ساغلاملىق ئۈچۈن پاكىز سوپۇن ئىشلىتىڭ

ئىنسان مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  ماددىي ۋە مەنىۋى كىرلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ماشىنا بولۇپ،  بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقىمىز بۇ كىرلەرنى قانداق قىلىپ ۋۇجۇدىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاشقا باغلىق. ئىنسانلار ھاياتلىق دەپ قالاق ئاڭ، قالماق ئىستېمال ۋە قالايمىقان ئىشلەپچىقىرىش تۈپەيلى يەر شارىنى بۇلغىۋەتكەنگە ئوخشاش، تەبىئىيلىكتىن ئۇزاقلىشىش، ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكنى ھەددى - ھېسابسىز  يەپ ئىچىش سەۋەبىدىن ئۆز بەدىنىنىمۇ ئەخلەت چېلىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ئەسلىدە كېسەللىك پەيدا قىلغان بىئارامسىزلىقلار بۇ ئەخلەتلەرنىڭ ئېچىپ، بۇلاردىن يېيىلغان بەدپۇيلارنىڭ تۇيغۇ ئەزالىرىمىز تەرىپىدىن ھېس قىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. بەدىنىمىز بۇ مەينەتچىلىكلەر ۋە كىرلەرنى گاز،  سۇيۇق ۋە قاتتىق ھالەتتە تەبئىي ئەۋرەز يوللىرىدىن بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، تېرىمىزنى ئەڭ چوڭ كىر ئالغۇ ماشىنىسى دېسەك خاتالاشمايمىز.  بەدىنمىزنىڭ تۈكلۈك ۋە تۈكسىز تېرىلىرى بەدىنىمىزدىكى مەينەتچىلىكلەرنى تەر ۋە ماي ئاجرىتىپ چىقىرىش ئارقىلىق تىنىمسىز ھالەتتە پاكىزىلاپ تۇرىدۇ. تېرە ياللۇغلىرى ئەمەلىيەتتە بەدەندە بۇ كىر ئالغۇنىڭ نورمىسىدىن جىق كىر يىغىۋالغانلىقتىن ، بۇ ماشىنىنىڭ بۇ كىرلەرنى چۆرگىلتەلمەي چىقىرىۋاتقانلىقىنڭ بېشارىتى. شۇڭا بەدەن ساغلاملىقىمىزغا نىسبەتەن شەخسىي تازلىقىمىز ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ كىر- قاتلارنى يۇيۇش ئۈچۈن < پاكىز> سوپۇن ئىشلىتىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.

بۇ يەردىكى « پاكىز سوپۇن» دېيشىمىزدىكى مەقسەت بۇ سوپۇنلارنىڭ بەدىنىمىزنى پاكىزىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدىنىمىزنى كېسەل قىلمايدىغان تەبئىي سوپۇن بولىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار كىر يۇغاندىن كىيىن قوللىرى قىزىرىپ كېتىدىغان بولغاچقا قوللىرىغا پەلەي تاقايدىغان بولۇپ، بۇ دەل سوپۇننىڭ تىز خاراكتېرلىك ئەكىس تەسىرىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  گەرچە ئۇلار پاكىزلىقنىڭ ئەلچىسى بولسىمۇ، ئەمما ساغلاملىق ئۈچۈن  ئۇنچىلىك« پاكىز » ئەمەسلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر . يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ بىز دەماللىققا ھېس قىلالمايدىغان ئاستا خاراكتېرلىك تەسىر بار بولۇپ بۇ ساغلاملقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىكتۇر. بۇرۇن شەخسىي تازلىقىمىز ئۈچۈن بىر خىللا سوپۇن ئىشلىتەتتۇق، ئەمما ھازىر بولسا چاچ سوپۇنى، يۈز سوپۇنى، بەدەن سوپۇنى، قول سوپۇنى قاتارلىق ھەرخىل قاتتىق - سۇيۇق ۋە پەرقلىق رەڭ - پۇراقلاردىكى سوپۇنلارنى كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرقلىق خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، بۇ زەھەرلىك توكسىنلەر تېرىمىز تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قان- تومۇرلار بىلەن پەرقلىق ئەزالارغا يېتىپ بېرىپ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولماقتا.  بۇلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقان قىلىش بىلەن بىرگە،  ھورمونلاردا ئېگىز- پەسلىك، قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، زىققا، ئۆز ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى،  ھەتتا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سوپۇنلارنىڭ تەركىبىدە ئىنسانلارنىڭ سۈيدىكىدىن ئۆلچەپ چىققىلى بولىدىغان نۇرغۇن خىمىيەلىك ماددىلار بار بولۇپ، بۇلاردىن ئەڭ خەتەرلىكىلىرى Parabens,     BPA, Triclosan, ۋە Phthalate  قاتارلىقلاردۇر. Parabens  پاكىزلىق ۋە گىرىم- بويۇملىرى سانائىتىدە ئەڭ كەڭرى قوللىنىلىدىغان بۇزۇلۇشقا قارشى قوغدىغۇچ بولۇپ ، تېرىمىزدىن ئاسان سۈمۈرلىدۇ. تەتقىقاتلار Parabens نىڭ تۇغماسلىق، سىپىرمدىكى جانسىزلىق ۋە راك قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. BPA ۋە Phthalate  ھەققىدە « تېشى پال- پال، ئېچى غال- غال » تېمىدىكى يازمىدا توختىلىپ ئۆتۈلگەندەك Bisphenol A ( BPA )  ئىنسان بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمونى (Estrogen ) قوبۇللىغۇچلىرى بىلەن تەسىرلىشىدىغان  بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە ئۇنىڭ ياغ ھۈجەيرىسى، كۆپىيىش ئورگانلىرى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، جىگەر قاتارلىق نۇرغۇن ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ھەر كۈنى كىلو بېشىغا 50 مىللىگرام BPA نىڭ ئىنسان مېڭە فۇنكسىيەسى، ھەرىكەت تۇتۇملىرى، جىنسى ئىقتىدارى، ئاياللاردا بولسا تۇغۇت ۋە بالاغەت باشلانغۇچىلىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسىدە دېگىدەك بۇ خەۋپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن تۇرۇقلۇق، شىركەتلەرنىڭ ياردىمى بېلەن ئېلىپ بېرىلغان  بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ ھېچقايسىدا مەنپىي تەسىر بايقالمىغان. phthalates ئۆيلىرىمىزدە يېمەكلەرنى ۋە مېۋىلەرنى ئوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ ياپىراقلارنىڭ تەركىبىدە بار بولۇپلا قالماستىن سوپۇن ۋە ئەتىرلەردىمۇ مەۋجۇت.  بۇ ھورمون قالايمىقانلاشتۇرغۇچ بالىلاردىكى سېمىزلىك، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئوغۇل بالىلاردىكى جىنسىي ئەزالاردىكى بىنورماللىقلارغا سەۋەپ بولماقتا. Triclosan مىكروبقا قارشى تۇرغۇچ بولۇپ، بۇ ماددىمۇ تېرىدىن ئاسان سۈمۈرلىدۇ. زەھىرشۇناسلىق ۋە مۇھىت ساغلاملىقى ژۇرنىلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، Triclosan ئىنساننىڭ ئىممۇنىتېت، كۆپىيىش ۋە قان- تومۇر خىزمىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

يۇقىرىدىكى مەلۇماتلاردىن چىقىپ تۇرىدىكى،  ھازىرقى ئىنسانلار كۆرۈنۈشتە تېخىمۇ پاكىز بولغىنى بىلەن بۇ پاكىزلىقىنىڭ بەدىلىنى ساغلاملىق بىلەن تۆلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە زامانىۋى ئىنسانلارغا خاس تۇغماسلىق ۋە ياش تۇرۇپ چاچ چۈشۈپ تاز بولۇپ قېلىش قاتارلىق نۇرغۇن زامانىۋى كېسەللىكلەرنىڭ تەكتىدە ئەمەلىيەتتە بۇ زەھەرلىك ماددىلار سەۋەب بولىۋاتقان ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى ( Autoimmune Disease )  ياتىدۇ. بۇ كېسەللىكلەر  ئىسمىدىن بىلىنىپ تۇرغاندەك، ساغلاملىقىمىزنىڭ قورغىنى  بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ، ئۆز ۋە دۈشمەننى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى ئورۇنسىز ئىنكاس قايتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۆز ھۈجەيرىلىرىنى دۈشمەن سۈپتىدە ئۆلتۈرۈشىدىن كېلىپ چىقماقتا. شۇڭا چىرايلىق كۆرۈنگەن شەيئىيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېسىل ۋە ساغلام بولىشى ناتايىن. ئەگەر پاكىزلىقنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسەك ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئورگانىك ۋە « پاكىز» سوپۇن ئىشلىتىشىمىز لازىم .  يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى