سۇ ۋە ساغلاملىق

 ئىنسان دېگەن مەخلۇق بىر تامچە سۇ مىسالى مەنىدىن مەيدانغا كەلگەن بولغاچقا، سۇ ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە جەۋھىرى.  بۇ سەۋەپلىك ئىنسان ئېغىرلىقىنىڭ %70 ى سۇ بولۇپ، بۇلارنىڭ %50 ھۈجەيرە ئىچىگە، %20 ھۈجەيرە ئارىسىغا ۋە قان تومۇرلارغا جايلاشقان. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق جاننىڭ سىمۋولى بولغان قاننىڭمۇ %50 ىمۇ قان پلازمىسى ( Plasma ) دەيدىغان سۇدىن تەركىب تاپماقتا. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، سۇ بولسا تومۇردىكى ئۇ قان جاندۇر، سۇ بولمىسا، جان ئالغۇچى نوكچىدۇر.  بۇ سان- سىفىرلار مۇنداقلا تاسادىپىي مەيدانغا كەلگەن بولماستىن، ئىنسان ساغلاملىقى زەرگەرنىڭ تارازىسىدىن مىڭ ھەسسە سەزگۈر بۇ ئۆلچەم ۋە تەڭپۇڭلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئىنسان بەدىنى %1 سۇ يوقىتىپ سۇسىزلىق ( Dehydration ) كۆرۈلگەندە، بەدەندىكى پۈتۈن ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيەسى تەسىرگە ئۇچراپ كەيپىياتتىكى ئېگىز پەسلىك، باش ئاغرىق، ھالسىزلىق مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر بۇ مىقدار %10 غا يەتكەندە،  شوك ( Shock ) دەپ ئاتىلىدىغان ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان مەنزىرە شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەللەرنىڭ ياتىدىغان يېرى ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدۇر.

سۇنىڭ مۇھىملىقى تۈپەيلى بەدىنىمىزدە بۇ سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدىغان ۋە قوغدايدىغان بىر مۇكەممەل سىستېما بار.  بۇ سىستېما ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان مېخانىك، خىمىيەلىك ئۆلچىگۈچ، قوبۇللىغۇچ ۋە رادار قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇلغان بولۇپ، بىز ھېس قىلالمىساقمۇ 24 سائەت توختىماي سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سۇنىڭ باش قوماندانلىق مەركىزى بولغان تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە (  Hypothalamus  ) گە مەلۇم قىلىدۇ. بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن بۇ مەركەزدە بۇيرۇق خاراكتېرلىك سۈيدۈك ھەيدەشكە قارشى ھورمون ( ADH - Vasopressin  ) ئاجرىلىپ چىقىپ،  بىر تەرەپتىن قان تومۇرلارنى قىسقارتىپ ئۆستەڭگە توغان قويسا، يەنى بىر تەرەپتىن ئالدىنقى سەپتە ئىشلەۋاتقان بۆرەكتىن سۇنىڭ قايتا سۈمۈرلىشىنى جىقايتىدۇ. ئەگەر مېڭە كېسەللىكلىرىدىن تۈپەيلى، بۇ ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىدا مەسىلە كۆرۈلسە،  نورمالدا 2-1 لىتىر سۈيدۈك ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىنسان كۈندە 20- 10 لىتر سۈيدۈك چىقىرىدۇ. سۇ تەڭپۇڭلىقىنىڭ مۇھىملىقى سەۋەبلىك،  مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىماتىغا قاراپ تۇرماستىنلا تىز ھەرىكەت قىلىدىغان بۆرەكنىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك ھۆكۈمىتى بار بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىسمى RAAS ( Renin - Angiotensin- Aldestrone system ) .  ئىنسان سۇسىزلانغاندا،  بۆرەكتىكى بۇ سىستېما ئۆزى ئاجرىتىپ چىققان ھورمونلار بىلەن بەدەندىكى سۇ مىقدارنى قوغداش ئۈچۈن جۈمەكنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا كېسەللەرنىڭ سۈيدۈك خالتىسىغا 24 سائەت ئەتراپىدا بىر تېمىم سۈيدۈك كەلمەيدۇ. يەنى سۈيدۈك جىق بولسا خاپىلىق، ئاز بولسا تېخى خارلىق.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا سۇ  ئۇ قەدەر مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، ۋۇجۇدىمىزدىكى پۈتۈن ئورگانلار نورمال خىزمىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۇدىن ئايرىلالمايدۇ. بەدىنىمىزنىڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولغان مېڭىمىز سۇ بولمىسا توك ئىشلەپچىقىرالمىغاچقا،  باشتا كۆزىمىز  قاراڭغۇلىشىدۇ، ئېغىر ئەھۋاللاردا ھوشىمىزنى يوقىتىپ بەدىنىمىزنى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ. ھەزىم قىلىش سىستېمىمىز ئوزۇقلارنى پەقەت سۇدا ئېرىتكەندىن كېيىن ئاندىن ھەزىم قىلالايدۇ. سۇسىز ئۈچەيلىرىمىز قۇرغاقلىشىپ، چوڭ تەرىتىمىز قېتىپ قەۋزىيەت ۋە گېموروي پەيدا بولىدۇ. سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىمىز سۇ بولمىسا بەدىنىمىزدە پەيدا بولغان ئەخلەت - مەينەتلەرنى سىرىتقا ئاتالماي بەدىنىمز ئەخلەت ساندۇقىغا ئايلىنىدۇ.  نەپەس سىستېمىمىز سۇسىزلىقتىن بەلغەم ياسىيالماي، گېلىمىز قۇرۇپ، ئۆپكىمىز غىژىلداپ كانىيمىز پۈشتەك چالىدۇ. تېرىمىز سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ، قورۇق بېسىپ، 70 كىلو ئۇپا- ئەڭلىك پايدا قىلمايدىغان شەكىلدە سەتلىشىدۇ.  يەنى پۈتۈن بۇ فىزلوگىيەلىك ھەرىكەتلەرگە كېتىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ سۇ سائىتىدە ئېنىق ھېسابى بار بولۇپ، ھەر كۈنى تېرە 500 مىللىلىتر، ئۆپكە 400 مىللىلىتر، ئۈچەي 100 مىللىلىتر، بۆرەك 1500- 1000 مىللىلىتر سۇ سەرپ قىلىدۇ. بەدىنىمىز ئۆزى كۈندە 500 مىللىلىتر سۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغاچقا، چىقىمنى تەڭپۇڭلاش ئۈچۈن ئىنسان ھەر كۈنى تەخمىنەن 2000 مىللىلىتر سۇ ئىچىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە سۇ كېسىلىپ ساقلىقتىن زىيان چىقىدۇ.

سۇ ساغلاملىق ئۈچۈن مۇھىم بولغاچقا، سۇسىزلىق مەيدانغا كەلگەن پەيتتە، تەن بەدەن ساقلىق تىلى بىلەن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، سىگنال سىستېمىمىز سىگنال بېرىپ چىرقىرايدۇ.  مەسلەن ئىنسان ئۇسسايدۇ، ئاغزى ۋە تىلى قۇرۇيدۇ، باش ئاغرىپ قايىدۇ، نەپەس ۋە يۈرەك رېتىمى تىزلىشىپ يۈرىكى سەپ كېتىدۇ، تېرىلەرنىڭ ئەۋرىشىملىكى تۆۋەنلەپ سېكىنى ئۆرلەيدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىپ ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ،  سۈيدۈك ئازلاپ رەڭگى قويۇقلىشىدۇ.  بۇ بەدەن ساقلىق تىلىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئىنسانلار، بۇلارنى تەرجىمە قىلدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كېلىدۇ. ( بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، « بەدەن ساقلىق تىلى » ۋە « بەدىنىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ » تېمىلىق يازمىلارغا نەزەر تاشلاڭ ). دوختۇرلارمۇ بۇ ئالامەتلەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن كەسپىي بەدەن ساقلىق تىلىغا مۇراجائەت قىلىدۇ.  قان بېسىمى، قان ۋە سۈيدۈكنىڭ ئوسموس بېسىمى، قان ھەجىمى، قاندىكى ناترىي، ئۇرېئا، شېكەر ۋە PH قىممەتلىرىنى ئۆلچەش ئارقىلىق بەدەننىڭ سۇسىزلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېغىزدىن سۇ ئىچىش تەس كەلگەن كېسەللەرگە يېڭنە بىلەن تومۇردان سۇ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئىزچى ئىككى نەرسىگە ھەيران. بىرسى تەجرىبىخانا نەتىجىلەردىكى بىردەكلىك، يەنى ئىنساننىڭ  نورمال  قان ناترىي قىممىتى mEq/l 145 بولۇپ، بۇ قىممەت مەيلى ئاق تەنلىك ، مەيلى سېرىق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك بولسۇن ھەممىسىدە ئوپمۇ- ئوخشاش. بۇ ھادىسە ئىنساننى مەست قىلماي قالمايدۇ! ئەجىبا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىر زاۋۇتتىنمۇ چىقتى؟! يەنى بىرسى ئىزچى ئۇچراتقان ھەر قايسى مىللەت كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئېغىزدىن قولاي، بىخەتەر ۋە زەخمەتسىز سۇ ئىچىشنى ئەمەس ، جاپالىق ۋە خەتەرلىك بولغان تومۇردان ئاسما ئوكۇلنى ياخشى كۆرىدۇ.  ئەجەبا نەپىسنىڭ مىللىتى يوقمۇدۇر؟

سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغىنىدەك ، ساغلاملىقنىڭ بۇلىقى، سالامەتلىكنىڭ تۈۈرۈكى. شۇڭا ھەم دۇنيانىڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن سۇنى قەدىرلەڭ، سۇنى ئىسراپ قىلماڭ، سۇ ئىچىڭ ، سۇدەك سۈزۈك ۋە سۇدەك ئەزىز بولۇڭ!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى