گىرىم چىراينى قىلىدۇ سەتەڭ، ساقلىقنى مەنتەڭ

 گۈزەللىككە ئىنتىلىش ۋە گۈزەللىكتىن زوقلىنىش ئىنساننىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.  ئەمما ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئىدراك قىلىش ۋە زوقلىنىش سەۋىيەلىرى پەرىقلىقتۇر. خۇددى گۈلنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى بىلەن تاماملانغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىكمۇ ئۇنىڭ ئەخلاق گۈزەللىكى بىلەن تاماملىنىدۇ.  لېكىن بۇ گۈزەللىك ھەقىقىتى،  زامانىۋى ئىنسانلار تەرىپىدىن سەل قارالماقتا. ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يېمەك - ئىچمىكى ۋە ياشىغان مۇھىتى تەبئىي بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چىرايى تەبىئەتنىڭ تەبئىي بويىقى بىلەن بويالغاچقا، ئۇلار تەبىئىي گۈزەللىكنىڭ ساھىبى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بۇ گۈزەللىكىنى تەبئىي ھايات شەكلى بىلەن قوغدىيالىغانلىقى، شۇنداقلا مىھرىبانلىق،   سەمىمىيەت، ئاقكۆڭۈللۈك، ئەپۇچانلىق، قانائاتكارلىق، مەردلىك، مەردانىلىق ۋە  مېھماندوستلۇق قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن ئۆزىنى پەدەزلىغانلىقى ئۈچۈن،  ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە خاس ساھىپجاماللار ئىدى. ئەپسۇس، ھازىرقى زامان ئىنسانلارنىڭ بىر تەرەپتىن يېمەك- ئىچمىكى تەبئىيلىكتىن يىراقلاپ كەتكەچكە تاشقى گۈزەللىكىگە داغلار چۈشۈپ سەتلىشىپ كېتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەخلاق گۈل- دەستىلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن،  ئىچكى گۈزەللىكتىن (مەنىۋى گۈزەللىك) ئەسەر يوق. كۈنسېرى ئۆز ئۆزىگە سەت كۆرۈنىۋاتقان ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان زامانىۋى ئىنسان،  چىقىش يولىنى ناتەبىئىي گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئىزدىمەكتە. يەنى گەپنىڭ < چىرايلىق > نى دېسەك پوقنى ئوسسىراق بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنماقتا.

خىمىيەلىك گىرىم بۇيۇملىرىغا تەلەپ جىق بولغاچقا،  ئۇلارنىڭ تۈرى ۋە مىقدارىمۇ كۈنسېرى جىقايماقتا، ئاقىۋەت بۇلارنىڭ بازىرى قىزىپ كەتمەكتە. بۇ ساھەنى مونوپۇل قىلىۋالغان 5-3 شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى رەڭلىك قۇتا - شىشلەرگە قاچىلاپ، يالغان ئېلانلار بىلەن پەردازلاپ، ماركا خانشلىرى ۋە دەللاللىرى بىلەن  قىز- چوكانلارغا زورلاپ تاڭماقتا. يەنى پەداز بۇيۇملىرىنى پەردازلاپ ساتماقتا. بۇرۇنقى سان - سىفىرلارغا قارىغاندا دۇنيانىڭ گىرىم بۇيۇملىرى بازىرىنىڭ ئومۇمى سوممىسى 200 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ياۋروپا 63 مىليارد ياۋرو بىلەن ئەڭ چوڭ بازارغا ئايلانغان. ھەممەيلەننىڭ ئۆيگە سولىنىپ قالغان كورونا مەزگىلىدە بولسا بۇلارنىڭ سېتىش مىقتارى ئاجايىپ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ئەمەس،  باشقىلار ئۈچۈن پەردازلىنىدىغانلىقىتن ئىبارەت سۈنئىي پەدىزىنى ئاشكارىلاپ قويدى.  گەرچە بەزى بۇيۇملار تەبئىي ، ئورگانىك، يېشىل دېگەنگە ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن سېتىلىۋاتقان بولسىمۇ،  FDAنىڭ بىر قىسىم چاچ بوياقلىرىدىن باشقا گىرىم بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش ھوقۇقى بولمىغاچقا،  ئىنسان ساغلاملىقىغا تولىمۇ زىيانلىق. مەلۇمكى،  بۇ ئۇپا - ئەڭلىكلەر سومىنتاڭ   ياسىغانغا ئوخشاش ئىشلەپچىقىرىماقتا. نۇرغۇن شىركەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغانغا ئوخشاش، گەرچە ماركىلار پەرقلىق بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ خام ماددىسى بولغان بارلىق خىمىيەلىك تەركىبلەر ئوخشاش زاۋۇتتىن چىقىدىغان بولۇپ،  ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە سىرتقى يۈز رېئاكتىپى ( Surfactants   ) ، تەڭشىگۈچى پولىمېر (Conditioning polymer )، چىرىشتىن ساقلاش دورىسى (Preservatives ) ۋە خۇشپۇراقلاندۇرغۇچ ( Fragrance )  قاتارلىقلار بار.

گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ساغلاملىققا بولغان زىيىنىغا كەلسەك، 5000 دىن كۆپ خىمىيەلىك ماددىلاردىن تەركىب تاپقان ۋە گىرىم سانائىتىدە كەڭرى ئىشلىتىلدىغان (perfluorinated and polyfluorinated alkyl substances ) PFAS  قولايلىق بىلەن تېرىدىن سۈمۈرۈلىدىغان بولۇپ، بەدەندە جىگەر زەئىپلىشىش، قالقانسىمان بەز خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، تۇغماسلىق  ۋە راك قاتارلىقلار كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولماقتا. ئىشنىڭ چاتاق يېرى شۇكى،  شىركەتلەر بۇ ماددىنى مەھسۇلاتلىرىدا كۆرسەتمەسلىككە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئۇپا- ئەڭلىكلەرنىڭ ئىچىدىكى كۆك سېغىز تالقىنىدا (  Talcum )  تاشپاختا بار بولۇپ، بۇ ئىنسانلاردا Mesoteliom  دەيدىغان كۆكرەك بوشلۇقى راكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.  The NIEHS Sister Study دېگەن كەڭ كۆلەملىك ئىلمىي تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە چاچ تۈزلەشتۈرگۈچى ئىشلىتىلدىغان ئاياللاردا بۇنى ئىشلەتمەيدىغان ئاياللارغا نىسبەتەن بالىياتقۇ راكى ئىككى ھەسسە تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاياللاردا ئەمچەك راكى ۋە ھامىلدارلىقتا كۆرۈلىدىغان دىئابىت قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىدە ئاۋۇش بايقالغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنىپ بىر يىل ئۆتتى، لېكىن FDA تېخى تۈنۈگۈن چاچ تۈزلەشتۈرگۈچى خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ چەكلەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. بىز تەكىتلەپ كېلىۋاتقاندەك،  ساغلاملىققا ئوخشاش مۇھىم مەسىلىلەردە  باشقىلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىشىنى ساقلاپ ئولتۇرساق ئۇلارنىڭ قارارىنى پەقەت كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۈرۈپ ئاڭلايمىز، خالاس. يەنە  گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدىكى Triclosan مىكروبقا قارشى تۇرغۇچ بولۇپ، بۇ ماددا تېرىدىن ئاسان سۈمىرىلىمەكتە،   زەھىرشۇناسلىق ۋە مۇھىت ساغلاملىقى ژۇرنىلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ماددا ئىنساننىڭ ئىممۇنىتېت، كۆپىيىش ۋە قان- تومۇر خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. Parabens  پاكىزلىق ۋە گىرىم- بۇيۇملىرى سانائىتىدە ئەڭ كەڭرى قوللىنىلىدىغان چىرىشتىن ساقلاش دورىسى بولۇپ،  تەتقىقاتلار Parabens نىڭ تۇغماسلىق، سىپىرمىدىكى جانسىزلىق ۋە راك قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.  تىرناق لاكى ، چاچ پۈركۈگۈچ ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سۇلياۋ قۇتىلىرىدا بار بولغان phthalates  بىر ھورمون قالايمىقانلاشتۇرغۇچ بولۇپ، بالىلاردىكى سېمىزلىك، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئوغۇل بالىلاردىكى جىنسىي ئەزالاردىكى بىنورماللىقلارغا سەۋەپ بولماقتا . ئۇنىڭىدىن باشقا  30-20 غا يېقىن گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا چەكلەنگەن ياكى تەركىب مىقدارىغا چەك قويۇلغان خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئىسىملىرى قارا تىزىملىكتە بار بولۇپ، شىركەتلەرنىڭ بۇ قائىدىلەرگە بويسۇنۇپ - سۇنمايدىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئىنساپىغا قالغان  ئېچىنارلىق ھەقىقەت.

پولاتتەك پاكىتلار كۆرسىتىپ تۇردىكى: « گىرىم كېسەللىككە گىرىپتار قىلىدۇ ». ئىنسان قەلبىدە ئەخلاق زىننىتى بولماي تۇرۇپ ھەقىقىي گۈزەللىك بەرپا بولمايدۇ. سىرتقى گۈزەللىكمۇ تەبئىي يېمەك - ئىچمەك ۋە توغرا ھايات پىچىمى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ ۋە مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۈنئىي گىرىم بۇيۇملىرى سىزنى ۋاقىتلىق گۈزەل كۆرسەتكەن بىلەن،  يىراقنى ئويلىغاندا سىزنى سەتلەشتۈرۈپ ھەر خىل سەت كېسەللىكلەرگە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا ھەر ئەينەككە قارىغاندا ئەينەكتىكى كىشىنىڭ سىزگە بىر نەرسىلەرنى پىچىرلاۋاتقانلىقىغا قۇلاق سېلىڭ ! ئۇ دەيدىكى « تەبئىيلىك ھەقىقىي گۈزەللىكتۇر! »   

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى