىڭ ئالمىسى، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرى، قۇمۇلنىڭ قوغۇنى بەلكى تەمى، ئىنسانلارغا بېرىدىغان زوقى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن ئەمما بەدەنگە بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسى ئوخشاش.  ئانار قان بولۇپ، ئالما يامان بولىدىغان ئىش يوق. بەدەندىكى بۇ ئاددىي ئەمما ئادىل قانۇنىيەت ئىنسانلارنىڭ جۇغراپىيەگە، مەلۇم بىر مېۋىگە بېقىندى بولۇپ قىلېشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئەركىن ۋە ساغلام ياشاشقا ئىمكانىيەت سۇنماقتا. بۇ ھەقىقەت بولغاچقا، تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان ئەجداتلىرىمىز، ئۆمرىدە ھىچ مېۋە كۆرمەي، كۆمەچ بىلەن ساغلام ھايات سۈرەلىگەن.  ئىنسان - ئېكولوگىيە پۈتۈنلۈكى نۇقتىئىنەزەرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، مەلۇم رايوندا ئۆسىدىغان مېۋىلەر شۇ رايوندا ياشايدىغان خەلق ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق، ئۇلارنىڭ مىجەز- مىزاج تەڭپۇڭلىقى ئۈچۈن ئەڭ توغرا تاللاش بولىشى مۇمكىن. گەپنىڭ قىسقىسى، قەشقەرلىككە ئانار باناندىن تېخىمۇ ياخشى ، ھىندىستاننىڭ زەپەسىدىن ئانا دىيارنىڭ توپىسى تېخىمۇ ئەلادۇر.

ئىنسان- پەسىل بىر پۈتۈنلۈك بۇرجىكىدىن قارىغاندا، پەسىللەر ساقلىقىمىزغا ماس يېمەك- ئىچمەكلەرنى، مېۋە- چىۋىلەرنى بىزگە تەقدىم قىلماقتا. پەسىللەرنىڭ كەيپىياتلىرى ، بەدىنىمىزنىڭ مىزاج ۋە خىلىتلىرى بىلەن بىرلىشىش ۋە ماسلىشىش ئارقىلىق بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ئىنساننىڭ ساغلاملىقى، سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئەسلىدە ھەر پەسىلدە يېتىشكەن مېۋىلەر ساغلاملىق ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، ھازىرقىدەك پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن، پەسىللەرنىڭ مۆھۈرىنى ئالمىغان، باھارنىڭ يامغۇردا سۇغۇرۇلۇپ، يازنىڭ ئاپتىپىدا قاقلانمىغان مېۋىلەرنىڭ ئىنسان بەدىنىگە پايدىسى ئەمەس ئەكسىچە زىيىنى بار. ئۇلار ھەققىي مەنادا مېۋە بولماستىن ئاغزىمىزنى سۇلاندۇرىدىغان، تىلىمىزنى تاتلىق ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىدىغان شېكەر توپ- تىزىقلاردىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. قىشتا سېتىلىدىغان يازلىق مېۋىلەرنىڭ يانچۇققا ئەكىلىدىغان ماددىي زىيىنىنى دېمەيلا قويايلى. بەزىلەر« سېزىكىم بار، جېنىم تارتىۋاتىدۇ، دېمەككى ۋۇجۇدىمنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى بار» دېگەن باھانىلەر بىلەن نەپسىنى خوش قىلىپ ساغلاملىقىنى قاقشاتماقتا. سېزىك ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن زامان ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىشى، شېكەر مەنبەلىك يېيىپ- ئىچىشى سەۋەپلىك مەيدانغا كەلگەن  تەبىئىتىدىن قېيىپ كېتىش ھادىسىسى بولۇپ، مەۋقەدىن ئۇزاق بەدەننىڭ ئىچىدىن كەلگەن ئاۋاز ئېھتىياجىنىڭ ئەمەس، نەپىس- شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدۇر. سېزىك مەيلى ئاچچىق مەيلى تاتلىق بولسۇن بىرخىل خۇمارداش بولۇپ، خۇددى زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغانلاردەك ئۇلارنىڭ خۇمارىنى خۇرسەن قىلىش ساغلاملىقنى قۇربان قىلىشتۇر. ئەمما ئۇنى بەرمەسلىك ئىنساننى ئازابلاش بولۇپ، « ئاسمان يىراق، يەر بەك قاتتىق» دەل بۇ خىل ئەھۋالنى تەسۋىرلىمەكتە.  ھەر يەر شېكەر، ھەر يەر شالتاققا تولغان ھازىرقى ھاياتتا،  ئىنسانلارنىڭ سېزىكىمۇ پەقەت ۋە پەقەت تاتلىق بولۇشقا باشلىدى. بۇرۇن ئەرلىرىنىڭ پۇراق- تەرلىرىگە، توپا- لايلارغا سېزىك بولىدىغانلارنى ئاڭلايتتۇق، ھازىر ئىسمىنى شېكەر دەپ قويالمىغان تورت- شاكىلاتقا، قىشتا شاپتۇل- توغاچقا سېزىك بولىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. 

مېۋىلەردە پايدىلىق ۋىتامىنلارنىڭ بولىشى توغرىدۇر. ئەمما يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك بەدەننىڭ ئۇ قەدەر جىق ۋىتامىنغا ئېھتىياجى يوق. يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەر ئىنسان تەبئىي يېمەك- ئىچمەك بىلەن ئۈچەيلىرى ۋە ئۈچەيلىرىدە ياشاۋاتقان باكتېرىيەلەرنى ساغلاملاشتۇرمىغان تەقدىردە، قانچىلىك ۋىتامىن ئېلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇلار بەدەنگە سۈمۈرۈلمەي، ئوبىرنىغا سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە ۋىتامىننىڭ يىگانە مەنبەسى ئەمەس. مېۋىلەرگە چېچىلغان ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچ دورىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن، نۆۋەتتە مېۋىلەر زەھەرنىڭ مەنبەسى نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭسىزمۇ مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ( Fructose ) فرۇكتوزا يەنى مېۋە شېكىرى بەدەندە  ( Uric acid ) سۈيدۈك كىسلاتاسىغا ئايلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بەدەندە تاش ۋە ( Gout ) پوداگرا پەيدا قىلىشقا، بەدەندە ئاستا خاراكتېرلىك فرۇكتوزا ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسى بىلەن زەھەرلەشكە تامامەن قادىر. شۇڭا قوغۇن- تاۋۇزنى كاسا قىلپ ئەمەس تىلىملاپ، ئۈزۈم- ئۈجمىنى سېۋەتلەپ ئەمەس، سىقىملاپ يېيىش لازىم. 

يىغىنچاقلىغاندا، ھازىرقى مېۋىلەرنىڭ ساغلاملىققا پايدىسىدىن جىق زىيىنى بار. بەدەنگە بېرىدىغان ئوزۇقلۇق مەنبەسى جەھەتتىنمۇ تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەس. شۇڭا مېۋە دەپ ساغلاملىققتىن ۋاز كەچمەڭ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى