كىيىم - كېچەك ۋە ساغلاملىق

كىيىم - كېچەك مەدەنىيەت ۋە مەدىنىيلىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم پەرىقلەرنىڭ بىرسىدۇر. كىيىم - كېچەك كىيگۈزۈپ قويۇلغان ھايۋانلار خۇددى ئىنسانلاردەك سۆيۈملۈك ۋە ئوماق بولۇپ كەتكەندەك، كىيىم - كېچەك بىلەن ئۆزىنىڭ سەت يەرلىرىنى  ئورىمىغان ئىنسان خۇددى بەزى ھايۋانلاردەك سەت، كۆرۈمسىز ۋە قورقۇنۇچلۇقتۇر. شۇڭا ھەر بىر مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى بار بولۇپ، بۇ كىيىم - كېچەك ئۇسلۇبى شۇ مىللەتنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى يەرلىك خەلقنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە كىلىماتقا ئاساسەن،  ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى  قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نەچچە ئەسىرلىك كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىىسى ۋە ياراتقان تارىخىي ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەچكە، نۇرغۇن مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. كىيىم - كېچەك گەرچە بىر پارچە رەخ، خۇرۇم ياكى يۇڭدىن ئىبارەت ئاددىي ئەشيادەك كۆرۈنسىمۇ، بۇلارنىڭ سۈپىتى، رەڭگى ، شەكلى ۋە نۇسخىسى ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، كىيىم - كېچەك ئىنسانلارنىڭ روھ، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللاردىن بىرى. بولۇپمۇ تور -  ئالاقە ئىنسانلارنىڭ پىكىرلىرىدىن بەكرەك نەپسىلىرىنى بىرلەشتۈرگەچكە، بۇ ساھەدە پەيدا بولغان ماركا ۋە مودىلارنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ۋە خەۋپى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا.

بەدىنىمىزنىڭ ئايرىلماس دوستى بولغان كىيىم - كېچەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەدىنىمىز بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرۇشۇپ تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ تەركىبىنىڭ تەبىئىيلىكى، سۈپىتى ۋە تار- كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەزى كېسەللىكلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولماقتا، لېكىن كۆپچىلىكىمىز بۇنى ئاڭقىراشتىن ئاجىزمىز.  تۆگىگە مىنىۋېلىپ تۆگە ئىزلەپ يۈرگەندەك، نۇرغۇن كېسەللەر ناتەبىئىي ۋە تار كىيىم - كېچەكنى چىڭ كىيىۋېلىپ كېسەللىكنى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ. بۇ يەردىكى تەبىئىي كىيىم - كېچەك دېيىشىمىزدىكى مەقسەت كىيىم - كېچەك ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان رەخت قاتارلىق توقۇمچىلىق ماتېرىياللىرىنىڭ تەبىئىي بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كىيىم - كېچەكنىڭ تەبىئىي بولۇشى ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن بۇلار پاختا، يۇڭ، يىپەك، كەندىر ۋە زىغىر قاتارلىق تەبىئىي ماتېرىياللاردىن ئىشلەپچىقىرىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلار تەبىئىي شارائىتتا، خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلەتمەي ئۆسۈپ يېتىلگەن بولىشى، يۇڭىدىن پايدىلىنىدىغان قوي ۋە تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارمۇ تەبىئىيلىك پرىنسىپىغا ئاساسەن بېقىلغان بولىشى كېرەك. بۇ دېمەك بولىدىكى، تەبئىيلىكنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان تەبىئىي كىيىم - كېچەكنى تاپماق تەكلىماكان چۆلىدە سۇ تاپماقتەك قانداق تەس بولۇپ كەتكەن بولسا، ئوخشاشلا تەبئىيلىكتىن ئۇزاقلاشقان ئىنساننىڭ ساغلاملىققا ئېرىشىشىمۇ شۇنداق قىيىن بولۇپ كەتتى.

 كىيىم - كېچەك ، ئاياق - ئۆتەك بىر تەرەپتىن  بىزنىڭ ئەيىپلىرىمىزنى يېپىپ بىزنى گۈزەللەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسىق- سوغۇقتىن قوغداپ، قىيىنچىلىقلارنى يېنىكلىتىپ تۇرمىشىمىزنى قولايلاشتۇرۇش بېرىدۇ. تەبىئىي كىيىم - كېچەك بولسا نۇرغۇن مېخانىزملار بىلەن ساغلاملىقىمىزنى قوغدايدىغان ، بەزى ۋاقىتلاردا كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىغان تەبىئىي قورغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىنسان ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق روللىرىدىن بىر قانچىسىنى تۆۋەندە تەكىتلەپ ئۆتىمىز.

تەبىئىي پاختا، يۇڭ ۋە تېرىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم - كېچەكلەر بەدىنىمىزنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلايدىغان بولۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ جىقىنىڭ قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى تۈپەيلى مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغاندا، ئۇلارنىڭ رولىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.  فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بولغان ئۇۋۇلاش، ئىسسق ئۆتكۈزۈش، قاقلاش، يېڭنە سانجىش ۋە لوڭقا قويۇشقا ئوخشاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەدەن قان - ئايلىنىشنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز تەبىئىي كىيىم - كېچەكلەرنى تاللاپ كىيگەن تەقدىردە، بەدىنىڭىزگە 24 سائەت فىزىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغان بولىسىز.  بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەر خىل بەدەن ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپ قۇشتەك يېنىكلەپ قالىسىز.  بۇنىڭ ئەكسىچە، ناتەبىئىي كىيىم - كېچەكلەر ۋە مودا، يېڭى ئېقىمغا ئەگىشىش شوئارى ئاستىدا ئەر - خوتۇن دېمەي ئۈچەيدەك تار تىكىلگەن كىيىم – كېچەكلەر،  قان - ئايلىنىشىنى بوغۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ قانسىز قىلىشقا سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن بئارامسىزلىق كېلىپ چىقماقتا.  مەسلەن، بويۇنغا تاقالغان گالىستۇك مېڭىگە بارىدىغان قاننى ئازايتىپ باش ئاغرىش، باش قېيىش، دىققەتنىڭ ئاسان چېچىلىشىغا سەۋەپ بەرسە، تار كىيىلگەن كىيىم - كېچەك ئىنساننىڭ كۆكرەك، قوساق ، بەل ۋە پۇت - قوللارنىڭ قان - ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، نەپەس سىقىلىش ، يۈرىكى سەپ كېتىش، ئاسان ھېرىش، ھەزىمسىزلىق، ئاغزىدىن ئاچچىق سۇ كېلىش، پۇت - قولى ئىششىش، ۋېنالارنىڭ ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىشى ۋە  نىرۋىلارنىڭ سىقىشىپ قېلىشى قاتارلىقلار تۈپەيلى، ھەر خىل سەۋەبى تېپىلمايدىغان بەل، پۇت- قول ئاغرىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ دىئابىت تۈپەيلى پۇت - قولى ئىسسىمايدىغان ۋە ئاغرىيدىغان كېسەللىكلەر ئۈچۈن تەبئىي يۇڭدىن توقۇلغان پەلەي ۋە پايپاق ئۇلارنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

تەبىئىي كىيىم - كېچەكلەر بەدىنىمىزنىڭ تىمپۇراتۇرسىنى تەڭشەپ، بەدىنىمىزدىكى تەرلەرنى ۋە بۇ ئارقىلىق تېرىدىن ئاجرىلىپ چىققان كىرلەرنى ئاسان سۈمۈرۈش بىلەن بىرگە، نىلون ۋە سۈنئىي تالادەك بەدەنگە چاپلىشىپ قالمايدىغان بولغاچقا، تېرە ھۈجەيلرىمىزنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تېرىمىزنىڭ پاكىز ۋە ساغلام بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەرخىل باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغ قاتارلىق تېرە ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. ئەڭ مۇھىمى تەبىئىي ئىچ كىيىملەر ئۇرۇقدان ۋە تۇخۇمدانلارنىڭ ئىسسىقلىق ۋە نەملىك دەرىجىسىنى ئوبدان تەڭشىگەچكە، ئۇرۇق ۋە تۇخۇملارنىڭ سۈپەتلىك، نەسىللەرنىڭ ساغلام بولىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. دەۋرىمىزدىكى تۇغماسلىق، ئاسان بويىدىن ئاجراپ كېتىش، سۈت ئازلاپ كېتىش ۋە ھەر خىل بىنورمال تۇغۇتلارنىڭ سەۋەبى سۆلەتكە ئامراق، ساغلاملىقتىن يىراق زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ ناتەبىئىي كىيىم - كېچەك ۋە مودىسى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.  بۇنىڭدىن باشقا تەبىئىي كىيىم - كېچەك ۋە بەدىنىمىزگە ئۇيغۇن نۇسخا- قىلىپ ، بىزنىڭ پىسخىكىمىزنى تەڭشەپ ۋۇجۇدىمىزنى بېسىملاردىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ، بەدەن شەكلىمىزنى تۈزەپ بالىلارنىڭ ساغلام قىياپەت بىلەن چوڭ بولىشىغا ياردەم قىلىدۇ. ئىقلىم ۋە مۇھىتقا ئۇيغۇن ئىشلەپچىقىرىغان تەبىئىي كىيىم - كېچەكلەر بىزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ ۋە  قاتتىق ئىقلىمنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قوغدايدۇ.  

كىيىم - كېچەك بىلەن ساغلاملىقىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ ، لاتا - پۇتا دەپ سەل قارىماڭ. تەبىئىي كىيىم - كېچەك ۋە ئۇيغۇن نۇسخا- قىلىپ بىلەن ساغلاملىقىڭىزنى قوغداڭ. ناتەبىئىي كىيىم - كېچەك ۋە ئۇسلۇب بىلەن ساغلاملىقىمىز يالىڭاچ قالمىسۇن! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى