تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال

 ماگىزىنلاردىكى ھەر خىل رەڭگارەڭ پلاستىنكىلارغا ئورالغان يېمەكلىكلەرگە، قۇتىلارغا قاچىلانغان ئىچىملىكلەرگە قارىغىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ توي قىلىدىغان قىز- چوكانلادەك چىرايلىق پەردازلانغان ھالىتىنى كۆرۈپ، بىلىپ بىلمەي ئىختىيارسىز ئۇلارغا ئاشىق بولۇپ،  ئۇلارنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش مۇھەببىتى ئىچىڭىزنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەككە بولغان تويماس قىزىقىشى، كۆڭلى قىشتا شاپتۇل تېتىيدىغان سېزىكى، ھورۇنلۇققا پروگىراملانغان بەدىنى يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ ئوراپ- قاچىلاشقا بولغان تەلىپىنى كۈچەيتىۋەتتى. يېمەك- ئىچمەك سانائىتىمۇ بۇ تەلەپكە قارىتا، يۈكسەك پەن- تېخنىكا ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ئوراپ- قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى، ئۇپا- ئەڭلىكلەرنى تەقدىم قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ، ئىنسانلار قاپاققا ئەمەس باراڭغا يۈزلەندى، سەت خوتۇنلارمۇ بازار تاپتى. يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ سۈپىتىدىن مۇستەسنا ھالدا، بۇ ئوراپ- قاچىلاش ماتېرىياللىرى زىيانلىق زەھەرلىك ماددىلار بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئىنسان ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار يېمەك- ئىچمەكلەرگە سوقۇنۇپ كىرىپ، ئىنسانلار ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كىيىن سېمىزلىك، راك، يۈرەك - قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىغا سەۋەبچى بولماقتا.

يېمەك- ئىچمەكنى ئوراپ- قاچىلاشتا پەرقلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ بۇ بازاردىكى ئىگىلىگەن نىسبىتىگە قارىغاندا ، سۇلياۋ % 37 ى، قەغەز- كارتون %34ى، ئەينەك شېشە %11 ى ، ئاليۇمىن قۇتىلار %6 ى  ۋە باشقا ماتېرىياللار %9 ى ئىگىلىمەكتە. 1  « خاشۇ بالىلار، سۇلياۋ قىزلار » ناملىق يازمىمىزدا تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندەك، ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، بەدىنىمىز ھەرخىل يوللار بىلەن بىر ئايدا ئاز دېگەندە 20 گىرام سۇلياۋ ( Plastic ) قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ساغلاملىقىمىزغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان mm 1 دىن چوڭ، mm 5 دىن كىچىك سۇلياۋ زەرىچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى سۇلياۋ شېشىلەردىكى سۇ ۋە باشقا ئىچىملىكلەر، خاشۇ بىلەن ئورالغان تەييار يېمەكلىكلەر ئارقىلىق يېمەك- ئىچمەكتىن ئېلىنماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان Polietilen, polipropilen , Polivinal chlor  قاتارلىق سۇلياۋلار كۆمۈر ۋە نېفىتتىن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ،  بۇلارنىڭ كەڭرى ئىشلىتىلىشى ھەم مۇھىتقا ھەم ساغلاملىقىمىزغا زىيان ئېلىپ كەلمەكتە.

سۇلياۋ تۇڭلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى بولغان Bisphenol A ( BPA )  ئىنسان بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمونى (Estrogen ) قوبۇللىغۇچىلىرى بىلەن تەسىرلىشىدىغان  بولۇپ، تەجرىبىلەردە ئۇنىڭ ياغ ھۈجەيرىسى، كۆپىيىش ئورگانلىرى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، جىگەر قاتارلىق نۇرغۇن ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ھەر كۈنى كىلو بېشىغا 50 مىللىگرام BPA نىڭ ئىنسان مېڭە فۇنكسىيەسى، ھەرىكەت تۇتۇملىرى، جىنسى ئىقتىدارى، ئاياللاردا بولسا تۇغۇت ۋە بالاغەت باشلانغۇچىلىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. گەرچە جامائەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسىدە دىگىدەك،  بۇ خەۋپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن تۇرۇقلۇق، شىركەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ھېچبىردە مەنپىي تەسىر بايقالمىغان.  ھەرھالدا بۇ مۇسبەت چىققان تەتقىقاتلارغا ئاساسلاندى بولغاي، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ( FDA )  تېخىچە BPA نى يېمەك- ئىچمەكنى ئوراپ- قاچىلاشتا بىخەتەر دەپ قارىماقتا. دېمەك پۇل ، پەن ۋە پەرمان ياخشى بۇرادەرلەر بوپتۇ، پۇخرالار بولسا ئىگىچاقسىز قاپتۇ.

ئوراپ- قاچىلاشتا ئىشلىتىلدىغان قەغەز- كارتونلار قارماققا ساغلاملىققا زىيىنى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قەغەز قەھۋە ئىستىكىنى ۋە قەغەز قۇتىلارنىڭ ئىچىگە بىر قەۋەت styrene ۋە polystyrene يالىتىدىغان بولۇپ، بۇلار ئىنسانلاردا ھارغىنلىق، چۈشكۈنلۈك مەيدان كەلتۈرگەندىن باشقا،  خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى ( IARC  ) تەرىپىدىن ئىنسانلاردا راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. ئاليۇمىن قۇتىلارنىڭ ئىچىگىمۇ مېتاللار بىلەن يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ ئۆزئارا رېئاكسىيىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن BPA بىلەن بىر ئەستەر قويۇلماقتا.  يېڭى چىققان ھەرخىل كۆيمەس قازان - ساپلىقنىڭ يۈزىدە، پۇشۇرۇقلاردا ئىشلىتىلدىغان ياغلىق قەغەزلەردە ۋە تاق سەپەرلىك قەغەز قۇتىلاردا per- and polyfluoroalkyl substance ( PFAS ) بولۇپ، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى (Environmental Protection Agency ) تەرىپىدىن كىچىك تۇغۇش نىسبىتى ۋە قالقانسىمان بېزى كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا. ئۆيلىرىمىزدە يېمەكلەرنى ۋە مېۋىلەرنى ئوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان سۇلياۋ ياپىراقلارنىڭ تەركىبىدە phthalates بار بولۇپ، بۇ ھورمون قالايمىقانلاشتۇرغۇچ بالىلاردىكى سېمىزلىك، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئوغۇل بالىلاردىكى جىنسىي ئەزالاردىكى بىنورماللىقلارغا سەۋەپ بولماقتا. 

بىز بۇرۇن دەپ ئۆتكەندەك يېمەك -  ئىچمەكلەرنىڭ ھەر خىل گۈزەل شەكىلدە ئورۇلۇپ، سۇلياۋ قۇتا- شېشىلەرگە قاچىلىنىشى دېمەك، ئۇلارنى زىندانغا ئېتىش بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئىستېمال قىلىش يۇقىرىدىكى زەھىرلەرنى يۇتۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئاقىۋىتى، ساغلاملىقىمىزنىڭ بۇزۇلۇشى بولۇپ، نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى بۇ گۈزەل - ئۇز چاپان - كۆڭلەكلەردىكى زەھەرلەردۇر. ساغلاملىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بۇ سۈنئىي خالتا- بوغچىلاردىن ، تېشى قەغەز ئەستىرى سۇلياۋ قاچا- قۇتىلاردىن، سىرتى تۆمۈر ئىچ كۆمۈر قازان- قومۇچلاردىن ئۇزاق تۇرۇشىمىز لازىم. تەبئىي بولغان شېشە قاپلار، ياغاچ قۇتىلار، لاي كوزىلار تالىشىمىز بولسۇن، تەبئىيلىك شۇئارىمىز بولسۇن!

1. https://www.foodpackagingforum.org

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى