مېۋە يېيىشتىن ئاۋۋال

 دىئابىت بىر كېسىلىم بار ئىدى. ئۇنىڭ قان شېكەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك ئوزوقلىنىش پىلانلىرىنى ، تەنھەرىكەت پروگراملىرىنى تۈزۈپ چىقتۇق، دورىلىرىنى تەڭشىدۇق. ئەمما ئىككى ھەپتىدىن كىيىن قان شېكەرنىڭ چۈشمىگەنلىكى كېسىلىمنى بىئارام قىلدى ۋە نېمىشقا چۈشمىگەنلىكىنى مەندىن سورىدى. مەنمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ مەندىن تېخىمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى دېگىنىمدە ئەجەبلىنىپ« ماڭا دېيىلگەن تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى بىجا كەلتۈردۈم ۋە دورىلىرىمىنى ئاقساتماي ۋاقتىدا ئىچتىم» دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى. پاراڭلىشىش جەرياندا ئۆزىنىڭ مېۋىگە بەك ئامراق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى شېكەر دەپ كۆرمىگەچكە، ھەر كۈن مېۋە يەيدىغانلىقى ئاشكارا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ھەپتە مېۋىنى قىسقاندىن كىيىن قان شېكىرى نورماللاشتى.

 بۇ كېسەلگە ئوخشاش نۇرغۇن ئىنسانلار مېۋىلەرنى ۋىتامىن مەنبەسى، ساغلاملىققا ھىچ زىيىنى يوق، دەپ ئويلىۋالىدۇ. مېۋىلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ( Fructose ) فرۇكتوزا يەنى مېۋە شېكىرى بولۇپ، ئۇ ھەم تۈزۈلۈشى ھەم بەدەندىكى مېتابولىزمى باشقا شېكەردىن پەرقلىق. فرۇكتوزا بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن، بەدەن ئۇنىڭدىن بىۋاستە پايدىلانمايدۇ. فرۇكتوزا ئاۋۋال جىگەردە ( Triglycerid ) ترى گلىتسېرىدقا دېگەن ياغقا ئايلىنىپ، ئەگەر ئېھتىياج تۇغۇلغاندا تەكرار شېكەرگە ئۆزگىرىدۇ. ئەمما ھازىرقى ئىنساننىڭ ئوزۇقلىنىشى شېكەرنى ئاساس قىلغاچقا، بەدەن بىر قانچە كۈن ئاچ قالمىغۇچە، بۇ زاپاس شېكەرگە ئېھتىياج تۇغۇلمايدۇ ۋە ماشىنىنىڭ زاپاس چاقىدەك بەدەنگە يۈك بولۇپ قالىدۇ. بۇ زاپاس چاقنىڭ ئورنى نەدە؟ دېگەنلەرگە قوسىقىنى كۆرسىتىپ قويىمىز. دېگىنىمىزدەك مېۋە ئىستېمال قىلىشتىكى ئاڭسىزلىق جىگەرنىڭ مايلىشىشغا، ئاستا خاراكتېرلىك فرۇكتوزا ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسى زەھەرلىنىشى بىلەن بەدەندە تاش ۋە مىكروبسىز ياللۇغقا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، مېۋە يېيىشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكىلەرنى بىلىۋېلىش لازىم.

1. مېۋىلەرنىڭ تەبئىي، ئورگانىك بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ. بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قىزىقسىڭىز « تەبىئىيلىك مۇ؟ ئورگانىك مۇ؟ » دېگەن يازمىمىزغا نەزەر تاشلاڭ. تەبئىي مېۋىلەر نورمالدا بويى كىچىك، تۇرقى سەت ياكى قۇرۇت چۈشكەن بولىشى مۇمكىن. قۇرۇتچىلىك ئەقلىڭىز بار بولسا بۇ خىل مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىڭ. ھاياتتا قاپىقى پۇلى ئەمەس بارىڭى پۇل بولسا، بەدەندە بۇ قانۇنىيەتنىڭ تام زىتى كۈچكە ئىگە، يەنى ئىشقا يارايدۇ.

2. مېۋىلەرنى ئۆزىنىڭ پەسلىدە يېيىشكە دىققەت قىلىڭ. بۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن « پەسىللەر ۋە كېسەللەر» دېگەن يازمىمىزغا قۇلاق بېرىڭ. ئۆزىنىڭ پەسلىدە يېمىگەن مېۋىلەرنىڭ ھەم بەدەنگە ھەم يانچۇققا زىيىنى بار.

3. ئۆزىڭىزنىڭ يۇرتىدىن چىققان مېۋە سىز ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولۇپ، باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ شۆلگىيىڭىزنى ئېقىتماڭ. ئالدىنقى يازمىدا دېيىلگەندەك،  ئىنسان - ئېكولوگىيە پۈتۈنلۈكى نوقتىنەزىردىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، مەلۇم رايوندا ئۆسىدىغان مېۋىلەر شۇ رايوندا ياشايدىغان خەلق ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق، ئۇلارنىڭ مىجەز- مىزاج تەڭپۇڭلىقى ئۈچۈن ئەڭ توغرا تاللاش بولىشى مۇمكىن. يەنى قەشقەرلىككە ئانار باناندىن تېخىمۇ ياخشى ، ھىندىستاننىڭ زەپەسىدىن ئانا دىيارنىڭ توپىسى تېخىمۇ ئەلادۇر.

4. مېۋە يەيمەن، دەپ بېشىڭىزنى يەپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى ھازىر مېۋىلەرنى شاختىن ئۈزۈپ يېسىڭىز، ئۇلارغا سېپىلگەن دورىلاردىن تۈپەيلى ئۆزىڭىزنى دوختۇرخانىدا كۆرىسىز. شۇڭا مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال ئەڭ ئاز يېرىم سائەت سۇغا چىلاپ، ئوبدان يۇيۇش كېرەك. ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى شېخىدىن ئۈزۈپ، باغدا ئولتۇرۇپ يېگەندەك يېسىڭىز بولىدۇ.

5. مېۋىلەرنىڭ قاقلىرىمۇ ئەگەر تەبئىي قۇرتلىغان بولسا، ساغلامىلىقىڭىزنى قۇرۇتۇپ قاقلاپ تاشلايدۇ. چۈنكى مېۋىلەرنى قۇرىتىش ئۈچۈن (sodium sulfate ) ناترىي سۇلفىت قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلار ئىشلىتىلدىغان بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ ئىنسان بەدەن ۋە زېھن ساغلاملىقىغا يامان تەسىرلەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

6. مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى فرۇكتوزا بەدەندە  ( Uric acid ) سۈيدۈك كىسلاتاسىغا ئايلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بەدەندە تاش ۋە ( Gout ) پوداگرا پەيدا قىلىشقا، بەدەندە ئاستا خاراكتېرلىك فرۇكتوزا ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسى بىلەن زەھەرلەشكە قادىر. شۇڭا قوغۇن- تاۋۇزنى كاسا قىلپ ئەمەس تىلىملاپ، ئۈزۈم- ئۈجمىنى سېۋەتلەپ ئەمەس، سىقىملاپ يېيىش لازىم.

7. قارا بۆلجۈرگەن (Blackberry ) ، مالىنا (Raspberry ) دېگەنگە ئوخشاش ئورمان مېۋىلىرىنى يېسىڭىز بولىدۇ. قىشتا بۇنداق مېۋىلەرنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

8. مېۋە يېگەندە ئۇرۇقى بار- يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ. ئۇرۇقى يوق ياكى ئاز مېۋىلەرنىڭ  گېنى ئۆزگەرتىلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. تەپسىلاتى ئۈچۈن « گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارنىڭ زىيىنى يوقمۇ؟ » تىمىسىدىكى يازمىمىزغا قاراپ چىقىڭ.  

9. مېۋىلەرنى تاماقتىن كىيىن ئەمەس، تاماقتىن بۇرۇن يەڭ. مېۋىلەرنى تاماقتىن كىيىن يېسىڭىز ئاشقازىنىڭىزدا ئېچىپ تېخىمۇ كۆپ كىسلاتا، گاز پەيدا قىلىدۇ. ئوخشىمىغان تۈردىكى مېۋىلەرنى بىر ۋاقىتتا يېمەڭ. بەدەن تەبئىيلىكىنى ياخشى كۆرىدۇ، تەبىئىيلىك ساددىلىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

10. مېۋە سۇلىرىدىن (شەربەت) يىراق تۇرۇڭ. مېۋە سۇلىرى مېۋىلەرنىڭ كۆزى يىشىدۇر. بۇ توغرۇلۇق ئالدىمىزدىكى يازمىدا تەپسىلى توختىلىمىز. ئەگەر چوقۇم مېۋە سۇيى دەپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىز مېۋىلەرنىڭ قاقلىرىدىن چۈلە تەييارلاڭ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى