ئىنسان ساقلىقى ۋە ھەقىقەتنىڭ خارلىقى

 ھەقىقەت ھېكىمەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، ئۆزگەرمەس توغرىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ھەر ئىنساننىڭ ، ھەر زاماننىڭ، ھەر ماكاننىڭ توغرىلىرى بولىشى،  زاماننىڭ ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ توغرىلارمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن، ئەمما ھەقىقەت ھەرخىل سىناقلاردىن ئۆتكەن توغرىلار بولغاچقا يىگانىدۇر. ئىنسان ساغلاملىقى ، ھاياتنىڭ مەناسى ، تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقى ئەسلىدە بۇ ھەقىقەتلەردە ساقلانغان بولۇپ، ھاياتنىڭ غايىسىمۇ بۇ ھەقىقەت ۋە ھېكمەتلەرنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەت بەدەن ساغلاملىقىمىزغا بىر رېتسىپ، روھ خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن بىر رەھبەر،  ھاياتىمىزغا بىر مەشئەلدۇر. ئەمما رېئال دۇنيادا بولۇۋاتقان ھادىسىلەر، تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراۋاتقان ھېكايىلەر، ساغلاملىقتا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بىزنىڭ ھەقىقەتتىن ئۇزاق ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، يالغاننىڭ بازار تېپىپ، ھەقىقەتنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. غەرب پەلسەپىسىدە دەل بۇ ھەقىقەتنىڭ قىممىتىنى يوقۇتۇش ياكى خارلىنىشى ھادىسىسىنى Post – Truth تېرىمى  بىلەن ئىپادە قىلىدۇ.

Post - Truth ئەسلىدە كەلىمە مەنىسى بويىچە ئېيتقاندا،  ئاللىقانداق ھەقىقەت ئۈستى ياكى ھەقىقەت ئاشتى بولماستىن Oxford لۇغىتىدا شەرھىلەنگەندەك، ھەقىقەتنىڭ قىممىتىنى يوقاتقان بىر دەۋرنى ئىشارەت قىلماقتا. بۇ تېرىمنى ئۇيغۇرچىدا ھەقىقەتنىڭ خورلىنىشى ياكى خارلىنىشى دېگەن تەرىقىدە ئىپادىلەشنى  توغرا تاپتۇق. يەنى بىز ھازىر ياشاۋاتقان دەۋر دەل بۇ ھەقىقەت خار بولىۋاتقان دەۋردۇر. ھەقىقەت ھەر قاچان بار بولۇپ، ھەر خىل سەۋەپ تۈپەيلى ئىنسانلار يا ھەقىقەت بويىچە ھەرىكەت قىلمايدۇ ياكى ھەقىقەتنىڭ دۈشمىنى بولغان يالغانلار ئاۋۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەقىقەت كۆرۈنمەس بولۇپ ھاياتىمىزدىن ئۇزاقلاپ كەتكەچكە خاردەك كۆرۈنمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقەت توپىغا كۆمۈلسىمۇ قىممىتىنى يوقاتمايدىغان ئالتۇن بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىرىگە يەتمەسلىك، مەنىسىنى ئۇقماسلىق بىلەن ئىنسان قىممەتسىزلىشىپ ئۆزى خار بولماقتا.

مۇتەپەككۇرلار ھەقىقەتنىڭ خارلىنىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىنى پوستمودىرنىزم، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە تاراتقۇلاردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگۈرۈشلەر ۋە سىياسەتتە مودا بولىۋاتقان خەلق پوداقچىلىقى (populism) قاتارلىقلارغا باغلاپ چۈشەندۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتنىڭ خارلىنىشى ھازىرقى دەۋرگە خاس بىر  ھادىسە بولماستىن، ئەلمىساقتىن بىرى ھەقىقەت يالغۇز، بىچارە ۋە يېتىم ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى. بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ قەدىر- قىممىتىنى بىلىگەن ئالىملار، ھېكمەت ئىشقىدا كۆيۈپ يانغان پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇرلار ئاز، ھەقىقەتنىڭ قىممىتىنى بىلمەي خار قىلغان، يالغان سەپسەتىلەرگە ئالدىنىپ خار بولغان ئىنسان ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلار جىق ئىدى. يەنى بۇ ھەقىقەت بىلەن يالغان ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش تۈنۈگۈنمۇ بار ئىدى، بۈگۈنمۇ مەۋجۇت ۋە ئەتىمۇ داۋام قىلىدۇ. بۇرۇنقى  ئۇچۇر- مەلۇمات ئاز، ئۇچۇر- ئالاقە ئاستا زامانلاردا ھەقىقەت بىر قىسىم نادان، ئوقۇمىغان كىشىلەرنىڭ قولىدا خار بولغان بولسا، ئۇچۇر- ئالاقە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە ھەقىقەت ئوقۇغان ئاڭسىز نادانلار ۋە ئۆتكۈنچى توغرىلارنى ھەقىقەت دەپ بىلىۋالغان ئاتالمىش ئۇقۇمۇشلۇقلار تەرىپىدىن خار بولماقتا.  بۇرۇن يالغاننىڭ تارقىلىشى ئۇ قەدەر تىز ۋە كەڭ كۆلەملىك بولمىغاچقا، ھەقىقەت يەنىلا نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نۇر چاچاتتى، ھازىر بولسا يالغاننىڭ كۆپلۈكىدىن ھەقىقەت ئومۇميۈزلۈك ۋە كەڭ كۆلەمدە خارلانماقتا. بۇنىڭ ھەققىي سەۋەبى ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋىلىششى ۋە نەپىس- ئارزۇسىغا دۈم چۈشىشىدۇر.

بۇ ماددىغا يېقىن، مەنادىن يىراق ھايات پەلسەپىسى ، ئىنسانلارنى پەقەت نەپىس- ئارزۇسىنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ياشايدىغان بىر مەخلۇق ھالىتىگە ئېلىپ كەلمەكتە.  گەرچە ئۇچۇر- مەلۇماتلار كۆپىيىپ ، ئەقىل تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بۇلار ئىنسان قەلبىنى نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، قاراڭغۇ- زۇلمەتكە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. ھەقىقەت كۆڭۈل ۋە قەلبلەرگە تەخت قۇرالمىغانلىقى، قەلبلەردىكى بۇ بوشلۇق يالغان ۋە سەپسەتىلەر بىلەن تولغان بولغانلىقى ئۈچۈن روھ بىتابتۇر،  چۈنكى روھنىڭ ئوزۇقى ھەقىقەتتۇر. روھى بىتاب بولغان ئىنساندا تەپەككۇر بولمىغاچقا، بۇ قەلىبلەردە ئەخلاق ، سۆيگۈ- مۇھەببەت، ئىرادە - غايە، ھەق- ئادالەت قاتارلىق ئېسىل خىسلەتلەردىن ئەسەر قالمايدۇ. بۇ خىل كېسەل ئىنسان ھەقىقەتنى ئەمەس ، نەپسىگە قولاي بولغاننى، توغرا بولغاننى ئەمەس، يالغان بولسىمۇ نەپسىنى  ۋاقىتلىق خۇش قىلىدىغاننى تاللىماقتا. ئۆتكۈنچە پايدا- مەنپەت ئۈچۈن، مۇقىم ساقلىق ۋە سائادىتىنى ۋەيران قىلماقتا.

بۇ ھەقىقەتنىڭ خارلىنىشى ھادىسىسى ئىنسان ساغلاملىقدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ساھەدىمۇ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئېغىر تەرىقىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، ئىلىم- پەن لىباسقا ئورىنىۋالغان ئۆتكۈنچە توغرىلار، ماددىي مەنپەئەتنى ئۈچۈن ھەقىقەتنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ياكى ھەقىقەتنىڭ سۇنۇقى بولمىغان دوختۇر- تىۋىپلار، ئەڭ مۇھىمى نەپسىگە دۈم چۈشكەن كېسەللەر تۈپەيلى، ھەقىقەت خار، ساغلاملىق بولسا خانى- ۋەيران بولماقتا. ھەر ئىنساننىڭ ھەقىقەت دەپ بىلىۋالغان توغرىلىرى ، پوستى قاتتىق تۇرمۇش ئادەتلىرى، تۈزىتىش قىيىن بولغان خۇي- پەيلىلىرى، ئۆزگەرتىش تەس بولغان ئۆرپ - ئادەتلىرى، يىرتىش مۇشكۈل بولغان لىباسلىرغا ئورالغان قاراشلىرى تۈپەيلى، ھەقىقەت ئىنسانلارنىڭ بىر قۇلىقىدىن كىرىپ يەنى بىر قۇلقىدىن قېچىپ چىقماقتا. كېسەللەر ئۆزىگە ھەقىقىي ساغلاملىق بېغىشلايدىغان تۇرمۇش ئەندىزىسنى ئۆزگەرتىشتەك داۋانى ئەمەس نەپىسىگە قوللاي بولغان دورىلارنى ، ئاچچىق بولسىمۇ ھەقىقەتلەرنى سۆزلەيدىغان ھەكىملەرنى ئەمەس قۇللاققا چىرايلىق ناخشا تولايدىغان دوختۇرلارنى، توغرىسىنى بىلىدىغان ئىشنىڭ ئەھللىرىنىڭ گېپىنى ئەمەس ئەتىراپىدىكى ھەممىنى بىلىدىغان ناتقىلارنىڭ پىكىرلىرىنى، ئۆزى ئاددىي ۋە ئەزان تەكشۈرۈش- داۋالاشلارنى ئەمەس زىيانلىق بولسىمۇ قىممەت داۋالاش ئۇسۇللارنى تەلەپ قىلماقتا. قىسقىسى بەدەن- روھ ساغلاملىقىنى ئەمەس نەپىس- ئارزۇسىنىڭ راھەتلىكىنى تاللىماقتا. نەتىجىدە تەدبىرگە ئەمەس تەقدىرگە مۇراجات قىلماقتا.  ئىزچىنىڭ كەسپى ھاياتى بۇنداق ئاچچىق مىساللار بىلەن تولۇپ تاشقان....

گەرچە 15 يىلدەك بولۇپ قالغان بولسىمۇ شۇنداق ئېسىمدە، نەۋرە تاغامنىڭ مېڭىسگە قان چۈشۈپ مەلۇم دوختۇرخاننىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمگە ئېلىنغان شۇ پەيىتلەردە،  تۇغقانلارنىڭ ئالدىدا جىددىي قارار بېرىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مېڭىسنى تېشىپ قاننى بوشالتىش ئوپىراتسىيەسىنى قىلىش- قىلماسلىق توغرىسىدا ئىدى. تاغامنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى كېسەللىك ئەھۋالغا ئاساسەن، مېڭە تاشقى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋە ئىزچى بۇنىڭ پايدىسنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان بولساقمۇ، شۇ مەزگىلىدە شۇ بۆلۈمدا يېتىۋاتقان باشقا بىر كېسەلنىڭ قىزى خۇددى ئىككى كېسەلنىڭ ئەھۋالى ئوخشاشتىكىدەك، دادىسنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ئاڭلىتىپ رىغبەتلەندۇرشى بىلەن تۇغقانلار بىزنىڭ ئەمەس ئۇ مەددا، بىلەرمەننىڭ گېپىگە قۇلاق سالغانىدى. ئۇ پەيتتىكى نۇرغۇن يىللىق تەرجىبىلەرنىڭ مەھسۇلى بولغان  تىببىي ھەقىقەت، تىبابەتنىڭ سۇنىقىنى ۋە  ئۆزىنى بىلمەيىغان قىز بىلەن  ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلمايدىغان تۇغقانلىرىم تەرىپىدىن خار بولغان ئىدى.

ھەقىقەت يالىڭاچ، يالغان چىرايلىق لىباس بىلەن ئورالغان بولغاچقا، ئىنسانلار ھەقىقەتتىن قېچىپ، يالغانغا تۇتۇلماقتا. ئەمما ساغلاملىق ھەقىقەتلەر ئۈستىگە بىنا قىلىندۇ.  شۇڭا ھەقىقەتنى خار قىلما، ساغلاملىقى ۋەيران!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى