سۇ، ئادەم ۋە ئالەم

 بىر ئىنساننىڭ بەدەن سۈپىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى،  خۇيى پەيلىنىڭ يېتىلىشىدە ئۇ چوڭ بولغان سۇ، تۇپراق، مۇھىتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم. بىر ئىنساننىڭ  بەزى خۇسۇسىيەتلىرى ئۆزى چوڭ بولغان ئائىلىسىنىڭكىگە ئوخشاش بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسان بەدىنىمۇ ئۆزى ئاپىرىدە بولغان بۇ دۇنيادىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىسى بىلەن بەزى ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ سۇ مىقدارىدۇر. دۇنيانىڭ يەر مەيدانىنىڭ %70.8 نى سۇ تەشكىل قىلغانغا ئوخشاش، ئىنسان بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %70 نى سۇ ئىگىلەيدۇ. ( بۇ نىسبەت  چوڭلاردا  %60، بالىلاردا %80  ).  كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە، سۇنىڭ ئىسراپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ تىمپۇراتۇرسى ئۆرلەپ، سۇ كەمچىللىكىدىن تۈپەيلى، دۇنيا كېسەللىككە قاراپ يۇز تۇتىۋاتقان بولسا، ئىنسانلارمۇ سۇ بىلەن ساغلاملىق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولغان تونۇشىنىڭ زەئىپلىكى، ناتەبىئىي تۇرمۇش ئەندىزىسى تۈپەيلى، ئۆزىمۇ ھېس قىلمىغان ھالەتتىكى سۇسىزلىقتىن بىتاب بولماقتا.  ھەم دۇنيا ھەم ئىنساندىن ئىبارەت بۇ كېسەل كۆپىلىرىگە ئورتاق داۋا،  ئۇلارغا نىسبەتەن جان تومۇرى بولغان سۇنىڭ يارىتىلىشتا بەلگىلەنگەن مىقدارىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

سۇغا قاراپ تەپەككۈر قىلىپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگەنگەن ئىنسان سۇنىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي قالمايدۇ. سۇ ئەسىلىدە ئۇ قەدەر قىممەتلىك ۋە قەدىردانكى، بۇنىڭغا ئۆزنى ئاجايىپ ئەقىللىق چاغلاپ، قولغا كەلتۈرگەن پەن - تېخنىكا تەرەققىياتلىرى بىلەن مەيدىسىگە مۇشلاۋاتقان ئىنسانىيەتنىڭ مارىستا بىر تامچە سۇ تېپىش ئۈچۈن پوقى چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىق شاھىت. دۇنيادىكى 1.4 مىليارد كىلومېتىر كۈپ سۇنىڭ قەدرىنى بىلمەي ۋە  مەۋجۇت سۇ بايلىقنى ئىدارە قىلالماي ئىسراپ قىلىۋاتقانلارنىڭ، مارستىكى مەجھۇل سۇ ئۈچۈن مىليارد دوللار خەجلەۋاتقان ئەقلىگە قاچانغىچە ھەيرانلىق بىلەن مەس بولۇپ يۈرىمىز؟ گەرچە ئىنسانلارنىڭ ئىستېمالىغا مۇۋاپىق تاتلىق سۇنىڭ مىقدارى پەقەت %2.5 بولغان بىلەن،  ئىنسان بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىسىتېمىسىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى دېڭىز- ئوكيانلاردىكى ئۇ تۇزلۇق سۇنى دەسلەپ پارغا ئايلاندۇرۇپ، بۇلۇتتا سۈزۈپ، ئاسماندىن ئالغان ئۇچۇرلارنى قوينىغا قېتىپ، ئەڭ ئۇيغۇن ۋاقىتتا، ئەڭ ئۇيغۇن ماكانغا ۋە ئەڭ ئۇيغۇن مىقداردا تاتلىق سۇ قىلىپ ياغدۇرۇشقا ۋە يەر ئاستىغا ساقلاشقا قادىر. بۇ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ چاقىرىقىغا ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا قاچانغىچە قۇلاق سالماي كېتىۋېرىمىز؟ ئەقلىمىزگە ئەقلىنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان ۋاقىت قاچان كېلەر؟!

سۇ كەلىمىسى، س ۋە ۇ ئىككى ھەرپتىن تۈزەلگەنگە ئوخشاش، سۇ مولىكۇلاسىمۇ ھېدروگىن ۋە ئوكسىگېندىن ئىبارەت ئىككى خىمىيەلىك گازدىن مەيدانغا كەلمەكتە. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ھېدروگىن بىر يانىدىغان گاز، ئوكسېگىن بىر كۆيدۈرىدىغان گاز تۇرۇقلۇق بۇ ئىككىسىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئۇلار پەيدا قىلغان ئوتنى ئۆچۈرىدىغان سۇ پەيدا بولماقتا. < ئۆزىنىڭ پوقى ئۆزىگە دورا > دىكى مەقسەت بۇ بولسا كېرەك. ياكى ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى مەنتىقىسىز قىلمىشلىرى، سادىر قىلغان جىنايەتلىرى، قائىدە ۋە قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن، زۇلۇمغا ئۇچۇرغان مەزلۇملارنىڭ كۆز ياشلىرىغا چىدىماي يەرلەر يېرىلغاندەك، ئەتراپىمىزدىكى بىزگە ھايات بەخش ئېتىۋاتقان سۇلارمۇ بىر بۇيرۇق بىلەن ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىپ پەيدا بولغان ئۇ ئىككى كۆيدۈرگۈچ گازلار بىلەن ھاسىل بولغان ئوت يالقۇنى، دۇنيانىڭ قىيامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.

سۇ رەڭسىز ، پۇراقسىز ، سۈزۈك بولۇپ، يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك ئىنسان بەندىنىڭ يېرىمىدىن جىقراقىنى سۇ ئىگىلەيدۇ.  ھۈجەيرىلىرىمىزنى كىچىك سۇ شارى دېسەك خاتا بولمايدۇ. بىر تامچە سۇ مىسالى مەنىدىن تۆرەلگەن ئىنسان بالىسىمۇ يەنە بوۋاقلىق مەزگىلىنى سۇ بىلەن تولغان ئانا تۆرەلمە خالتىسىنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. بەدىنىمىزدىكى ئورگانلارنىڭ خەۋەرلىشىشى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ توشۇلۇشى، ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى سۆز- ئالاقە ھەممىسى سۇنى ۋاسىتە قىلماقتا.   دېمەك، بىزنىڭ ماھىيتىمىز سۇ بولۇپ ، بۇ ئىنساننىڭ مەۋقەسىنىڭمۇ سۇغا ئوخشاش بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. يەنى ئىنسان سۇغا ئوخشاش سۈزۈك، سۇغا ئوخشاش پاك، سۇغا ئوخشاش پايدىلىق، ئىچى- تېشى بىر خىل، سۇدەك  سۆرۈن ۋە سۆيۈملۈك بولىشى كېرەك. ئەمما ھازىر ئىنسانلار ئىچىۋاتقان سۇلارنىڭ كىرى بولغاچمۇ ياكى ئىنسانلارنىڭ كىرى سۇلارنى كىرلەتتمۇ، ئىنسانلارنىڭ مەۋقەسى سۇدىن ئۇزاق، بۇ سەۋەپلىك ھايات مۇشەققەتلەرگە تولاق.

سۇ سۇيۇق، قاتتىق ۋە پاردىن ئىبارەت  ئۈچ خىل ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ، ھەر ھالىتىنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرى بار. بۇلار ئوخشاشمىغان بېسىم ۋە تېمپېراتۇرادا بىر ھالەتتىن يەنى بىر ھالەتكە ئۆتمەكتە. ئەڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسىمى سۇ بولغان ئىنسانغا نىسبەتەن، سۇنىڭ قاتتىق ھالىتى ئىنسان بەدىنىگە، پار ھالىتى ئۇنىڭ روھىغا، سۇيۇق ھالىتى ئۇنىڭ ئەقىل ۋە زېھنىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئۇچ خىل ھالەت بىلەن بىر پۈتۈن سۇدىن ئىبارەت مەۋجۇدىيەت ئوتتۇرىغا چىققانغا ئوخشاش، پەقەت بەدەن، ئەقىل ۋە روھ بىر گەۋدىدە توپلانغاندىلا ئاندىن بىر پۈتۈن ئىنسان ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. قار، مۇز، دەريا- دېڭىز ۋە ئۇلاردىن پەيدا بولۇپ بۇلۇتلارغا ساقلانغان پارنىڭ بېرىسى كەم بولسا سۇنىڭ گۈزەللىكىدە سۇنۇقلۇق مەيدانغا كەلگەنگە ئوخشاش، بەدەن، ئەقىل ۋە روھ ساغلامىلىقتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن ساغلاملىق بولماي تۇرۇپ ساغلاملىق ئۇقۇمدا بىر كەمتۈكلۈك پەيدا بولىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، سۇ ئادەم ۋە ئالەم ئۈچۈن پەقەت بىر ئاددىي ماددا بولماستىن، ئوخشاشمىغان بۇرجەكلەردىن دىققەت قىلىپ قارىساق سۇ ئادەم ۋە ئالەم ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا چوڭقۇر بىر مەنادۇر.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى