ساغلاملىق ئۈچۈن مودىدىن ۋاز كېچەيلى

 ئالدىنقى يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك، كىيىم - كېچەك سۈپىتى، رەڭگى ، شەكلى ۋە نۇسخىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، پۈتۈنلۈك نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا كىيىم - كېچەك ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ روھ، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. كىيىم - كېچەكدىن ئىبارەت بىر جانسىز ماددىي ئەشيانىڭ جېنى ۋە ئەقلىي بولغان ئىنسان ۋە ئىنسانلار توپلۇقىغا سەلبىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلىشى ھەتتا ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ مايمۇن ئويۇنى ئوينىتىشى،  ئەمەلىيەتتە مودا دېگەن ئۇقۇم ۋە ئېقىمنىڭ تەسىرىدە بولماقتا. مودا ئەسلىدە ئىنسان نەپس -  خاھىشىنىڭ پەردازلانغان ھالەتتە سىرتقا ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، نۇرغۇن ئىنسانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ قوللانغاندىن كىيىن، بۇ نەپس -  خاھىشىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدەك تارقىلىشى ۋە بىر ئېقىمغا ئايلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى مودا ئىستېمالنىڭ روھى بولۇپ، كىيىم - كېچەكتىن ئىبارەت جانسىز بىر ماددىي ئەشيا مودىدىن ئىبارەت روھ بىلەن جانلانماقتا.  ئىستېمال پاتقىقىغا پاتقان زامانىۋى ئىنسانلار، شىركەتلەرنىڭ سىرلىق ئەپسۇنلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن، مودا ئۇقۇمىغا ئاجايىپ مەنالارنى قاتقاچقا، مودا دەتالاش قوبۇل قىلمايدىغان بىر ھادىسە سۈپتىدە مەيدانغا كەلمەكتە، مودىغا ماس ھەرىكەت قىلمىغانلارغا بولسا قالاقلىق تامغىسى ئۇرۇلماقتا. مودىنىڭ كۈچى ئېشىشىغا ئەگىشىپ كىيىم- كېچەكنىڭ ئۆمرىمۇ قىسقارماقتا،  بىر كىيىم - كېچەكنىڭ مودىسى بىر يىل ھەتتا بىر پەسىلدىن كېيىن ئورنىنى باشقا بىر مودىغا بوشىتىپ بەرمەكتە. بۇ تېز سۈرەتلىك ئوبروت، بىر تەرەپتىن شىركەتلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاشۇرۇپ ئۇلارنى مۇھىتنى بۇلغاشتىن، ئىنسان ساغلاملىقىغا زىيان بېرىشتىن  تەپ تارتماي مودا يارىتىشقا ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنىڭ ئىستېمال خاھىشىنى كۈچەيتىپ ئىسراپ ھاڭىغا ئىتتىرمەكتە. نەتىجىدە بىر ناچار دەۋرىيلىك (vicious cycle  )نىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن بەدەن ، روھ ، مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزدا مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە.

ھەم ئىنسان سانىنىڭ جىقىيشى ھەم ئىنسان نەپسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ،  مودا سانائىتى ئىنسانلارنىڭ بۇ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن، كىچە- كۈندۈز مودا يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە  ئىنسانلارنى پەقەت مودا قوغلىشىدىغان تىرىك  مۇردىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ھەلەكچىلىكدە بولماقتا. بەزى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،  ئەر-  ئاياللار كىيىم - كېچەك بازىرىنىڭ قىممىتى بىر تىرىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ پۇلنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن، « ساغلاملىق تۈمەن بايلىق » تېمىدىكى يازمىغا نەزەر تاشلاڭ. مودىدىن ئىبارەت بۇ تېز سۈرەتلىك پويىزغا يېتىشىش ئۈچۈن، مودا تەمىنلەش زەنجىرنىڭ ھەربىر ھالقىسى بولغان خام- ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش، توقۇمچىلىق - بوياقچىلىق ، كىيىم - كېچەك ياساش، ئوراش، قاچىلاش، توشۇش، ئىستېمال قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتەك ھەر بىر باسقۇچىدا ئىنسان، مۇھىت ۋە كائىناتقا زور زىيان بەرمەكتە. جىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئېتىزغا چېچىلغان خمىيەلىك ئوغۇتلار، سۈنئىي يەم بىلەن بېقىلغان ھايۋانلار، نېفىتتىن چەكلەنگەن سۈنئىي تالا ۋە نيلونلار، زاۋۇتلاردىن قويۇپ بېرىلىۋاتقان زەھەرلىك گازلار، بۇلارنى توشۇش جەريانىدا دېڭىز- ئوكيانلارغا قويۇپ بېرىلىۋاتقان ئەخلەتلەر، مودىسى ئۆتكەن كىيىم - كېچەكلەرنى كۆيدۈرۈشتە مەيدانغا كەلگەن ئىس قاتارلىقلار ساغلاملىققا خەۋپ ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئىنسانلاردا كېسەل پەيدا قىلىشتا مۇھىم ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

بەدەن ساغلاملىقىنى مىسالغا ئالساق، كىيىم - كېچەكتە ئىشلىتىلىدىغان ئورگانىك بولمىغان سۈنئىي ماتېرىياللار ۋە خىمىيەلىك ماددىلار ئىنسان ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەكتە. Formaldeyde, Dimethylformamide, Phthalates, Nanosilver  قاتارلىق خىمىيەلىك تەركىبلەر ۋە ھەرخىل بوياقلار ئىنسانلاردا ئاللېرگىيەلىك رېئاكسىيەلەر پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بۇ خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇچراشقان ئەھۋال ئاستىدا ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك بئارامسىزلىقى ھەتتا ئەڭ ئاخىردا راك قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ  ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش تەس. مودىنىڭ رەڭگارەڭ رەڭلىرى ۋە نۇسخىلىرى ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆر قىلىپلا قالماستىن، ئىنسان قەلبىنىمۇ قارايتىپ، ھەقىقەت نۇرلىرىنىڭ قەلىبكە يېتىپ بېرىشىغا توسالغۇ بولماقتا.  ھاياتنىڭ غايىسىدىن ئۇزاقلاشقان ئىنسان بالىسى ئىستېمالنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بولغاچقا، بارغانسېرى دۇنياپەرەس بولۇپ كەتتى. بۇ دۇنياپەرەسلىكنىڭ ئىنسان پىسىخكىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان كىبىر، شەخسىيەتچىلىك، پىخسىقلىق ۋە مۇھەببەتسىزلىك قاتارلىق سەلبىي تەسىرلىرى سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭ روھ دۇنياسى ۋە مەنىۋىيىتى بۇزۇلۇپ ھەرخىل پىسىخىكىلىق كېسەللىكلەر مەيدانغا كەلمەكتە. مودىغا خۇمار بولۇپ قالغانلار ياكى كۈچلۈك دەرىجىدە مودا قوغلىشىدىغانلارنىڭ  مودا كىيىم - كېچەكلىرىنى سالدۇرۋالسىڭىز ئىچىدە ئىنسانلىق، ئەخلاق، ۋىجدانىدىن ئەسەر يوقلۇقىنى بايقايسىز. ھەقىقىي يالىڭاچلىق بۇ بولسا كېرەك. بۇ خىل ئادەملەردىن تەركىب تاپقان جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمۇ نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولغان بولۇپ، ئاڭسىز ئىستېمال قىلمىشلىرىنىڭ يامراپ كېتىشى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ  بۇ مودا كىيىم - كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئىشچىلارنى ئېزىشىگە، مۇھىتنى بۇلغىشىغا كۈچ چىقارماقتا ۋە ئۇلارنىڭ پەرۋاسىزلىقىغا خۇددى گاس - گاچىلاردەك سۈكۈت قىلماقتا. مودا دۇنياسى يەرشارىنى بۇلغاۋاتقان ئەڭ مۇھىم ساھە بولۇپ، بۇ كىيىم - كېچەكلەر بىر تەرەپتىن  قىممەتلىكى بىلەن ئىنسانلارنى تەرلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن زىيانلىرى بىلەن يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. مودا سانائىتىنىڭ قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارنىڭ 2030 - يىلى %60 پىرسەنت ئېشىپ يىللىق 2.8 مىليارد تونغا يېتىپ بارىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. نىلون ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆپ مىقداردا نىيتىرت ئوكسىد (nitrous oxide ) قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ،  بۇ گازنىڭ كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە بولغان تەسىرى كاربون تۆت ئوكسىدقا قارىغاندا 300 ھەسسە تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىكىرتارىي  Antonio Guterres بۇ يىللىق يىغىندا كىلىمات مەسىلىسى توغرىسىدا < ئىنسانلار دوزاخنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچماقتا > دېگەنگە ئوخشاش، ئىنسانلار ھەقىقەتەن مودا كىيىملىرى بىلەن چىرايلىق  ياسىنىپ، دوزاخ مەشرىپىگە قاراپ ئاڭسىزلارچە قەدەم تاشلىماقتا. بۇ نۇقتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا، < سىز بۇ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشىغا نېمىشقا رۇخسەت قىلدىڭىز؟ >  دەپ سوراش بىلەن بىرگە بۇ دەرۋازىنى تاقىۋېتىش ئۈچۈن، بىر شەخس سۈپتىدە < نېمە قىلىشىم كېرەك ؟ >  دەپ ئۆز- ئۆزىمىزگە سوئال قويۇشىمىز لازىم!  بۇنىڭ ئۈچۈن كىيىم - كېچەك سېتىۋالغاندا تەبئىي، چىداملىق ، ئورگانىك ئىشلەپچىقىرىش گۇۋاھنامىسى بار بولغان مەھسۇلاتلارغا يۈزلىنىشىمىز، يۇقىرى ئىستېمال ئېڭىنىى يېتىلدۈرۈپ ئاڭسىز، پەرۋاسىز شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلشىمىز، ساغلاملىق ئۈچۈن مودىدىن ۋاز كىچىشىمىز، بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن ئېڭىمىزدىكى ۋە نەپسىمىزدىكى دۇنياپەرەس چۈشەنچىدىن ئازات بولۇپ، ھاياتنىڭ غايىسىنى تېپىشىمىز لازىم.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى