تەبئىي ھاۋا تەڭشىگۈچ بۇرۇن

 يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە، ياز ئايلىرىنىڭ چىدىغۇسىز ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ ئۇزىراپ بېرىشغا ئەگىشىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى رولىمۇ كۈنسىرى ئېشىپ بارماقتا. بەزى رايونلار ۋە بەزى ئىنسانلارغا نىسبەتەن، ھاۋا تەڭشىگۈچسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ئەسۋاب ئۇلار ئۈچۈن دوزاخنى جەننەتكە ئايلاندۇرغان بۈيۈك بىر كەشپىياتتەك ھېسابلانماقتا. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ مىنەتتدارلىقىنى ۋە خۇشاللىقىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىجاد قىلغان Willis Carrier ( 1867 - 1950 )   نى خاتىرلەپ،  ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن « نەزىر - چىراق » بېرىپ ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشمەكتە. ھاۋا تەڭشىگۈچ يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە سەۋەبمۇ ياكى چارەمۇ ؟ مەسىلىسىگە ھەممىنى قايىل قىلارلىق جاۋاپ بەرمەك تەس بولسىمۇ، ئەمما بەدىنىمزدىكى تەبئىي ھاۋا تەڭشىگۈچ بولغان بۇرۇننىڭ قىممىتىنى بىلمەسلىك ۋە ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسرىماسلىقنىڭ،  بەدىنىمىزنىڭ قىزىتمىدىن ئىسسىپ كېتىشىگە، شۇنداقلا ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىشى بەرھەقتۇر.

بۇرۇن بەدىنىمىزنىڭ سىرتقى دۇنياغا ئېچىلغان تۆشۈكى بولۇپ، ئىنسان بەدىنىدىن ئىبارەت يېپىق گۈمبەزنىڭ ھاۋالاندۇرۇش تۆشۈكىدۇر. بۇرۇن دېيىلگەندە، ئىنساننىڭ ئېسىگە تۇنجى بولۇپ قاڭشالىقمۇ؟ پاناقمۇ؟ دېگەندەك ئىنسان ھۆسنىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېستىتىك رولى كېلىدىغان بولۇپ، بۇرۇننىڭ ئىنسان بەدىنىنىڭ تەبئىي ھاۋا تەڭشىگۈچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ساغلاملىقىمىزدا تۇتقان مۇھىم ئورنى ئەقلىمىزگە كىرىپ چىقمايدۇ. شۇڭا بۇ قىممەتلىك ئەزايىمىزغا بىر قېتىم بولسىمۇ ھەيرانلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن نەزەر تاشلاشنى ئويلاپ باقمايمىز. بۇرنىمىز زامانىۋى ھاۋا تەڭشىگۈچلەرگە ئوخشاش ئىچىمىزگە سۈمۈرىدىغان ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىنى، نەم دەرىجىسىنى تەڭشەش، ھاۋا ئېقىمنى ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ھاۋانى پاكىزىلاش قاتارلىق فۇنكىسيىسىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئىنسان بەدىنىنىڭ پۇراش ۋە ئاۋاز چىقىرىش قاتارلىق روللىرىنى جارى قىلدۇرۇشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىسى باردۇر.

ھاۋا ئاتموسفېرادىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە بېرىپ نەپەس - قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئوكسىگېن بېرىشى ئۈچۈن، ئاۋۋال ھاۋانىڭ ئىچكى ئەزالىرىمىز قوبۇل قىلىدىغان ئىسىسقلىق ۋە نەم سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن دەرىجىگە كېلىشى لازىم. شۇڭا ھاۋا بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق پەردىگە جايلاشقان قان - تومۇرلاردىن ئىسسىقلىق تارتىپ ئىسسىسا، يەنە بىر تەرەپتىن  شىلىمشىق پەردىسىدىن نەم تارتىپ ھاۋانى نەملەشتۈرۈپ نەپەس يوللىرىدا راھەت ھەرىكەت قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەسلەن، ھاۋا تېمپۇراتۇراسى  20 گىرادۇس بولغان بىر مۇھىتتا نەپەس ئالغىنىڭزدا، ئىچىڭىزگە سۈمۈرگەن ھاۋا بۇرۇندىن كېكىردەككە كەلگىچە،  ھاۋانىڭ تېمپۇراتۇراسى  32 گرادۇسقا، نەملىك دەرىجىسى بولسا %98 گە ئۆرلەيدۇ. ئەگەر بۇرنىڭىز بىلەن ئەمەس پەقەت ئاغزىڭىز بىلەن نەپەس ئالغان تەقدىردە،  ھاۋانىڭ تېمپۇراتۇراسى  30 گرادۇسقا، نەملىك دەرىجىسى بولسا %80 گە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇلار بىزگە ئېغىز بىلەن ئەمەس بۇرۇنىمىز بىلەن نەپەس ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ھەرخىل كېسەللىكلەر تۈپەيلى بۇرنى تىقىلىپ قېلىپ ئاغزىدىن نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان كېسەللەرنىڭ نەپەس سىستېمىسى بۇ ھاۋانى بىر تەرەپ قېلىشتا قىينىلىپ قالغانلىقتىن، بەزى نەپەس يوللىرىدا بىئارامىسزلىق پەيدا بولىدۇ.

نۆۋەتتىكى ھاۋا بۇلغىنىشى تۈپەيلى ھاۋانىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن چاڭ- توزاڭ، زاۋۇت ۋە ماشىنىلاردىن قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك گاز ۋە ئۇچۇپ يۈرگەن مىكروبلار بار بولۇپ،  بۇلار كاناي ياللۇغى، زىققا، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. بۇرۇنىمىزنىڭ شىلىمشىق پەردىسىگە جايلاشقان بۇرۇن تۈكلىرى خۇددى تاققا تىكىلگەن ئورماندەك بىر تەرەپتىن بۇ  زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈپ توسۇپ قالسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئورمانلارنىڭ ئورتاق ھەرىكىتى بىلەن بۇلارنى بەدەن تېشىغا سۈپۈرۈپ تاشلاپ ھاۋانى پاكىزلىمەكتە.  بەزى ۋىرۇس ۋە قۇرۇق ھاۋا بۇ سۈپۈرگىنىڭ تاللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغاچقا،  ھاۋا ياخشى تازىلانماي قېلىپ ئىنسانلارنى بىئارامسىز قىلماقتا. بۇرۇن ئىشلەپ چىقارغان ماڭقا مەلۇم مىقداردا كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا ماڭقىنىڭ تەركىبىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان خىمىيەلىك بومبا بولغان Ig A ئانتىتېلا بار بولۇپ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۇرۇنىمىز نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئالدىنقى سەپتىلا بىر تەرەپ قىلماقتا.  شۇڭلاشقا ماڭقىڭىزنى ھەردائىم ئىچىڭىزگە تارتماي، سىرتقا تاشلىشىڭىز لازىم.

بۇرۇنىمىز سىرتقى دۇنياغا ئېچىلغان دېرىزە  ۋە ئالدىنقى سەپ بولغانلىقى تۈپەيلى، بۇرنىمىز بەدىنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق جەڭلەرگە قاتناشماقتا. ئەگەر بىز بۇرنمىزنى قوللاپ قۇۋەتلىمىسەك، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىساق، بىزگە بەزى ئىشارەتلەر بىلەن بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. مەسلەن، بۇرۇن قۇرۇش، ئېچىشىش، بۇرۇندىن سۇ كېلىش، بۇرۇن قاناش، پۇراش سېزىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى يوقاپ كېتىشى، غەيرى پۇراقلارنى ھېس قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇندا شىددەتلىك كۈرەشنىڭ جەريان قىلۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. كۈرەشنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى بۇرنىمىزنى قاپلىغاندا نورمالدا سۈزۈك كېلىدىغان ماڭقىمىز قارا ، سېرىق ۋە يېشىل رەڭلىك، ئاققان قانلاردىن تۈپەيلى بەزەن قىزىل رەڭلىك كېلىشكە باشلايدۇ. بىز بۇرنىمىزنىڭ دەرد - پەريادىغا قۇلاق سېلىپ ، ياردەم قولىمىزنى سۇنمىساق كېسەللىك ئالدىنقى سەپنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قارارگاھىمىز بولغان ئۆپكىگىچە ئىشغال قىلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە كوۋىد ئاپىتىدە كۆرۈلگەندەك نەپەس ئېلىشىمىز پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىپ ئۆلۈم بۇرۇنىمىزنىڭ ئۇچىدا كۆرىلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھەركۈنى بىر قانچە قېتىم بۇرنىمىزنى پاكىز سۇ بىلەن چايقاپ نەملىكىنى قوغداش، بۇرۇن كولاش ئادىتىمىزنى تۈگىتىش، توپا - چاڭ ، ئىس - تۈتۈن ياكى تارقىلىشچان  زۇكام بار  كۈنلىرى بولسا،  تالاغا چىقماسلىق، چىققان تەقدىردە ماسكا تاقاش، بۇرۇن ئاللىرگىيەسىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئومۇمىي ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى كۈچلەندۈرۈش، بۇرنىمىزدا بىخەتەرلىك سىگنالى چالغان پەيتتە، كىرىستال تۈز سۈيى، سىركە سۈيى، دېڭىز سۈيى ۋەياكى كاربونات سۈيى بىلەن كۈندە ئەڭ ئاز ئىككى قېتىم بۇرنىمىزنى چايقىشىمىز لازىم. 

بەدىنىمىزنىڭ راھەت تېپىشى ، بۇرۇندىن ئىبارەت تەبئىي ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ نورمال خىزمىتىگە باغلىق. شۇڭا بۇرۇن ساغلاملىقىمىزغا ئەھمىيەت بېرەيلى، مەينەت ھاۋانىڭ ئىچىمىزگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر