ھاراق ساغلاملىقتىن ئۇزاق

 ھاراق دۇنيادا ئىنسانلار كەيىپ ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ جىق ئىستېمال قىلىنىدىغان قانۇنلۇق ماددىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىققا بولغان سەلبىي تەسىردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر توپلۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن تەسىرى كۈچى زور  مەخپى قورال- ياراق دېيىش مۇمكىن.  ھاراقنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي ئېتىل ئالكوھول (  Ethanol ) بولۇپ ، ئۈزۈم ۋە بۇغداي- ئارپىنى ئېچىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلماقتا. ئېتىل ئالكوھول  ئۆزى سېسىق بولغان بىلەن، بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن Endorpin ، Dopamin ، Glutamate دېگەنگە ئوخشاش ئادەمگە ئۆتكۈنچى كۈچ، خۇشاللىق، كەيىپ ۋە زوق بېرىدىغان ھورمون ماددىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى بىلەن دەسلەپتە ئىنسانلاردا كەيىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇنجى تەسىرگە بولغان ئىشتىياق ۋە تەلەپ، ئاخىردا خۇمار ۋە ئەيىب ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.  تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تېپىشنى بىلەلمىگەنلەر، ھاياتنىڭ غايىسىنى تاپالمىغانلار، ياشاشنىڭ سىناقلىرىغا سەۋر قىلالمىغانلار، نەپسىنىڭ ئارزۇلىرىغا بويۇن ئەگكەنلەر ۋە  شەيتاننىڭ پىچىرلىشىغا قۇلاق سالغانلار ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ھاراقتىن ئىبارەت بۇ ھەلەققە مۇپتىلا بولماقتا.  بۇ ئىنسانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، ئىسپىرتلىك ئىچىملىكنىڭ دۇنيا بازىرى 2 تىرىليون دوللارغا يېقىنلاپ قالدى. يەنى  بەزى ئىنسانلار بىر دوللارغا زار بولىۋاتقان بولسا، يەنە بەزى ئىنسانلار مىڭ دوللارنى خار قىلماقتا.

ھاراقنىڭ بەدەن ساغلاملىققا ئەكىلىدىغان ئەكىس تەسىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز بولۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش، ساختا ھاراقتىن كۆزى كۆر بولۇش، مەستلىكتە يۈز بېرىدىغان قاتناش ۋەقەلىرى ۋە پەسلىكلەر،  جىگەر قېتىش ۋە كەينىدىن مەيدانغا كېلىدىغان جىگەر راكى، چۈشكۈنلۈك، سېمىزلىك، ھامىلە ئاياللارنىڭ ئىسپىرتلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىشى سەۋەپلىك، بوۋاقلاردا  مەيدانغا كېلىدىغان كەمتۈكلۈك ۋە ھاراققا مۇپتىلا بولۇش قاتارلىقلار بۇلاردىن بىر نەچچىسى، خالاس. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ 2018- يىللىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،  2016 - يىلى 3 مىليون كىشى ھاراق تۈپەيلى ئۆلگەن. ھاراقنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىدىن  ئىبارەت بۇ ھەقىقەت ئالدىنقى يازمىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، ھاراقنىڭ بىر قىسىم ساغلاملىققا پايدىسى كۆرسىتىلگەن تەتقىقاتلار بىلەن ئىلىم- پەننىڭ ئۆزى تەرىپىدىن خار بولماقتا. ئىنسان نەپسىدىن خەۋەرسىز، ئىنساننى پەقەت تەجرىبە ماتېرىيالىدىن ئىبارەت كۆرىدىغان بىر قىسىم پەنشۇناسلار ھاراقنىڭ بەدەنگە پايدىلىق مىقدارنى ۋە تۈرىنى بەلگىلەش بىلەن ، ھاراقكەشلەر بولسا بۇ سەپسەتىلەردىن مەدەت تېپىش بىلەن ئاۋارە بولماقتا.  ھاراقنىڭ قىزىلى- ئېقى، پىۋىسى- ۋوتكىسى، ئاز- كۆپ دېمەستىن مىڭە ھۈجەيرىلىرىگە ئاجايىپ زىيانلىق ئىكەنلىكى يېڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلمەكتە.

ھاراققا مۇپتىلا بولۇشقا ئوخشاشمىغان  دىئاگنوز يېتەكچىلىرى پەرقلىق ئىسىملار قويماقتا.  DSM-5 قالايمىقان ھاراق ئىچىش (Alcohol use disorder ) دېسە، ICD-11 بولسا ھاراققا خۇمارداپ قىلىش (Alcohol dependence ) دەپ ئاتىماقتا. ئەمما ئۇلار نېمە دەپ ئات قويسا قويسۇن ھاراققا مۇپتىلا بولغانلارنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ تەسلىكىدە ھەمپىكىر. ھاراققا مۇپتىلا بولغانلار بۇ زەھەرگە جىسمانىي، روھى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن خۇمارداپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ھاراقنى تاشلىشى بىر مۆجىزە. شۇڭا ھەم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ھەم ئۆزىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ھاراق ئىچىشنى تاشلا دېيىشتىن ئاۋۋال مەن ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلسام بولا؟ دەپ سوئال قويۇشىمىز كېرەك. ئۇلارغا سوزۇلغان ياردەم قولى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تاشلانغان بىر قەدەمدۇر. ئۇنداقتا ھاراقنى تاشلاشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى نېمە؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ھاراق پەيدا قىلغان خۇمارلارنى بىرلىكتە يوقىتىش ئۈچۈن دورا بىلەن داۋالاش، پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە ئىجتىمائىي ئاقارتىشنى تەڭ ئېلپ بېرىش كېرەك.

1- دورا بىلەن داۋالاش : ھاراق ئىچكۈچىلەرنىڭ بەدىنىدە زەھەرگە بولغان تەسىر كۈچى ئۇ قەدەر ئېغىر بولىدىكى،  ئۇنى ئىچىشنى توختاتقاندا تەشۋىشلىنىش، تەرلەش، تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىش، ئۇخلىيالماسلىق،تېرىكىش، قورقۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق ھەتتا نەپەس سېقىلىشتەك بىئارامسىزلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولۇپ، باش ئاغرىسا ئاغرىق توختاتقۇچ، قىزىتقاندا قىزىتما دورىسى ئىچكەندەك،  بۇلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ھاراقكەشلەر ھاراق دېگەن بۇ  زەھەرنى دورا سۈپتىدە ئىچىدۇ.  بۇ يوقسۇل قىلىش ئالامىتىنى يوقىتىش، بىمارلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر شەكىلدە ھاراق تاشلىتىشنىڭ كاپالىتى. بۇ مەقسەت بىلەن بېرىلىدىغان پەرقلىق دورىلار بار بولۇپ، بۇلارنى كېسەللەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىم ياكى بىرلىكتە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنماقتا.

2- پىسخىكىلىق داۋالاش: بۇخىل داۋالاشنىڭ ئاساسى ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا، ئويلىنىشقا، زىيانلىق قىلمىش ۋە بۇنىڭغا سەۋەپ بولىۋاتقان خاتا چۈشەنچىنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئاڭ ۋە چۈشەنچىمىز تۇيغۇمىز بىلەن ھەرىكىتىمىزنى بەلگىلەيدۇ.  تەپەككۈر ئارقىلىق ئىنسان غايىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، بەدەننىڭ بىر ئامانەت، ھاراقنىڭ ئامانەتكە خىيانەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇشقا باشلايدۇ. ھازىرقى ھايات بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقى، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىكى، ئەقلىمىزنى  ئىشغال قىلغان ئارزۇلارنىڭ كۆپلۈكى، باشقا كېلىۋاتقان دەرد- ئەلەمنىڭ جىقلىقى، بىزنى ھەركۈنى 5-10 مىنۇت تەپەككۈر قىلىشتىن، ئۆز- ئۆزىمىز بىلەن مۇڭدىشىشتىن ، بۇ ھاياتنىڭ سىرلىرىنى ھېس قىلىشتىن مەرھۇم قىلماقتا. تەپەككۈر بولمىغاچقا، نەگە قانداق كېتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قېلىۋاتىمىز. شۇڭا پسخولوگلار بۇلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنى ئويغىتىش، ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە قىلماقتا.  پسخولوگلار ئۆزگىرىشنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدا ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن كەمچىل بولغان ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى تونۇش، سۆيگۈ- مۇھەببەت قاتارلىق ۋېتامىنلارنى ئۇلارغا بەرمەكتە.  شۇڭا كۈندە ئازراق تەپەككۈر قىل، بۇ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇل.

3. ئىجتىمائىي داۋالاش: يەنى توپلۇۇقنىڭ كاللىسىدىكى ناتوغرا چۈشەنچىلەرنى توغرىلاش ۋە ئاقارتىش. جەمئىيەتتە بىر تەرەپتىن «ھاراق ئىچمىگەن ئوغام بالا ئەمەس» دېگەنگە ئوخشاش خاتا كۆز- قاراشلار، يەنە بىر تەرەپتىن ھاراقكەشلەرنى گۇناھكار كۆرۈپ ئۇلارنى خورلايدىغان پوزىتسىيەلەر ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزغا تەسىر زور بولغان بۇ مەرەزنى يوقىتىشتا دۇچ كېلىدىغان پىكىر توسالغۇلاردۇر. ھاراقكەشلەرنىڭ  كۆپى ھاراقنىڭ زىيىنىنى بىلىدۇ ۋە تاشلاشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ياشاۋاتقان مۇھىتتىن تۈپەيلى  ئاسمان يىراق ، يەر بەك قاتتىق.  مەيلى ئەتراپىمىزغا مەيلى تارىخقا نەزەر سالساق، ھاراقكەشتىن  پەقەتلا قەھرىمان چىقمىغان. ھاراق ئىچىپ ئۆزىنى يىگىت چاغلايدىغانلار يەنى شۇ ھاراق ئۈچۈن ئەتىسى يالاق يالايدىغان ئىت بولۇپ قېلىشى، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدىن ئىبارەتتۇر. ھاراقكەشلەرنى گۇناھكار كۆرۈپ ئۇلارنى سۆيگۈ- مۇھەببەتكە خار قىلىدىغانلار ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغانلاردۇر. جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار بولغانلار،  ئەسلىدىكى گۇناھكارنىڭ ئۇلار ئەمەس ھاراق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى، شەخسلەرگە ياردەم قىلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۋالماي تۇرۇپ كوللېكتىپنىڭ ئامانلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى لازىم.

 ئەسلىدە ھاراق بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساقلىقىمىزغا قۇرۇلغان بىر تۇزاق.  تەپەككۇر،  ئىرادە ، مۇھەببەت ۋە مەدەت بىلەن ئۇنىڭىدىن تۇرايلى ئۇزاق!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى