كېسەللىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىشى ئاسان، مەقئەتتىن چىقىشى تەس

ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ ئىستېمالغا كىرىشى، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتىنىڭ جىقىيىشىغا ئەگىشىپ، ئېغىز پەقەت ئوزۇقلۇقنىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇپ قالماستىن، يەنە كېسەللەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش بازىسىغا ئايلىنىپ قالدى. زامانىۋى ئىنسانلارنى كېسەل كۆپىسگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان جىددى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئېغىز دېگەن كاماردىن كىرمەكتە. تۇتۇرۇقسىز ۋە يالغان گەپنى جىق قىلىش بىلەن پەقەت بەدەن كېسەللىكلىرىلا ئەمەس، روھ ۋە ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرمۇ بۇ ئېغىزدىن كىرمەكتە.  ھەقىقەتەن ئىنسانلار ئېغىزىدىن قېرىپ كېتىۋاتىدۇ. ئېغىز بولسا بەدەن دېگەن بۇ سىرلىق كوھىقاپنىڭ سىرتقا ئېچىلغان تەبئىي تۆشۈكلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ تۆشۈكنىڭ پاكىزلىقى ۋە ساغلاملىقى پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىلمىي تەتقىقاتلار بارغانسېرى يۈرەك كېسەللىكلىرى ، مېڭە قان - تومۇر كېسەللىكلىرى، ھامىلىلىكتە يۈز بېرىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىز كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.  گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتقاندا، ئېغىزى پۇرايدىغان ، چىشى سېسىپ قالغان ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭمۇ بىر قىسمى  چىرىپ، سېسىپ كەتكەن بولىدۇ.  شۇڭا ھەزىم چايناش بىلەن باشلانغانغا ئوخشاش، كېسەللىكمۇ ئېغىزدا باشلايدۇ.

يېمەك - ئىچمەك ناتەبىئىي بولغان ۋە  تولۇق ھەزىم بولمىغان تەقدىردە  تاماق ئوزۇق ئەمەس، بەدىنىمىزگە يىغىلغان ئەخلەت- چاۋا بولۇپ بۇ ساغلاملىق ئۈچۈن بىر يۈكتۇر. ئېغىزنىڭ بۇ يېمەك - ئىچمەك بىلەن بولغان كۈرىشى بەدىنىدىكى نۇرغۇن ئەزالار ئىشتىراك قىلىدىغان، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۆتىدىغان، مىڭلىغان رېئاكسىيە، يۈز مىڭلىغان ھورمون ۋە ئېنزىم قاتنىشىدىغان، ئەڭ كۆپ ئېنېرگىيە ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بىر مۇرەككەپ ھادىسە ۋە بىر شىددەتلىك جەڭدۇر. ئەسلىدە ئېغىزنىڭ بۇ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە ئستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇغراپىيەلىك ئورنى تۈپەيلى،  ئېغىز ئۇ قەدەر مۇكەممەل يارىتىلغان بولۇپ، بەدەندىكى ئەڭ قاتتىق ئورگان بولغان چىشتىن ئىبارەت 32 مەشقاۋۇل ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان بولسا، ئېغىز بوشلىقىدا سەپ تۇتقان ۋە 300 خىلدىن ئارتۇق مىليونلىغان  دوست باكتېرىيەلەردىن قۇرۇلغان ئەسكەرلەر سېپى  سىرىتقى مۇھىتتىن كەلگەن دۈشمەنلەر بىلەن تىنىمسىز كۈرەش قىلماقتا. ئېغىز بىر تەرەپتىن ئەڭ ئەۋرىشىم ئورگان بولغان تىلدەك رادار سىستېمىسى بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شۆلگەي  بەزلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىغان كۇر مىڭلىغان ئېنزىملار بىلەن تولۇپ تاشقان،   دۈشمەن باكتېرىيەلەرنى سۇدا بوغۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان تۈكۈرۈك بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۈگۈن  دۈشمەنلەر كۈچلۈك،  ئەسكەرلەر ئاڭسىز ۋە چېچىلاڭغۇ، ئەقىلدىن ئىبارەت باش قوماندان مەغرۇر ۋە نەپسىگە تىز پۈككەنلىكى ئۈچۈن، ساغلاملىق كۈرۈشىدە مەغلۇبىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلۇش تەس بولماقتا.

ئېغىز بوشلۇقى ئايرىم بىر دۇنيا بولۇپ، بۈگۈن مېدىتسىنادا ئېغىز بوشلۇقى ئايرىم بىر بۆلۈم ۋە كەسىپ سۈپتىدە ئوقۇتۇلماقتا. بۇرۇن چىشلىرىمىزنى ئۇستاملاردىن ئۆگىنىۋالغان ھۈنەرۋەنلەر ئامبۇر - پالتالار بىلەن  داۋالىسا، ھازىر بۇ كەسىپتە مەخسۇس تەربىيە ئالغان مۇتەخەسسىسلەر يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلەر بىلەن  داۋالىماقتا. ھازىر ئېغىز ساغلاملىقى قالپىقى ئاستىدا ئۇ قەدەر جىق چىش پاستىسى ، چىش چوتكىسى، ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى بازارغا سېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىشنىڭ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كىچىكتىن چوڭغا قەدەر ھەممەيلەننىڭ چىشى چۈرۈك ۋە رەتسىز. بۇ زىتلىقنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئېغىز ساغلاملىق ئېڭى بۇرۇنقىلاردىن تۆۋەنمۇ؟ ئېغىز ساقلىقىمىزنى بۇزۇۋاتقان زامانىۋى ئېغىز ساغلاملىق مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىدىكى تىتان، Paraben ، Aspartame  قاتارلىق ماددىلارمۇ ؟ بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەك تۈپەيلى بىر پۈتۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ زەئىپلىشىشى ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭمۇ بۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئېلىشىدۇر. ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ قولىدا چوتكا ۋە پاستا يوقتى، ئەمما تەبئىي يېمەك- ئىچمەك بىلەن مىجەزىنى، تەبئىي ئوت - چۆپلەر بىلەن مىزاجىنى تەڭشەشنى بىلگەچكە، كۈندە بىر قانچە قېتىم ئاغزىنى غار - غار قىلىشى ۋە چىشلىرىنى بارماقلىرى ياكى مىسۋاك بىلەن چوتكىلىشىشى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئېغىز ساغلاملىقى ئۈچۈن يېتەتتى. ئەمما ھازىر ئىنسانلار شېكەر مىقدارى يۇقىرى ناتەبىئىي يېمەك ۋە سۈنئىي ئىچىملىكلەر بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنى بومباردىمان قىلىۋاتقان بولۇپ، ئېغىزىم تاتلىق بولسۇن دەپ، ساغلاملىقىنى خەتەرگە ئىتتىرمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن دىئابىت قاتارلىق كېسەللىكلەر تۈپەيلى، ئىنسانلارنىڭ چىشلىرى لىڭشىپ، سىم بىلەن باغلاپ قويسىمۇ تۇرمايدىغان ھالەت شەكىللەنمەكتە.

ئۇنداقتا كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىزدىن ئىبارەت قەلئەنى بۆسۈپ كىرىشىدىن قانداق ساقلىنىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى  ئەڭ ئاۋۋال تەبئىي يېمەك - ئىچمەك بىلەن باشلاڭ. ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەكلەر ئېغىز بوشلۇقىدا دۈشمەن مىكروبلىرىنىڭ جىقلاپ ئۇۋا سېلىشىغا، تاتلىق يېمەك - ئىچمەكلەر بولسا بۇ مىكروبلارنى بوداپ چىش مىلىك ياللۇغى، چىش چۈرۈش قاتارلىق ھەرخىل ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا سەۋەپ بولىدۇ. شۇڭا ئاز يەپ كۆپ چايناش بىلەن ھەم ئېغىزنىڭ يۈكىنى ئازايتىپ، ھەم ھەزىم قىلىشنىڭ ئوبدان بولۇشىغا ياردەم قىلىڭ. مەقسەت ئېغىز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، ھەر كۈنى ئەڭ ئاز 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 مىنۇت چىشىمىزنى توغرا چوتكىلاش، ھەر تاماقتىن كېيىن ئاغزىمىزنى چايقاش، ئەگەر شارائىتىمىز يار بەرسە تاماقتىن كېيىنمۇ چىشىمىزنى قۇرۇق چوتكا بىلەن بولسىمۇ چوتكىلاش كېرەك. چىشنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن چوتكىلاشنىڭ رولى مۇھىم بولۇپ، ھەر چوتكىلىغاندا چىش مىلىكلىرىمىز ۋە تىلىمىزنى يېنىك غىدىقلاش بىلەن تۇتۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. گەرچە يۇقىردا دېيىلگەن شەكىلدە چوتكىلغان تەقدىردىمۇ، ئىنسانلار كۆپ يەپ -- ئىچىدىغان بولغاچقا، يېمەكلەرنىڭ قالدۇقلىرى چىشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا قېلىپ، مىكروبلارغا زىياپەت بېرىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش تەس. شۇڭا نورمالدا كۈندە بىر قېتىم چىش يىپى بىلەن چىش ئارىلىقلىرىنى تازلاش، كۈندە بىر قېتىم كاربوناتلىق سۇ ياكى سىركە سۈيى بىلەن ئاغزىڭىزنى چايقاش، كارانىفىل ۋە زەنجىۋىل تالقىنى بىلەن ئېغىزىڭىزنى يوقلاش ۋە تەرتىپلىك شەكىلدە ئېغىز ساقلىقىڭىزنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش قاتارلىقلار سىزنى چىش دوختۇرلىرىغا جىق بېرىپ كېلىشتەك ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ كىرىش ئېغىزى دەل ئېغىزدۇر. ئېغىز ساغلاملىقى پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى بولۇپ، بۇ قورغاننى قوغدىماي تۇرۇپ بىزگە ئارامچىلىق يوق. ئېغىزىمىزنى پاكىز تۇتساق چىشىمىز پارقىراق، گەپلىرىمىز تاتلىق بولۇش بىلەن بىللە  ئىچىمىزمۇ پاكىز بولىدۇ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى