پاكىزلىقنى دەپ ساقلىقنى دەپنە قىلماڭ

 ئىنسانلارنىڭ پاكىزلىق كۆز- قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەتراپىمىز تازىلىق ۋە پاكىزلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى، ئۆيلىرىمىز بولسا بۇ خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ كىچىك خىمىيەلىك بازىسىغا ئايلاندى. تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى تەبىئىيلىكتىن ئۇزاقلىشىپ، ئاتالمىش < پاكىزلىق> قالپىقى ئاستىدا سۈنئىي زەھەرلەرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ئائىلىمىزدە تازىلىق ۋە پاكىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان بۇيۇملارنىڭ تۇرى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىچە بىر زەھەر، ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن بولسا ئايرىم بىر خەپتۇر. كىر سوپۇنى ، كىر يۇمشاتقۇچ، كىر ئاقارتقۇچ، ئوبىرنى تازىلىغۇچ، ئوچاق تازىلىغۇچ، ماي چىقارغۇچ، چىنە قىش ۋە ئەينەك تازىلىغۇچ، قاچ - قۇچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە پاشا- چىۋىن ئۆلتۈرگۈچ  قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى پەرقلىق خىمىيەلىك ماددىلار ئۇلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا تېرىمىزدىن، نەپەس يوللىرىمىزدىن بەدىنىمىزگە كىرىپ جىددى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن  بۇ رەڭلىك بۇيۇملار كىچىك بالىلار تەرىپىدىن خاتالىق بىلەن  ئىچىپ قېلىنىپ يارىلىنىشقا،  ھەتتا ئۆلۈم قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچماقتا. نۇرغۇن ئىنسانلار بۇ بۇيۇملارنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلمەگلىكتىن، پاكىزلىقنى دەپ ساغلاملىقىنى قۇربان قىلماقتا.

زامانىۋى كېسەللىكلەرنىڭ مۇھىمى بىر قىسمى بۇ خىل «پاكىزلىق»  ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللاردىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا بولۇپ، ئاللېرگىيە، زىققا ۋە راك بۇلاردىن بىر نەچچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتلار تازىلىق ۋە پاكىزلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىدىكى Formaldehyde  ، 1,4- Dioxane ، بور كىسلاتاسى، Glycol ether ، Choramine  ۋە  Lye  قاتارلىقلارنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا بولغان زىيانلىق تەسىرلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇلار سۇيۇق ھالەتتە ياكى ھاۋادا پارغا ئايلىنىپ بىۋاستە تېرە ، كۆز، بۇرۇن ، كاناي قاتارلىق ئەزالىرىمىزنى غىدىقلاپ ئاللېرگىيەلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلسا، بەدىنىمىز بۇلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇچرىشىش جەريانىدا بۇ زەھەرلىك توكسىنلەر تېرىمىز تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قان- تومۇرلار بىلەن مېڭە، ئىچكى ئاجراتما ئەزالىرى ۋە كۆپىيىش ئەزالارغا يېتىپ بېرىپ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولماقتا. Formaldehyde ( فورمالىن )  ئەڭ كۆپ زىققاغا سەۋەب بولىدىغان ئاللېرگىيەلىك ئۈچ ماددىدىن بىرسى بولۇپ، ھەرخىل تازلىق بۇيۇملاردا ھەتتا بەزىدە ئورگانىك دەپ سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلاردا مەۋجۇت. گەرچە بەزى مەھسۇلاتلاردا بىۋاستە بۇ ماددا يوقتەك كۆرۈنگەن بىلەن تازىلىق جەرياندا سۇيۇق سوپۇنلارنىڭ ئىچىدىكى باشقا خىمىيەلىك ماددىلاردىن Formaldehyde  ھاسىل بولالايدۇ. 1,4- Dioxane  نۇرغۇن سوپۇن پارشوكىدا بار بولۇپ ، ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ( EPA ) نىڭ راك پەيدا قىلغۇچ قارا تىزىملىكىدە ئورۇن ئالماقتا. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ھايۋان تەجرىبىلىرىدە 1,4- Dioxane نىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ھايۋانلاردا تېخىمۇ جىق جىگەر راكى بايقالغان. بور كىسلاتاسى كىر پارشوكى ۋە قاچا - قۇچا يۇغۇچ ئىچىدىكى ئېنزىملارنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان بولۇپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى مەزكۇر ماددىنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارماقتا ( ECHA 2011  ) . بور كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ سپېرما سانىدا ئازىيىش بايقالغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق يۇقىرى مىقداردا بور كىسلاتاسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان چاشقان ۋە ئىتلارنىڭ ئۇرۇقدانلىرىنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە ( EPA 2006 ).

ئۇنىڭدىن باشقا Glycol ether نۇرغۇن ياغ ئېرىتكۈچىنىڭ تەركىبىدە بار بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ماددىنى  1,4- Dioxane غا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىغا ۋە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تازىلىق ۋە پاكىزلىق مەھسۇلاتلىرىدا Glycol ether نى چەكلىمەكتە ( EU 2008 ).  كەسپىي كېسەللىكلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا كەسىپتە Glycol ether  بىلەن ئۇچراشقان ئەركەكلەرنىڭ ئۇرۇق سانىدا ئازىيىش، ھامىلدار ئاياللاردا بولسا كەمتۈك تۇغۇپ قويۇشنىڭ جىقلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ( Cordier 1997, CDHS 2007 ).  Choramine  ئاقارتقۇچلارنىڭ تەركىبىدە بار بولۇپ،  مەيلى سۇيى مەيلى بۇسى بولسۇن ئىنسانلاردا ئاللېرگىيەلىك رېئاكسىيەلەر پەيدا قىلماقتا. ئوچاق يۇغۇچتا بار بولغان Lye كۈچلۈك چىرىتكۈچ بولۇپ، خاتالىق بىلەن ئىچىپ قالسا ئۆلۈمدەك ئېغىر ئاقىۋەت مەيدانغا كېلىدۇ.

شۇڭلاشقا زىققا ، تىرە ياللۇغى ، ئاللېرگىيە، تۇغماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىنى سىرتتىن ئىزدەشنىڭ  ھاجىتى يوق،چۈنكى دۈشمەن ئىچىمىزدە. ئائىلىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەبئىي يېمەك - ئىچمەك ، توغرا تۇرمۇش ئادىتىغا ئوخشاشلا، ياشاۋاتقان مۇھتىمىزنى بۇ ناتەبىئىي زەھەلەردىن ئۇزاق تۇتۇشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. ئەڭ ئاۋۋال بۇ تازىلىق ۋە پاكىزلىق مەھسۇلاتلىرىنى مەيلى ئورگانىك دەپ سېتىۋالايلى ھەممىسىدە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ساغلاملىق خەۋپنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. مەينەتچىلىك كېسەللىك تارقاتقانغا ئوخشاش، « پاكىزلىق » مۇ كېسەل قىلماقتا. ھەدىدىن زىيادە پاكىزلىقتىن قېچىش ساغلاملىققا يېقىنلىشىش ھېسابلىنىدۇ.  بۇلارنى ئىشلەتكەندە پەلەي ، ماسكا قاتارلىقلار بىلەن ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز، بۇلارنى ئىشلىتىشىدىن ئاۋال بىخەتەرلىك تەلىماتىنى ئوبدان ئوقۇپ چىقىپ ، كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل ۋە مىقداردا ئىشلىتىشىمىز، پەرقلىق بويۇملارنى بىر- بىرىگە ئارلاشتۇرماسلىقىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ بۇ ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،  ئۇلارنى ئېگىز ۋە بىخەتەر يەرلەردە ساقلاش، سېتىۋالغاندا بىخەتەرلىك ئېغىزى بار- يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشمۇ كېيىنكى ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولمايدىغان پۇشايمانلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پاكىزلىق ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى، ئەمما ساغلاملىق ئۈچۈن پاكىزلىقنىڭ تەبئىي يوللىرىنى تاللايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى