ھەزىم چايناش بىلەن باشلىنىدۇ

 بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن نېمىلەرنى يەپ- ئىچىشىمىز مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، ئۇلارنى قانداق يەپ- ئىچىشىمىزمۇ ناھايىتى مۇھىم. گەرچە نەپەس ئېلىش، يەپ- ئىچىش قاتارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىز بىزگە ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ ئاددىيلىق ئارقىسىغا مۇرەككەپ مېخانىزم، چوڭقۇر پەلسەپە ۋە ساغلاملىق ئۈچۈن زور پايدا- مەنپەئەت يوشۇرۇنغان. بىز ئادەتتە نورماللىشىپ كەتكەن بۇ مۆجىزلەرنى ئىدراك قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇلارغا تېگىشلىك دەرىجىدە دىققەت قىلىپ كېتەلمەيمىز. مەسلەن « توغرا نەپەس، قىيىن ئەمەس» ناملىق يازمىمىزدا تەكىتلەنگەندەك، ئىنسانلارنىڭ جىقى توغرا نەپەس ئېلىشنى بىلمەيدىغانغا ئوخشاش، كۆپچىلىكىمىز تاماقنى پەقەت يۇتىمىز، چايناش ھىچ ئەقلىمىزگە كەلمەيدۇ. ئاغزىمىزدا بەدىنىمزدىكى ئەڭ قاتتىق ئورگان بولغان چىشنىڭ نېمە ئىشى بار؟ نېمىشقا ئون ئىككى ئەمەس 32 سى بار؟ ھازىر نېمىشقا  نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئەقىل چىشى چىقمايدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئۆزىمىزگە سورمايمىز. ئەڭ ئاخىرقى سوئالغا « چۈنكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتمەيمىز شۇڭا ئەقىل چىشىمىز چىقمايدۇ » دەپ جاۋاب بېرىمىز. ئەمدى بولسا بۇ چايناش تېمىسىنى ئوبدان چايناپ ھەزىم قىلىشقا باشلايلى. 

يېمەك - ئىچمەكنىڭ فىزىئولوگىيەلىك غايىسى ئۇلارنى ھەزىم قىلىش ئارقىلىق بەدىنىمىزگە ئوزۇقلۇق، روھىمىزغا ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ، تولۇق ھەزىم بولمىغان تاماق ئوزۇق ئەمەس، بەدىنىمىزگە يىغىلغان ئەخلەت- چاۋادىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. شۇڭا ھەزىم قىلىش ئىنسان بەدىنىدىكى نۇرغۇن ئەزالار ئىشتىراك قىلىدىغان، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۆتىدىغان، مىڭلىغان رېئاكسىيە، يۇز مىڭلىغان ھورمون ۋە ئېنزىم قاتنىشىدىغان، ئەڭ كۆپ ئېنېرگىيە ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بىر مۇرەككەپ ھادىسە بولۇپ، يۈگرەش مۇسابىقىلىرىدە پەللىدىن چىقىش مۇھىم بولغىنىدەك، چايناش بۇ ھەزىم قىلىش يۈگۈرۈشىدە دەل چىقىش پەللىسىگە جايلاشقان. بۇ ۋەزىپە مۇھىم بولغاچقا، بەدەندىكى ئەڭ قاتتىق ئورگان بولغان چىش، ئەڭ ئەۋرىشىم ئورگان بولغان تىل ۋە مۇھىم ئېنزىملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شۆلگەي بەزلىرى ۋەزىپىگە ئاتلانغان. چايناش ئارقىلىق ئاقسىل، ياغ ۋە شېكەر قاتارلىق ماددىلار پارچىلىنىپ ئۇلارنى تەشكىل قىلغان ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ئامىنو كىسلاتاسى، ياغ كىسلاتاسى ۋە گلۇكوزا قاتارلىق مولىكۇللارغا بۆلەنگەن چاغدا ئاندىن ئۈچەيلىرىمىز تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، بەدىنىمىز تەرىپىدىن پايدىلىنالايدۇ.  چايناش ئارقىلىق تۈنجى لوقما قانچە سۇيۇق چاينالسا، تىلىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن (Amylase ) كراخمال فېرمېنتى ۋە (lipase ) ياغ فېرمېنتى بار بولغان شۆلگەيلىرىمىز بىلەن قانچە ياخشى ئارىلاشسا ھەزىم قىلىش تېخىمۇ قولاي بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە پۈتۈن يېيىلگەن نەرسىلەرنىڭ پۈتۈن چىققانلىقىغا شاھىت بولىمىز. ئوبدان چايناش قاتتىق چىشلىرىمىزنىڭ ھەققىنى بېرىش بولسا، چاينىماي يۇتۇش يۇمشاق ئاشقازىنىمىزغا قىلىنغان زۇلۇمدۇر.

نۇرغۇن كېسەللەردە كۆرۈلىدىغان كېكىرىش، مەيدىسى ئىچىشىش، ئاغزىدىن ئاچچىق سۇ كېلىش، قوسىقى ئېسىلىش، ئاشقازىنى ئاغرىش، قوساق غۇرۇلداش، ھەرخىل ۋىتامىن كەمچىللىكى قاتارلىقلار دەل ئاشقازان- ئۈچەيلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانى بولۇپ، مەشھۇر چايناش ئۇستىسى  Horace Fletcher بۇ ئەھۋالنى « تەبىئىيتىمىز چاينىمىغانلارنى ئازارلايدۇ » دەپ تەرىپلەيدۇ. چايناش بەدەننىڭ يېمەك - ئىچمەككە قارىتا ئۇچۇر ئىگىلەش پائالىيىتى بولۇپ، چىشنىڭ پارچىلاپ ئانالىز قىلىشى، تىلىنىڭ سىلاپ- تۇتۇشى، شۆلگەينىڭ خىمىيەلىك سىناقلىرى بىلەن مېڭە ۋە باشقا ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مېڭە تاماقنىڭ ھەزىم قىلىش پەرمانىنى ئېلېكتر دولقۇنى شەكلىدە،  رېفلېكس تورى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئەزالارغا ئەۋەتىش بىلەن بىرگە، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ھەرخىل ئېنزىم ۋە ھورمونلار بىلەن قولدا چوكا- قوشۇق تۇتقان ھازىر ۋەزىيەتتە ساقلايدۇ.  ئەگەر بۇ چايناش ئوبدان ئېلىپ بېرىلغاندا، ھەزىم قىلىشنىڭ باشقا باسقۇچىلىرىمۇ ئوبدان تاماملىنىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىئارامسىزلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدىنىمىزگە جىق پايدا- مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. تاماقلار ئۇششاق پارچىلانغان بولغاچقا، ئوزۇق ۋە ۋىتامىنلارنىڭ ئۇۋىقىمۇ ئىسراپ بولمايدۇ. يېمەك - ئىچمەكلەر تولۇق ھەزىم بولغاندا ئاز تاماق بىلەنمۇ كۆزلەنگەن ئېنېرگىيە مىقدارى قولغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، جىق يەپ سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. پۈتۈن يۇتۇلغان تاماقلار ئۈچەيلەردىكى باكتېرىيە ئۈچۈن يىغىلىش زالى بولۇپ، بۇ ئۈچەي ياللۇغى ئۈچۈن بىر يوشۇرۇن خەۋىپدۇر.  سىلىق يەردە سوپۇن توختىمىغاندەك، سۇيۇق لوقمىلاردىمۇ باكتېرىيەلەر تېيىلىپ كېتىپ ياللۇغ پەيدا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چايناش ئېڭەك سۆڭكىمىز ۋە چىشلىرىمىز ئۈچۈن بىر تەنھەرىكەت بولۇپ، ئوبدان چاينساق ئېڭەكلىرىمىز تەرەققىي قىلىپ، يۈز شەكلىمىز چىرايلىقلىشىپ، چىشلىرىمىزنىڭ چىقىشى ئۈچۈن بوشلۇق ئىچىلغاچقا چىشلىرىمىزمۇ ئوڭغۇل- توڭغۇل بولمايدۇ. كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاپىمىزنىڭ ئاغزىدىن چاينالغان تاماقنى يۇتۇپ كۆنۈپ قىلىپ، چايناشنى ئۇنتۇپ قالغاچقا، چىشلىرىمىز كەمتۈك ۋە كاۋاك.

چايناش كىچىك بىر ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ كىچىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ساغلاملىققا چوڭ پايدا ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، بۇ كىچىك ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش زور تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. چايناشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  نۇرغۇن ئىشلارغا ئوخشاش ئەڭ ئاۋۋال ئاڭ بىلەن باشلىنىدۇ. چايناشنىڭ ھكىمىتىنى ئىدراك قىلغان ئاڭغا ساھىب بولغان كىشى ئۆرە تۇرۇپ تاماقلارنى ھاپىلا- شاپىلا يېمەيدۇ. چىشلىرىغا ھەقسىزلىق قىلىشنى خالىمىغان ئىنسان ھەر لوقمىنى يۇتۇشتىن ئاۋۋال، ھەر بىر چىشىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئەڭ 30-20  قېتىم چاينايدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت  ساندىن بەكرەك تاماقنىڭ سۇيۇق بولىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن تاماق بىلەن بىرگە سۇ ۋە چاي ئىچمەسلىك كېرەك. يېمەك بىلەن تەڭ سۇ ئىچسىڭىز، سۇ ھەزىم قىلىش ھورمونلىرى ۋە ئېنزىملىرىنى يىراقلارغا ئېقىتىپ تاشلاپ ھەزىم قىلىشىڭىزنى تەسلەشتۈرىدۇ. سۇ ۋە چاينى ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن ئىچىڭ. 

 بۇ ئادەتنى يېتىلدۇرگەندىن كېيىن تاماق باشقىچە تەملىك تېتىشقا، قوساقمۇ ئاسان توياشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلايسىز. ئاخىرىدا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىز:  يېمەكلىكلەرنى ئوبدان چايناپ چىشىڭىزنىڭ ئاچچىقى چىقىرىڭ، تاماقلارنى پارچىلايمەن دەپ ئاشقازىنىڭىزغا يارا چىقمىسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى