ساقلىق بىر تاللاش بولسا، كېسەللىكمۇ خالاشتۇر، خالاس

 ئىنسان ھاياتى تاللاشقا تولغان بولۇپ ، ئىنسان نەپسىمۇ توغرا ۋە خاتادىن بىرسىنى تاللاشقا قادىر. شۇڭا ئىنسان ھاياتىنى بىر سايلام ساندۇقىغا، ئىنساننىڭ ھەر بىر تاللىشىنى بىر بېلەتكە ئوخشىتىش مۇمكىن. بىزنىڭ ئىستىقبالىمىز ۋە  ساغلاملىقىمىز بۇ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە بەرگەن قارارىمىزدىن ئىبارەتتۇر.  تەن ساقلىقىمز ئۈچۈن ساقلىقمۇ ، بىتابلىقمۇ؟ روھ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن خۇشاللىقمۇ، چۈشكۈنلۈكمۇ؟ ئىجتىمائىي ساغلاملىق ئۈچۈن بىرلىكمۇ، ئايرىلىقمۇ؟ مۇھىت ساغلاملىقى ئۈچۈن پاكىزلىقمۇ، مەينەتلىكمۇ؟ ئېلكتروتور ساغلاملىق ئۈچۈن رىئاللىقمۇ خىياللارمۇ؟ كائىنات ساغلاملىقى ئۈچۈن ھاياتلىقمۇ ماماتلىقمۇ؟ قاتارلىق تاللاش بىزنىڭ ئالدىمىزدا ۋە بىز بۇلاردىن بىرنى تاللاشقا مۇھتاج. بەزى تاللاش ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭ قارارىنى ھىچ ئويلانماستىن، ھېچقانداق ئەقىل ۋە ئېنېرگىيە سەرپ قىلماستىن بېرەلەيمىز. مەسلەن بۈگۈن قايسى كىيىمنى كىيىش، قايسى تاماقنى يېيىش، قايسى كىتابنى ئوقۇشقا ئوخشاش. بەزى تاللاشلار باركى ئۇلارنىڭ قارارىنى بېرىش بىزدىن نۇرغۇن ۋاقىت، ئېنېرگىيە ۋە ئەقىل تەلەپ قىلماقتا. مەسلەن قايسى ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇش، قايسى كەسىپنى تاللاش، كىم بىلەن توي قىلىشقا ئوخشاش. ئەمما ساغلاملىق ۋە سائادەتكە ئوخشاش تاللاشلار باركى بىز بۇ تاللاشنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ھەر ۋاقىت ، ھەردائىم ، ھەر ھەرىكىتىمىز بىلەن بۈيۈك تاللاش ئۈچۈن توختىماي بېلەت تاشلاۋاتقانلىقىمىزنى سەزمەي قالىمىز.

قارار بېرىش  مەيلى ئىنسان ئۈچۈن، مەيلى شىركەت- دوختۇرخانا ئۈچۈن، ياكى بىر جامائەت ئۈچۈن، ئىنتايىن مۇھىم ۋە مۇشكۈل بىر ئىش. قارار بېرىش مېخانىزمغا ئاساسلانغاندا توغرا قارار بېرىش ئۈچۈن، قولىمىزدىكى نامزاتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى، بىزنىڭ ئەمەلىي ئىمكانلىرىمىز، قارارنى بەرگەندىن كېيىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان خەۋپ ۋە ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق ئويلىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ، مۇتەخەسسىس ئىنسانلار ۋە  گۇرۇپپىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش كېرەك. شۇڭا ئسىتىراتىگىيەلىك باشقۇرۇشتا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى لېدىرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى قارار بېرىشتىن ئىبارەت. كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك، قارار بېرىش ئۇ قەدەر ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان بىر ئەقىل يۈرگۈزۈش پائالىيىتىدۇر. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ%2 نى ئىگىلەيدىغان تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇد ئېنېرگىيەسىنىڭ %20 سەرپ قىلىدىغان ئىنسان مېڭىسى بۇ تەس ۋە كۆپ ئېنېرگىيە كېتىدىغان ئىشلارنىڭ جىقىنى خاتالىشىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولسىمۇ، تىز سۈرەتلىك، ھېسسى، كۆپ ئېنېرگىيە ئىشلەتمەيدىغان ۋە ئاپتوماتىك قارار بېرىدىغان قىسمىغا ھاۋالە قىلىدۇ. نۇرغۇن ئىنسان تەپەككۇر قىلىشنى، ئىزدىنىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن مېڭىسىنىڭ ئاڭلىق، مەنتىقىلىق قارار بېرىش سىستېمىسىغا قان بارمىغانلىقى سەۋەپلىك ۋىجىكلەپ قالغاچقا، نۇرغۇن قارارلارنى چوڭلاردىن ئاڭلىۋالغان، خەقتىن ئۇقۇۋالغان، چوڭ بىلىۋالغان ئىنسانلاردىن ئۆگىنىۋالغان، تىلېۋۇزور- توردىن كۆرۈۋالغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن بەرمەكتە. ساغلاملىق ۋە سائادەتكە ئوخشاش مۇھىم تاللاشنىمۇ باشقىلارغا ھاۋالە قىلماقتا. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئىنسانلارنىڭ پەقەت %6 ى مەنتىقىلىق پىكىر قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نەتىجىلەرمۇ بۇ  رېئاللىققا ماس كەلمەكتە.

ساغلاملىق يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم قارار بولۇپ، بۇ تاللاش ئىنسان تېخى ئاپىرىدە بولماي تۇرۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ ساغلام ھاياتقا قەدەم تاشلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. ساغلاملىق ئىنساننىڭ ساغلاملىق تونۇشى ، تەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، توغرا تۇرمۇش ئەندىزىسىگە ئاساسەن شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ ھالىقىلاردىكى كىچىك تاللاشلارنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسان ساغلام ۋۇجۇدقا ئىگە بولىدۇ. بۇ كىچىك ۋە مۇستەقىل كۆرۈنگەن ھالقىلار ئۇ قەدەر بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، كېسەللىكلەرمۇ بۇ ئاجىز ھالقىلارنىڭ بىرلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن زەنجىردۇر. ئەسلىدە كېسەللىكلەرنى ئۆز قولىمىز بىلەن پوپايكا توقىغاندەك توقۇپ چىقىمىز.  كېسەللىك، ئۇنىڭ خەۋەرچىسى بولغان سېمىزلىك ھەرگىزمۇ نوقۇل  تەقدىر ۋە گېندىن ئىبارەت ئەمەس. بىزنىڭ كۈندىلىك تاللاشلىرىمىز بىز ھېس قىلمىساقمۇ، گېنىمىزغا شىفىرلەنمەكتە. بۇلار بەلگىلىك سەۋىيەگە كەلگەندە ئاندىن ئاشكارىلىنىدۇ ۋە كېسەللىك بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ گېن ئۈستى ( Epigenetic ) دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى بۇدۇر.

چوڭ- كىچىك ھەرقانداق بىر كېسەللىككە دۇچ كەلگىنىڭىزدە بەلكى تەقدىرىڭىزدىن ئاغرىنىشىڭىز مۇمكىن. تەقدىردىن ئاغرىنىش ياكى تەقدىرگە  دۆڭگەپ قويۇشتىن ئاۋۋال ئالغان تەدبىرىڭىزگە، قارارلىرىڭىزغا بىر دىققەت قىلىپ چىقىڭ. ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىرلىكتە بىر كىچىك سىناق ئېلىپ بارايلى. ساغلاملىق توغرىسىدا ھىچ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ ساغلاملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر كىتاب ياكى ماقالە ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ باشقىلارنىڭ كېسەللىك خەۋىرى سىزنى تەپەككۇر قىلىشقا ھىچ قوزغاتتىمۇ؟ تاماكا چىكەمسىز؟ ھاراق ئىچەمسىز؟ كەچ سائەت 8 دىن كىيىن تاماق يېيىش ئادىتىڭىز بارمۇ؟ ناشتىلىققا ئەھمىيەت بېرەمسىز؟ تاتلىق تۈرمىلەرنى ياخشى كۆرەمسىز؟  تىز تاماقلارغا ئامراقمۇ ؟ كولا ۋە مېۋە سۈيى قاتارلىق قۇتىلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچەمسىز؟ ھەركۈنى سەھەر تۇرامسىز؟ تاماق سائەتلىرىڭىز تۇراقلىقمۇ؟ كۈندە 2 لىتىر سۈ ئىچەمسىز؟ ساغلاملىق ئۈچۈن تەنھەرىكەت قىلامسىز؟ ئاچىقىڭىزنى كونترول قىلىشنى بىلەمسىز؟ ھاياتڭىزنىڭ غايىسى بارمۇ؟ ھاياتىڭىزدا ئاتا- ئانىڭىزدىن باشقا سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ياكى سىز ياخشى كۆرىدىغان بىرسى بارمۇ؟ ۋاقتىڭىزنى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرالامسىز؟ ئېكران ئالدىدا ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىڭىز بىر سائەتتىن ئۇزۇنمۇ؟ ئۇيقۇڭىزنىڭ سۈپىتى ياخشىمۇ؟ ئۆلۈمنى ھىچ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۆلۈمگە ھىچ تەييارلىق قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ سوئاللارغا ھەئە دېيىش ئۈچۈن 1، ياق ئۈچۈن 0 بىلەن جاۋاپ بېرەلەيسىز. كومپىيوتېر سىستېمىسى نۆل ۋە بىر بىلەن كودلانغاندەك، سىزنىڭ ساغلاملىق ۋە كېسەللىك تەقدرىڭىزمۇ بۇ كىچىك ئەمما بىر پۈتۈن ئۈچۈن ئايرىلماس بولغان تاللاشلارغا بەرگەن قارارلىرىڭىز بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

تاللاش بىر ئەركىنلىكتۇر. تاللاش بىر تەقدىردۇر.  ئەگەر ئازراق تەپەككۈر قىلسىڭىز توغرا بىلەن خاتانىڭ، ساغلاملىق بىلەن كېسەللىك يوللىرىنىڭ ئېنىق ئايرىلغانلىقىنى ئىدراك قىلالايسىز. ساغلاملىقمۇ ، كېسەللىكمۇ؟ تاللاش سىزنىڭ قولىڭىزدا. قارار بېرىش ھوقۇقىنى ئۆز قولىڭىزغا ئېلىڭ. باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ، بويىڭىزدا قالمىسۇن ! سالاغا بوش دېمەك، ساغلاملىققا خوش دېمەكتۇر.  

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى