يەپ - ئىچىش، خاراكتېر ۋە خاھىش

بىر ئىنساننى ساغلام دېيىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ تېنىنىڭ ساق بولىشى، بەدەن ساپاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆپ قېتىم قەيت قىلىپ ئۆتتۇق. چۈنكى ئىنسان جىسمانىي، ئەقلىي ۋە روھى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بىر جانلىق بولغاچقا، ھەقىقىي بىر ساغلاملىق ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساغلام بولىشى كېرەك. شۇڭا  مۇكەممەل بىر ئىنسان دېمەك ، تېنى ساق، ئەقلى- ھوشى جايىدا، روھى ساغلام بولغان ئىنسان دېمەكتۇر. بۇلارنىڭ بىر قىسمىغا ئەھمىيەت بېرىپ بىر باشقىسىغا سەل قاراش ساغلاملىقتىن ئىبارەت بۇ ئوقۇمدا بىر كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىدۇ. پەيدا بولغان بۇ كەمتۈكلۈك ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدىكى ئاچچىق ساۋاقلارغا سەۋەپ بولىدۇ. ئەقىللىق ئەمما كېسەلچان،  پۇت- قولى چاققان ئەمما ئەقىل- ھوشى كاللىسىدىن قاچقان، تىمەن ۋە چېچەن ئەمما ئۆزنى ئۆلتۈرۋالدىغان مىساللار نېمە دېمەكچى بولغىنىمىزنى تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادە قىلىپ بەرمەكتە. 

بەدىنىمىزنىڭ ساغلام بولىشى بىزنىڭ جىسمىمىزغا كۈچ قوشۇپ، ئاسان ھېرىپ قالمايدىغان، تۈگمەس ئېنېرگىيە بىلەن كۈندىلىك پائالىيەت ۋە خىزمەتلىرىمىزنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملىشىمىزغا ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە، بىزگە خۇددى تەنھەركەتچىلەردەك بەدەن سۈپىتى بەخش ئېتىدۇ. ئەقىل ساغلاملىقىمز ئەقلىي قابىلىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، بىزنى تەپەككۈر قىلالايدىغان، مەنتىقىلىق چۈشىنەلەيدىغان، يىڭى پىكىرلەرگە باي، مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە توغرا قارار بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر زېھىن سىستېمىسىنى مېڭىمىزگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. روھ ساقلىقىمىز بىزگە خۇشاللىق ۋە ئىرادە  بېرىپ، ھاياتقا غايە، تۇرمۇشقا مەنا  قېتىپ، روھ ساقلىقىمىزغا ماس بىر خاراكتېر ۋە خاھىشنىڭ يېتىلىشىگە ئىلىپ بارىدۇ. گەرچە بۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، پەرقلىق ۋە ئۆزىگە خاس بەزى ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان يېگانە ئامىل دەل بىزنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىمىزدۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يەپ- ئىچكەنلىرىمىز بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئېلمېنتلار جىسمىمىز ۋە ئەقلىمىزغا ئوزۇق بولسا، پەيدا بولغان ئېنېرگىيە روھىمىزنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. شۇڭا يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ پاك- پاكىز بولىشى ئاجايىپ مۇھىم.  كۆپچىلىكنىڭ ئىچىدە يېمەك- ئىچمەك بىلەن جىسمانىي ۋە ئەقلىي تەرەققىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئوبدان چۈشىنىدىغانلار كۆپ سانلىق بولسىمۇ، ئوزۇقلۇقلارنىڭ خاراكتېر ۋە خاھىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تونۇپ يەتكەنلەر ئاز سانلىق.

بۇرۇن بۇ تېما مېدىتسىنا ساھەسىدە پەقەت نەزەرىيە سۈپتىدە تىلىغا ئېلىناتتى،  ئەمما يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا يېمەك- ئىچمەك بىلەن خارەكېتر ۋە خاھىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆرسىتىلىپ بېرىلدى. بۇ تەتقىقاتتا تەتقىقاتچىلار 40000 دىن كۆپ بالىلارنىڭ بىر قانچە يىل كۆزىتىلگەن سان- سىفىرلىرىنى قوللانغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئانا قورسىقىدا ياكى بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش ئەندىزىسىگە باغلىق ھالدا، ساغلام ئوزۇقلانغان بالىلارنىڭ ئىجابىي پىسخىكىلىق خارەكتېر ۋە خاھىشقا ئىگە بولغانلىقىنى، ساقسىز ئوزۇقلانغان بالىلاردا بولسا سەلبىي پىسخىكىلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى بايقالغان. 1 بىر ئانىدىن تۆرەلگەن بىر يوتقاندا يېتىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ توڭ، بەزىلىرىنىڭ ئوڭ، بەزىلىرىنىڭ شەپقەتلىك ۋە تىرىشچان، بەزىلىرىنىڭ شەپقەتسىز ۋە ھورۇن بولۇپ قىلىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك پىچىملىرى بولىشى مۇمكىن. ھازىرقى بالىلارنىڭ خاراكتېرىدىكى بۇزۇلۇش، زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ خاھىشىدىكى چىرىكلىشىشنىڭ تەكتىدە ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەك شەكلى، ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتى، ناپاك ئوزۇقلۇق مەنبەسى ياتماقتا. شېكەردىن مول ، ئاقسىل ۋە ياغدىن يوقسۇل ئوزۇقلانغان بالىلارنىڭ مېڭىسى شېكەرگە خۇمارداپ قالىدىغان بولغاچقا، بۇ < ئاق تاماكا > نى ئالمىغۇچە بالىلارنىڭ يىغلايدىغان، قاخشايدىغان، قالايمىقان چىرقىرايدىغان ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولۇشى ناھايىتى نورمال ( تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن < تومىلاق بالىلىق، سوقىچاق ساقىلىق> قا نەزەر تاشلاڭ ). چوڭلاردا كۆرۈنىۋاتقان ماغدۇرسىزلىق، ئاسان غەزەپلىنىش ، خامۇشلۇق، ئۇنۇتقاقلىق، ئۈمىدسىزلىك، يالغانچىلىق ۋە بەزەن جىن چاپلىشىۋالغان ھالەتلىرىگىمۇ ھازىرقى زامان يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلىمىزنىڭ تۆھپىسى چوڭدۇر.

يېمەك- ئىچمەكنىڭ پاكىز ۋە تەبئىي بولىشى بىلەن بىرگە پاك ۋە توغرا بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يۇقىردا تىلغا ئالدۇق. بۇلارنى تاپماق ناھايىتى قېيىن بولۇپ كەتكەن بۇ زامانلاردا ، سۇ ئېقىمىغا تەتۈر سۇ ئۈزۈشتە بىزگە ياردەم قىلىدىغان پالاقنىڭ بېرىسى ئاز يېيىشتۇر. ئەسلىدە ئاز يېيش بىر خىل ئوزۇقلىنىش سەنئىتى بولۇپمۇ قالماستىن،  يەنە ئىسىل - زادىلىقنىڭ ۋە كۆزى توقلۇقنىڭ ئالامىتى. ئاچلىق بىلەن قەلبنىڭ نۇرلىنىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. ئاز يېيىش ئارقىلىق نەپىسنىڭ ئورۇنسىز ئارزۇلىرى ئۆچىدىغان بولغاچقا، قەلب پاكلىشىدۇ، يۈرەككە  شەپقەت ۋە سۆيگۈ- مۇھەببەت تولىدۇ. بەزى تەسەۋۋۇپ ئەھلى ئىنسانلار ئاشقازاننى قەلبنىڭ ئاستىدا قاينىغان قازانغا ئوخشىتىدۇ. بۇ قازان قانچە قاينىغانسېرى پەيدا بولغان ھور ۋە ئىستا قەلىب ئۇ قەدەر قارىدايدۇ، دەيدۇ. ئاشقازان تاماق بىلەن تولغانسېرى Ghrelin دېگەن ھورمون ئازلىغاچقا ئنسانلارنىڭ ھۇشارلىقى ۋە زېھنى تۆۋەنلەپ ئاسان ئۇيقۇ باسىدۇ. بۇ سەۋەپلىك لوقمان ھەكىم ئوغلىغا < ئۇيقۇ ۋە يېمەكتە نورمىنى قاچۇرما > دەپ نەسىھەت قىلىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، يېمەك- ئىچمەك ئىنساننىڭ بەدەن ساپاسىغا، زېھىن قۇۋۋىتىگە، روھى ھالىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. گۈزەل خۇي ۋە خۇلۇققا، كۈچلۈك خاراكتېر ۋە خاھىشقا ئىگە بولاي دېسىڭىز، ئىشنى يېمەك- ئىچمەكتىن باشلىشىڭىز لازىم.


 1.  Diet in Early Life Is Related to Child Mental Health and Personality at 8 Years: Findings from the Norwegian Mother, Father and Child Cohort Study (MoBa) . DOI: 10.3390/nu15010243 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى