مېۋە سۈيى، شورپىسىنىڭ شورپىسى

 ئالدىنقى يازمىلاردا تەبئىي بولمىغان، ئۆز پەسلىدە يېتىشمىگەن، خىمىيەلىك دورىلار بىلەن مىلەنگەن مېۋىلەرنىڭ ساغلاملىققا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، كۈندىلىك ئېنېرگىيە ئېھتىياجىدىن كۆپ يەپ- ئىچىدىغان، قوسىقى توق تۇرۇپ نەپىسى ئاچ يۈرىدىغان ھازىرقى زامانىۋى ئىنسانلار ئۈچۈن، تەبئىي بولغان تەقدىردىمۇ مېۋىلەرنى كۆپ يېيىشنىڭ ساغلاملىققا يوشۇرۇن خەۋپلىرى بار ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۇق. بۇ يازمىدا « ئۆزى تايىنلىق ئىكەن، سۈيى نېمە بولماقچى؟» دېگەن مەسىلىگە بىر قاراپ چىقايلى.

مېۋىلەرنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ سېتىش چۈشەنچىسى ئەڭ ئاۋۋال كىمنىڭ ئەقلىگە كەلگەن بولسا بولسۇن، دەسلەپكى نىيىتى نېمە بولسا بولسۇن، شەيتانغا ياقىدىغان بىر ئەقىلدۇر. بىر نەرسىنىڭ ئەزان ئىكەنلىكىنى تەرىپلەش ئۈچۈن « سۇدىن ئەزان» دېگەن ئىپادىنى ئىشلىتىمىز. بۇ ئىپادە  سۇنىڭ قىممەتسىز ئىكەنلىكىنى ئەمەس، ئەسلىدە ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى بولغان سۇنىڭ سېتىلماسلىقى، ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنىڭ تىجارەت ۋاستىسى بولماسلىقى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا بىكارلىق ھەدىيە قلغان بۇ سۇغا مېۋىلەرنى سىقىپ بىر- ئىككى تامچە  سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى چىرايلىق قۇتىلاردا ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇھىم دەپ سېتىش، ھەمدە بۇنىڭغا پۈتۈن ئوقۇغان- ئوقۇمىغان خېرىدارلارنى ئىشەندۈرۈش،  نورمال تىجارەتچىلەر قىلالايدىغان ئىش ئەمەس. مېۋە سۇلىرىنىڭ تۈرلىرى جىق بولۇپ، ئىچىدىكى ساپ مېۋە سۈيى مىقدارىغا ئاساسەن پەرقلىق ئىسىملىرى بار. شىركەتلەر يۈز پىرسەنتىدىن تارتىپ، نۆل پىرسەنتكە قەدەر ساپ مېۋە سۈيى قېتىلغان رەڭلىك سۇلارنى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن رۇخسەت ئېلىپ بازارغا سالالايدۇ. گەرچە شىركەتلەرنىڭ « دۇرۇست»لىقىدىن ساپ مېۋە سۈيى مىقدارى قۇتىغا يېزىلىدىغان بولسىمۇ،  قۇتىدىكى چىرايلىق مېۋىلەرنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈش،  بىز ئۈچۈن يېتەرلىك بولۇپ ئۇنىڭ قۇتىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ئوقۇپ ئىشتاھىمىزنى بۇزۇشنى خالىمايمىز. 

مېۋە سۈيى %100 ساپ بولسىمۇ ، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مېۋىلەرنىڭ  يۇقىرى بېسىمدا سىقىلىشى بىلەن مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى تالالار پارچىلىنىدىغان بولۇپ، ئىنسان بۇ تالادىن مەھرۇم مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا مېۋە شېكىرى تىزلا سۈمۈرۈلۈپ، بەدەن قان شېكەرنىڭ تۇيۇقسىز يۇقىرىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى تالا ئوزۇقلارنىڭ ھەزىم قىلىشنى ئاستىلىتىپ، ئۇلارنىڭ تولۇق ھەزىم بولىشىنى ، قورساقنىڭ تىز ئېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يېڭى سىقىلغان مېۋە سۈيىنى سىقىلغاندىن كېيىن تىز ئىستېمال قىلىش لازىم. ئەمما بۇ قۇتلۇق مېۋە سۇلىرىنىڭ بىر يىللىق ئۆمۈرى بار. بۇ بىر يىل ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ بۇزۇلۇش ۋاقتى ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئېچىپ كېتىشنىڭ ، پاختىلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،  ئۇلار  105-95 گرادۇستا قاينىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پايدىلىق ئېنزىم ۋە باكتېرىيەلەر بۇزۇلۇپ بولغان بولىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە قالغانلىقىنى ، سىزنىڭ نېمە ئىچكەنلىكىڭىز نامەلۇم.

ساپ بولمىغان مېۋە سۇلىرىنى ياساش ئۈچۈن ئۇلارغا سۇ قېتىلىدىغان بولۇپ، سۇ سەۋەپلىك تەمسىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا شېكەر ۋە باشقا تىتۇتقۇلار قېتىلىدۇ. ئۆزىدىكى شېكەر ئازدىكىدەك سىرتتىن قېتىلغان بۇ ساختا شېكەر بىلەن ئىنسان ئىممۇنىتېت سىستېمىسى شېكەر يالتىلغان زەمبىرەك بىلەن بومباردىمان قىلىنىدۇ. نەتىجىدە چىش چۈرۈش، ھەرخىل ئاللېرگىيىلىك كېسەللىكلەر، ياللۇغلىنىش، دىئابىت ۋە راكلار مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارغا باشقا بەزى قوشۇمچە خىمىيەلىك ماددىلارنى قېتىش بىلەن ئۇلارنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسى تەڭشىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنى مېۋە سۈيى ئەمەس، مېۋە كىسلاتاسى دېمەك تېخىمۇ توغرىدۇر. ئىچىدە ھېچ ساپ مېۋە سۈيى يوق مېۋە سۈيى بارمۇ دېسىڭىز ئەلۋەتتە بار. ھازىرقى يېمەك- ئىچمەك سانائىتىدە نورمال بىر ئىچىملىككە تەجرىبىخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇ مېۋىلەرگە خاس (aroma ) خۇشپۇراقلارنى قېتىش ئارقىلىق  سىزگە ئۇ مېۋىنىڭ زوقىنى ۋە تەمىنى بىرىش مۇمكىن. ھېچقانداق ساپ مېۋە سۈيى بولمىغان بۇ سۇلارنى مېۋىلەرنىڭ ژۈندىسى دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىقدۇر.

يېڭى كەشپىياتلاردىن بىرى سۈپتىدە بالىلارغا سۈت ۋە قېتىق ئىچىشىنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە مېۋىلىك سۈت ۋە قېتىقلار بازارغا سېلىنماقتا.بۇ يەردىكى مەقسەت بالىلارنىڭ سۈت ۋە قېتىق بىلەن كۆپرەك كالتىسىي ئىستېمال قىلىپ،  ساغلام سۆڭەككە ئىگە قىلىش ۋە بويىنىڭ ئېگىز بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.  مەقسەت گۈزەل بولغان بىلەن، ئۇسۇل خاتا بولغان تەقدىردە، ياخشى نىيەت ھاسىل بولۇش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن.  نورمال سۈت ۋە قېتىققا سېلىشتۇرغاندا، مېۋىلىك سۈت ۋە قېتىقلاردا كۆپ مىقداردا شېكەر بار بولۇپ، بۇ تاتلىققا خۇمارداپ قالغان بالىلار باشقا تاماق ۋە كۆكتاتلارنى كۆڭلى تارتمايدۇ. « بالىلىرىم كۆكتات يېمەيدۇ، تاماق بىلەن خۇشى يوق» دەپ زارلىنىدىغان ئانىلار بۇنىڭ باش سەۋەبچىسى ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلارنى بېقىشتىكى خاتا قاراشلار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىمۇ؟! بۇنداق تەڭپۇڭسىز ئوزۇقلانغان بالىلارنىڭ سۆڭەكلىرى مەزمۇت بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،  شېكەردىن سەمىرىپ كەتكەن بەدىنىنى كۆتۈرۈشتىنمۇ ئاجىزدۇر. 

مېۋە سۇلىرىنى ئوراپ- قاچىلاشتا ئىشلىتىلدىغان قەغەز- كارتونلار قارماققا ساغلاملىققا زىيىنى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قەغەز قۇتىلارنىڭ ئىچىگە بىر قەۋەت styrene ۋە polystyrene يالىتىدىغان بولۇپ، ئاليۇمىن قۇتىلارنىڭ ئىچىگىمۇ مېتاللار بىلەن يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ ئۆزئارا رېئاكسىيىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، BPA دېگەن ماددا بىلەن بىر ئەستەر قويۇلماقتا. بۇلار ئىنسانلاردا ھارغىنلىق، چۈشكۈنلۈك مەيدان كەلتۈرگەندىن باشقا،  خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى ( IARC  ) تەرىپىدىن ئىنسانلاردا راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن < تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال > دېگەن يازمىنى ئوقۇپ چىقىڭ.

 يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن تۈپەيلى، مېۋە سۇلىرى سىز ئويلىغاندەك بىغۇبار ئەمەس. مېۋە سۇلىرى مېۋىلەرنىڭ كۆزى يېشى بولۇپ، ساغلاملىقىڭىز بۇ كۆز يېشىدا بوغۇلمىسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى