سۇ ھەر دەردكە داۋا سۇيۇق دورا

 ئىنسان ساغلاملىقى بىر تەلەپ- تەقدىمدىن ئىبارەتتۇر. ئىنسان  بىئولوگىيەلىك، پىسخولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەدەن، ئەقىل ، روھ ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرى ئىنساندىن بىر نەرسىلەر تەلەپ قىلسا، ئىنسانمۇ بەدەن ساغلاملىقى، ئەقىل تەرەققىياتى، روھ خۇشاللىقى ۋە كوللېكتىپ سائادىتى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇشى ۋە تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەرنى توغرا ۋاقىتتا، ئۇيغۇن مىقداردا، يۇقىرى سۈپەتتە تەقدىم قىلىشى كېرەك. ئەمما ئىشلەتمىگەن پىچاق گاللاشقاندەك، ئۆزىنى كۆزەتمىگەن، ھەر ھادىسە ئۈستىدە تەپەككۈر قىلمىغان، بەدىنى بىلەن مۇڭدىشىپ، روھى بىلەن سىرداشمىغان ئىنسان بالىسى ئۆزىگە ئەڭ مۇھىم بولغاننى، ئېھتىياجلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇقماي قىلىدۇ. بەزىدە پالانى بۇنى يەيدىكەن، پۇستانى بۇنى كىيىدىكەن دېگەندەك تاشقى دۇنيادىن تېڭىلغان سۈنئىي ئېھتىياجلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆزىگە خاس تەبئىي ئېھتىياجلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىۋاتقان بولسا، بەزىدە ئېھتىياجلار ئارسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا دىققەت قىلماي، بەدەن ئېھتىياجىنى دەپ، روھنىڭ ئېھتىياجلىرىنى، شەخسىي تەلەپ ھەلەكچىلىكدە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بۇ تەقدىمنىڭ ئۇزۇن سۈرگەن كەمچىلىكىدىن تۈپەيلى،  ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەيدانغا كەلمەكتە. مەسىلەن،  بەدەن ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان نۇرغۇن كېسەللىكلەر، ئەمەلىيەتتە ۋۇجۇدىمىزنىڭ سۇسىزلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ سۇسىزلىقنىڭ سەۋەبى بولسا ئىنسانلارنىڭ سۇ ئېھتىياجىغا بولغان ئاڭسىزلىقىدىن مەيدانغا كەلمەكتە.

سۇ ساغلاملىقنىڭ تېرىكى بولغاندەك ، سۇسىزلىقمۇ نۇرغۇن ساقسىزلىقنىڭ سەۋەبىدۇر. ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇسسىمىسا سۈ ئىچمەيدىغان ئەھۋال ئومۇملاشقان بولغاچقا، ھۈجەيرىلىرىنىڭ سۇسىز قالغانلىقىدىن خەۋىرى يوق. ئالدىنقى يازمىلاردا تەكىتلەنگەندەك،  بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %70ى سۇ بولۇپ، بۇنىڭ %50 ى ھۈجەيرە ئىچىگە جايلاشقان ۋە ئىنساننىڭ سۇلۇق ۋە ساغلام بولىشى ئۈچۈن كۈندە ئاز دىگەندە 2000 مىللىلىتىر سۇغا ئېھتىياجى بار. بەلكى سىز سۇسىزلىق ھېس قىلمىغان بولىشىڭىز، تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكى ۋە بېسىمى تۈپەيلى ھېسلىرىڭىز ئېگىز- پەس بولۇپ، بىرى- بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. ئەمما ھۈجەيرىلىرىڭىزنىڭ ئاللىقاچان سۇسىزلىقتىن سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالمايسىز. ئىشەنمىسىڭىز سۈيدۈكىڭىزنىڭ ساماندەك سېرىق بولۇشىغا بىر نەزەر تاشلاڭ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۈيدۈكىڭىزگە قارىغان ۋاقتىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ ياكى بەك « پاكىز » بولغانلىقىڭىز تۈپەيلى سۈيدۈككە قاراشتىن كۆڭلىڭىز ئېلىشامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمىسۇن چۈنكى بىر تەرەپتىن مەيلى پادىشاھ بولسۇن مەيلى پۇقرا بولسۇن، مەيلى باي بولسۇن مەيلى مالاي بولسۇن، مەيلى باشلىق بولسۇن مەيلى قەلەم قاشلىق بولسۇن، مەيلى سۈرىتى تولۇن ئاي بولسۇن ۋەياكى سۆلىتى ئۇچار تاي بولسۇن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇردىغان بىر تامچە مەندىن پەيدا بولۇپ، چوڭ - كىچىك تەرەت قلىپ يۈرىدىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۈيدۈك ئىنسان ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇيۇق شەكللىك ئۇچۇر مەنبەسىدۇر. ئىشەنمىسىڭىز سۈيدۈكىڭىزنى تېتىپ بېقىڭ، ئەگەر تاتلىقسا دىئابىت بولدىڭىز دېمەكتۇر.  بېمارلار ئۈچۈن بولۇپمۇ ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ياتقان كېسەللەر ئۈچۈن سۈيدۈك ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ۋە تەرەققىياتىغا بولغان كۈزىتىشىمىز، داۋالاش پىلانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بۇ سۈيدۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان. كېسەللەرنىڭ سۈيدۈكى بىز ئۈچۈن ئۇ قەدەر قىممەتلىككى ، ئۇلارنىڭ سۈيدۈك چىقىرىشى بىزنى شادلاندۇرسا، سۈيدۈكىنىڭ كېسىلىشى بىزنى قايغۇلاندۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋالدىن تەشۋىشلىنىپ قانداق قىلىمىز ؟ دەپ سورىغان سېستىرالارغا  < ئاۋۋال كېسەللەرگە ئېسقى چال >  دەپ چاقچاق قلىغىنىم بىلەن ئۇلارنىڭ سۈيدۈكنى ماراپ سۈيدۈك خالتىسىنى 30 قېتىم يوقلايدىغىنىم ھەركىمگە مەلۇم.

ئىنسانلار ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقداردا، سۈپەتلىك سۇ ئىچىسە، بەدىنىدىكى پۈتۈن توكسىن ۋە ئەخلەت- چاۋىلار سۇدا ئېرىپ، تەلتۈكىس بەدەندىن ئاتىلىدىغان بولغاچقا،  ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز كۈچلىنىپ بەدىنىمىز ساغلام بولىدۇ. ئەگەر سۇسىزلىقتىن ۋە سۈيدۈكسىزلىكتىن بۇ توكسىنلار قاندا يىغىلىپ قالغان تەقدىردە،  ئاددىيسى كۆڭلى ئېلىشىش، بەدەن قىچىشىشتىن ئېغىرى ھوشىنى يوقتىشتەك كلىنكىلىق ئەھۋاللاردا كېسەللەرنى سۈنئىي بۆرەك بولغان قان دىئالىز ( Hemodialysis  ) ماشىنىسىغا باغلايمىز.  بەدەن سۇسىز بولمىسا، ئىنسانلارنىڭ قانلىرى سۈيلۈپ تومۇرلاردا شارىلداپ ئاقىدىغان بولغاچقا،  پۈتۈن ئورگانلار سۇ ۋە ئوكسىگېنگە قېنىپ ئېنېرگىيەسى ئېشىپ ئىنسان ئاسان ھارمايدۇ، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. بەدەننىڭ سۈ سەۋىيەسى ئازايغاندا ئەڭ ئاۋۋال مېڭە ۋە يۈرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تېرە ۋە مۇسكۇللارنىڭ قان تومۇرلىرى قىسقىرايدۇ ۋە سۇ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدىغان ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئاغرىق ھېسلىرىنى ئارتتۇرىدىغان ھورمونلاردىن پروستاگلاندىن (Prostaglandin ) ۋە ھىستامىن ( Histamine   ) ئاجرىلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، قان بېسىمى، باش ئاغرىقى ، شىقىقى، مۇسكۇل ئاغرىقى، ئاشقازان ئاغرىقى ۋە ئاشقازان يارىسى مەيدانغا كېلىدۇ. سۇنى كۆرسە بېشى ئاغرىمايدىغانلارنىڭ راستىنلا بېشى ۋە باشقا بەدەن ئاغرىقلىرى بولمايدۇ. دوختور Fereydoon Batmanghelidj  ئاشقازان يارىسى بولغان تۈرمىدىكى كېسەللەرنى پەقەت سۇ ئىچىرىش بىلەن داۋالاپ ساقايتقانلىقى بىلەن مەشھۇر.

سۇ سۇيۇق گۈزەللەشتۈرگۈچى بولۇپ،  ھەم تاشقى ھەم ئىچكى تازلىقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ھەر كۈنى قېنىپ سۇ ئىچكەنلەرنىڭ چوڭ - كىچىك تەرىتى راۋان بولىدىغان بولغاچقا بەدەندە تاش، ئۈچەيدە قەۋزىيەت بولمايدۇ. تېرىنىڭ توكسىنلارنى يوقىتىشتەك يۈكى ئازايغاچقا، تېرىسىگە قورۇق چۈشمەيدۇ، بەدىنى سىېسىق پۇرىمايدۇ. سۇ بىلەن ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تولۇق بولىدىغان بولغاچقا تېرىلىرى پاقىراپ، سىلىقلىشىپ چىۋىن قونسا تېيىلىپ يېقىلىپ چۈشىدۇ. سۇ ئىنسانلارنى ئورۇقلىتىدىغان بولغاچقا، سېمىزلىكتىن پارچىلانغان، يېرىلغان تېرىلەر ئەسلىگە كېلىپ بۇزۇلغان ئىسكەتلىرى ئەسلىگە قايتىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار بەزىدە سۇسىزلىقنى ئاچلىق دەپ خاتا ھېس قىلىپ قالىدىغان بولغاچقا،  سۇ ئىچىشنىڭ ئورنىغا تاماق يەپ  سەمىرىپ كېتىدۇ. 2013 - يىلى ئاياللار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەجرىبىدە ھەركۈنى ئۈچ ۋاق سۇ نورمىسىغا قوشۇمچە 500 مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ  ئىچكەنلەرنىڭ،  8  ھەپتىدە بەدەن ئېغىرلىقى چۈشكەن. 1 شۇڭا يېتىشتىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۇ ئىچسىڭىز كەچتە قورسىقىڭىز ئىچىپ ئويغىنىپ كېتىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۈيدىكىڭىز قىستاپ ئويغىنىپ كەتسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا، ئەلۋەتتە.

سۇ ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى. تۇپراق ئۈچۈن سۇ بەرىكەت بولغانغا ئوخشاش، سۇ ساغلاملىق ئۈچۈن ھەر دەردكە داۋا، روھىمىزغا شىپا بىر شەربەت.

 

1.https://www.ncbi.nlm.gov/pmc/articles/PMC3809630/                 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى