سۈنئىي ئەمبەر ساقلىقنى قىلىدۇ بەتتەر

 پۇراش جانلىقلارنىڭ مۇھىم فۇنكىسىيەسىدىن بىرى بولۇپ، ئىنساننىڭ پۇراش سىستېمىسى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان. ئۇ ئون مىڭدىن ئارتۇق پەرقلىق پۇراقنى پەرقلەندۈرۈش ۋە بۇلارنى ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىگە ئىگە. ئىنسان بەدىنىدە مىڭدىن ئارتۇق ئوخشاشمايدىغان پۇراق ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، بىر بوۋاق ئانىسىنىڭ پۇرىقىدىن ئانىسىنى، ئانىمۇ بوۋىقىنىڭ پۇرىقىدىن بالىسىنى تونۇۋالالايدۇ ۋە پۇراش سېزىمى بىلەن ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدا ئەڭ دەسلەپكى مېھرى - مۇھەببەت رىشتىسى ئورنىتىلىدۇ. باشقىلارنىڭ قۇچىقىدا كۆزى يۇمۇق چىرقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاق،  ئانىسى قۇچىقىغا ئالغان بىلەن تەڭ، ئانا پۇرىقى بەرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن شۇزامان يىغىدىن توختايدۇ. بوۋاق كېچىلىرى ئاتا- ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ قورقىدىن خالىي ھالدا ئوبدان ئۇخلايدۇ. زامانىۋى بالا  تەربىيىلەشنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق خاھىشىنى كىچىكىدىن يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئايرىم ئۆيگە سولاپ قويۇلغان بالىلار بولسا ئانى پۇرىقى بەرگەن ئۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قالغان بولغاچقا،  كېچىلىرى قورقىدىن يىغلاپ جىق ئويغىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ ساغلام پىسخىكىلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە  كەلگۈسىدە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە قۇرۇش قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلاردا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقىدىغان ، جىمغۇر، يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىدىغان، ئائىلە رىشتىسى زەئىپ  پىسخىكا ھالەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. پۇراقلارنىڭ پەقەت بالىلارغىلا ئەمەس چوڭلارنىڭ بەدەن ۋە روھى ساقلىقىغىمۇ چوڭ تەسىرى بار بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ خۇشاللىق ياكى غەم - قايغۇ ھالەتلىرىنى قولتۇق پۇرقىغا ئاساسەن بىلىۋېلىش مۇمكىن. پۇراقلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى رولىمۇ كۈنسىرى ئېشىپ بارماقتا بولۇپ، بۇ ئەتىر ۋە ئەمبەر قاتارلىق نۇرغۇن سۈنئىي پۇراقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ساھەلەر ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە. يەنى ئۇلارغا پۇراق پىراق بولماقتا.

گەرچە پۇراش ئەزايىمىز بۇرۇن بولغان بىلەن،  پۇراش مەركىزىمىز مېڭىمىزگە جايلاشقان. پۇراق سېزىمى ئەتراپتا قوبۇلغۇچسىز بىۋاستە مېڭىگە بارىدىغان بولۇپ ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىمىزگە بەرگەن سىگناللار بىلەن مېڭە نېرۋا تورنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مېڭە بەدەننىڭ ئەڭ تىز سىگنال قوبۇل قىلىش ئانتېنناسى بولغان پۇراق ھۈجەيرىسدىن ئالغان مەلۇماتلارنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ئانالىز قىلىپ ، بەدەن دۇچ كەلگەن مەسىلىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا  بۇيرۇق بېرىدۇ. مەسلەن، تاماقنىڭ ھەزىم قىلىنىشى پۇراق بىلەن باشلايدۇ، پۇراقسىز تاماق ئىنسانغا لەززەت بەرمەيدۇ. بىز تاماقنى يېمەي تۇرۇپ، بۇرنىمىزغا كەلگەن مىزلىك پۇراق بىلەن تەڭ، مېڭە تاماقتىن ئىبارەت بۇ كۈرەشكە لايىق ھەزىم قىلىش ئېنزىملارنى ئىشلەپچقىرىش ئۈچۈن بۇيرۇق ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىشتاھىمىز ئېچىلىپ، ئاغزىمىزغا شۆلگەيلەر يىغىلىدۇ. كورونادا پۇراش سېزىمى پالەچ بولغان كېسەللەرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىدراك قىلالايدۇ، دەپ ئويلايمىز. چۈنكى ئىنسان تەپەككۇردىن بەك  تەكەببۇرگە ئاشىق بولغاچقا، قولىدىكى نېمەتنى پەقەت ئۇنى يوقاتقان ۋاقىتتىلا ئاندىن قەدىرىگە يېتىدۇ.  يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، ئىنسان ئون مىڭدىن ئارتۇق پەرقلىق پۇراقنى پەرقلەندۈرش ۋە بۇلارنى ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئي پۇراقلار ئىنساننىڭ دىمىغىنى ئېچىپ، ئىنسانلارغا ئىلھام  بەخش ئەتسە، سۈنئىي پۇراقلار دىمىغىنى كېسىپ ئىنسانلارنى كېسەل قىلماقتا ۋە ئۆلتۈرمەكتە. خۇددى < ماھشەرنىڭ تۆت چەۋەندازى > دا يېزىلغاندەك، « شەھەر خەلقى ئۇرۇشتىن كېيىن يېيىلغان سېسىق پۇراقتىن ھالاك بولدى.»

بەزى ۋىرۇسلار بىزنىڭ پۇراش نىرىپلىرىمىزنى پايدىلىنىپ بەدىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلسا، بەزى ئىنسانىي ۋىرۇسلارمۇ بۇ يولدىن ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ھۇجۇم قىلماقتا. ئۇلار سۈنئىي ئەمبەر ۋە ئەتىرگە ئوخشاش گۈل سۇيىغا چىلانغان زەمبىرەك ئوقلىرى بىلەن بىزنىڭ ھەم بەدەن ھەم مۇھىت ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت قىلماقتا. بەدەن ئەتىرى، قولتۇق ئەتىرى، ئۆي ئەتىرى ۋە ھەر خىل تازلىق ۋە پاكىزلىق بۇيۇملارنىڭ ئىچىدىكى پۇراقلارنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولماقتا ياكى بەزى كېسەللەرنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە زىققىغا ئوخشاش نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى، باش ئاغرىقى، شەقىقى، ئاشقازان- ئۈچەي بىئارامسىزلىقى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، يۈرەك - قان تومۇر كېسەللىكلىرى،  ھەتتا بوغۇم- مۇسكۇل ئاغرىقلىرى بار. ئەتىر سەۋەب بولغان بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇربانى قىز- چوكانلار بولۇپ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسى، گۈل كەبى پۇراش ئارزۇسى ئۇلارنى بۇ سۈنئىي پۇراقلارنىڭ ئىچىدە ساقسىزلىق تۇمانغا بوغۇپ تاشلىماقتا. لېكىن ھازىرقى زاماننىڭ موداپەرەس غىتمەك ئەركەكلىرىمۇ خوتۇن خەقتىن قىلىشماغلىق. بۇ ئانىلارنىڭ ناتەبىئىي پۇرىقىدىن زېرىككەن، ئەتىر ئارىلاش سۈتلىرىدىن بەزگەن ۋە تاماكا چېكىدىغان دادىلارنىڭ سىېسىق پۇرىقىدىن سەسكەنگەن بالىلارنىڭ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقىمۇ بۇ پۇراقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماقتا. بالىلار بۇ يەردە ھەم ئىككلەمچى ياكى  پاسسىپ چەككۈچى  ھەم ئىككىلەمچى زەھەرلەنگۈچىلەردۇر.

بۇ سۈنئىي پۇراقلاردا مەۋجۇت مەسىلىلەردىن بىرسى بۇلارنى ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەر تىجارەت سىرى قالپىقى ئاستىدا، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى پۈتۈن خىمىيەلىك ماددىلارنى ئاشكارا قىلمايدۇ. بۇ تىجارەت سىرىدىن بەكرەك، ئىنسانلارنىڭ قانداق قىلىپ نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنىڭ سىرىدۇر.   نۇرغۇن ئەتىرنىڭ تەركىبىدىكى phthalates نىڭ بىر ھورمون قالايمىقانلاشتۇرغۇچ ئىكەنلىكى ۋە  بالىلاردا سېمىزلىك، يۇرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئوغۇل بالىلاردا جىنسىي ئەزالاردىكى بىنورماللىقلارغا سەۋەپ بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بىر ھەقىقەت.  پۈتۈن ئەتىرلەردە بار بولغان Acetophnone, Ethyl acetate   ۋە Acetone   قاتارلىقلار مۇھىم ئاللېرگانلار بولۇپ ئاللېرگىيەلىك بۇرۇن ياللۇغى ، تېرە ياللۇغى ۋە زىققىلارنىڭ باش جىنايەتچىسى.  ئىلىمىي تەتقىقاتلاردا  musk xylene   قاتارلىق ماددىلارنىڭ بەزى ھايۋانات تەجرىبىلىرىدە راك پايدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلسىمۇ،  ئەمما بەزى قانۇن تۈزگۈچىلەر بۇ ماددىنى بىخەتەر دەپ قوبۇل قىلىپ ، بۇ ماددىنىڭ خام ماددا سۈپتىدە داۋاملىق ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرمەكتە.  ئەتىر شىركەتلىرىنىڭ ساغلاملىققا ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقتىن ئىبارەت بۇ « سېسىق» پۇراقلارنى يېپىش ئۈچۈنمۇ ئىشلەپچىقىرىلغان ئالاھىدە < ئەتىرى > بارمىدۇ ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.

تەبئىي پۇراق ھەر بىر ئىنساننىڭ خاسلىقىدۇر. ئەگەر ئىنسانلار تەبئىي يېمەك - ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلانسا، توغرا تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرسە ، يەنى ئىچى تەبئىي بولسا، ھىدىمۇ تەبئىي ۋە خۇش - پۇراق بولىدۇ، سۈنئىي ئەتىرگە ئېھتىياج قالمايدۇ. ئىنساننىڭ ئىچى تەبئىي بولماي تۇرۇپ، تېشىغا چاچقان ئەتىر  ئەبجەش بولۇپ كىشىنى كېسەل قىلىدۇ. مەجدىدىن ئېيتقاندەك «ئاز يېسەڭ مايقىڭدىن ئەمبەر ھىدى، كۆپ يېسەڭ تېنىڭدىن سېسىق ھىدى.»  ھەكىم ئىزىنىڭ شۇئارىمۇ تەبىئىيلىكنىڭ ئۆزى خۇشپۇراقلىقتۇر.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى