ياغلار ۋە مايلار
مايلار ئىنسان بەدىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، ياغسىز ئايرۇپىلان ئۇچالمىغان ، جىن چىراق يانمىغانغا ئوخشاش، تەبىئىي مايسىز ئىنسان ساقلىقى كېسەللىك چۆلىگە تكىموللاق ئاتسا ، دوست ياغسىز ساغلاملىق چىرىغى ئۆچۈپ قالىدۇ. بۇ ياغنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن ئەجدادىمىز ياغ چايناپ ئېرىق چاپقان، دۈمبە جىگەر يەپ مادار تاپقان ۋە تويۇنمۇش ياغ سىيالىرى بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر داستانىنى يازغان ئىدى. لېكىن شۇتاپ بىر تەرەپتىن مېدىتسىنا دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تويۇنغان ياغلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە سەۋەپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت " ئىلمىي" تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئازدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر ياغمۇ كېرىسنمۇ ئۇققىلى بولمايدىغان ياغلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتەن ھەرخىل كېسەللىكلەرگە دۇچار بولاۋاتقانلىقتەك پولاتتەك پاكىتلار ئىنسانلارنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرماقتا. بۇ ياغلار زادى پايدىلىقمۇ، زىيانلىقمۇ ؟ بۇ مايلارنىڭ قاندىكى ۋە قوساق- بەلدىكى ياغلار بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق؟ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يىپ - ئۇچلىرىنى < سەمرىتكەن ياغ ئەمەس، شېكەر > دېگەن يازمىمىزدا پۇراتقان ئىدۇق. نۆۋەتتە بۇ ياغلار ۋە مايلارنى ئوبدان كۆيدۈرۈپ چىقىمىز.
ياغلارنى ئومۇمەن تەبىئىي ۋە
ناتەبىئىي ياغلار دەپ ئىككىگە ئايرىش مۇمكىن. تەبىئەتتە ئەسلىدە ناتەبىئىي ياغ
دەيدىغان بىر ياغ مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ناتەبىئىي ياغلار ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن
مەقسەتلىك مەيدانغا كەلتۈرۈلمەكتە ۋە مەنپەئەت كۆزلەپ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلماقتا.
يەنى ناتەبىئىي دېگەن ئۇقۇمنى مەنپەئەتنى كۆزلەپ يامان نىيەتتىن تۇغۇلغان ،
تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە قارشى، ئىنساننىڭ
تەبىئىتىگە زىت پۈتۈن چۈشەنچە، تۇيغۇ ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئومۇمى ئاتالغۇسى دەپ
قارساق خاتالاشمايمىز. ئەسلىدە ھەكىم ئىزىنىڭ مەركىزى نۇقتىنەزىرى تەبىئەتتىن
كەلگەن تەبىئىيلىك، تەبئىيتىمىزنىڭ
تەققەززاسى بولۇپ، تەبىئىيلىكتە ئىنسان ئۈچۈن ساغلاملىق، كۈچ- قۇۋۋەت ۋە خۇشاللىق
باردۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش تەبىئەتتىكى تەبىئىي ياغلارنىڭ گەرچە مەنبەسى، مەرتىۋىسى
ۋە شەكلى ھەرخىل بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاق مەقسىتى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتكى ھايات
كۈرۈشىدە ئۇلارنىڭ پەرقلىق فىزلوگىيەلىك ئېھتىياجلىرىنى قامداپ، بوغۇم-
تىقىملىرىنى ياغلاپ، ئۇلارغا ساغلاملىق بەخش ئەتمەكتۇر. قىسقىسى مايلار ھايات
مەشئىلىنىڭ يېغى بولۇپ، ياغلارسىز ئىنسانلارنىڭ باغلار بەرپا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
تەبىئىي ياغلارنى ئۆز ئىچىدىن
قاتتىق ۋە سۇيۇق ياغ دەپ ئىككىگە ئايرىيمىز. ياغلارنىڭ بۇ مورفولوگىيەلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ
تەكتىدە ئۇلارنىڭ خىمىيەلىك تۈزلىشىىدىكى پەرقلىق ياتىدۇ. پۈتۈن ياغلار خىمىيەلىك
تۈزلىشى جەھەتتىن ياغ كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، 20 خىلدىن كۆپ بۇ ئوخشاشمىغان ياغ كىسلاتالىرى ئانا گەۋدىسى كاربون
ئاتومى ۋە ئۇلارنى بىر- بىرىگە
تۇتاشتۇرىدىغان خىمىيەلىك باغلاردىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر ياغ كىسلاتاسىنىڭ تەركىبىدە قوش زەنجىر
يوق بولسا، بۇ ياغ تويۇنمۇش بولغان بولىدۇ ۋە قاتتىق شەكىل ئالىدۇ. بۇلارنىڭ
ئاساسلىق مەنبەسى ھايۋانلاردۇر. ئەگەر ياغ كىسلاتاسىدا بىر تانە قوش زەنجىر بار بولسا، بۇ ياغنى تويۇنمامىش ياغ
دەيمىز ۋە سۇيۇق ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
قاتتىق ياغلارنىڭ ئىچىدە قۇيرۇق ياغ، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ياغلىرى، سېرىق
ماي ( Butter ) بار بولۇپ، بۇلارنىڭ
ھەممىسى تويۇنمۇش ياغ بولغانلىقى ئۈچۈن،
تەركىبىدە قوش زەنجىر يوق. ئۇلارنىڭ پەقەت
زەنجىرلىرىنىڭ ئۇزۇن - قىسىقلىقى پەرقلىق.
مەسلەن قۇيرۇق ياغ ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ياغلىرىدىكى ستېئارىك كىسلاتا ( stearic acid ) دىكى
كاربون زەنجىرى ئۇزۇن ئىكەن ، سېرىق مايدىكى بۇتىرىك كىسلاتا (butyric acid ) دىكى كاربون زەنجىرى نىسبەتەن قىسقىدۇر. قاتتىق ياغلارنىڭ
كاربون زەنجىرى قانچە قىسقا بولسا، ئۇلار تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە ساغلام بولغان
بولىدۇ. قاتتىق ياغلاردا قوش زەنجىر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئومۇمەن ئېسسىق - سوغۇققا
ۋە ئوتقا چىدامچان ۋە ئاسانلىقچە
بۇزۇلمايدۇ. ئەلمىساقتىن بىرى دۈمبە جىگەردە كاۋاپ قىلىپ يېگەن ، ياغلىق گۆشتە
شورپا سېلىپ، سېرىق مايدىن سۈتچاي قىلىپ ئىچكەن، ياغ چايناپ باغ ئوينىغان
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساغلاملىق سىرى دەل بۇ يەردە!
سۇيۇق ياغلار يەنى تويۇنمامىش ياغلارنىڭ تەركىبىدە بىر ۋە بىردىن جىق قوش زەنجىر بار بولۇپ، گەرچە قوش زەنجىر سانى قانچە جىق بولسا، ئۇ قەدەر كۆپ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغان بىلەن، بۇ قوش زەنجىرلەر ئوتتا ياكى فىزىكىلىق بېسىمدا ئاسان ئۈزۈلىدىغان بولغاچقا چىدامچان ئەمەس. بۇ قوش زەنجىرنىڭ ئۈزۈلۈشى ئۇنىڭ تەبىئىيلىكىدىكى ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، شۇڭا ئۇلارنى قىزىق ئوتتا قىزىتىش ساغلاملىققا ئاجايىپ زىيانلىقتۇر. سۇيۇق ياغلار ئۆز ئىچىدىن ئومېگا ئۈچ (-3 ω)، ئومېگا ئالتە ( 6- ω) ۋە ئومېگا توققۇز (-9 ω) يېغى دېگەن تۈرلەرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ تەركىبىدە تەرتىپ بىلەن ئالفا لىنولېن كىسلاتاسى ( linolenic acid ) ، گاما لىنولېن كىسلاتاسى ۋە ئولېئىك كىسلاتاسى ( oleic acid ) بار. ئومېگا ئۈچ يېغى مەنبەسىگە ئاساسەن ئوخشاشمىغان ياغ كىسلاتالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆسۈملۈكلەردىن ھاسىل بولغان ئومېگا ئۈچ ياغلىرىدا ئالفا لىنولېن كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇ پاسسىپ ھالەتتە بولىدۇ. ھايۋانلاردىن كېلىدىغان ئومېگا ئۈچ يېغىدا EPA ( Eikosapentaenoik asit ) ۋە DHA ( Dokosaheksaenoik asit ) بار بولۇپ بۇلار ئاكتىپ ياغ كىسلاتاسىدۇر. ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلىنغان پاسسىپ ئالفا لىنولېن كىسلاتاسىنىڭ پەقەت 15-10 پىرسەنتى بەدىنىمىزدە ئېنزىملارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاكتىپ ياغ كىسلاتاسى بولغان EPA ۋە DHA غا ئايلىنىدۇ. بېلىق يېغى ئومېگا ئۈچ يېغىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇكەممەل ياغدۇر، بىراق تەركىبىدە كۆپلىگەن قوش زەنجىر بولغاچقا ئاجايىپ نازۇك. قۇياش نۇرىدىمۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىكىنى يوقىتىدۇ. ئومىگا ئالتە ياغ سىنىپىغا قوناق ، گازىر ۋە زېغىر قاتارلىق ئۆسۈملۈك ياغلىرى كىرىدىغان بولۇپ، بۇلاردا ئىككى تال قوش زەنجىر بار. ئومىگا ئۈچ ۋە ئومىگا ئالتە ياغلىرىنى بەدەن ئىشلەپچىقىرالمايدۇ شۇڭا بەدەن چوقۇم سىرتتىن ئېلىشى كېرەك. بۇ سەۋەپلىك بۇلار ئاساسلىق ياغ گورۇپپىغا تەۋەدۇر. ئومېگا توققۇز ياغ كاتېگورىيەسىدە زەيتۇن ۋە فىندىق يېغى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ تەركىبىدە پەقەت بىر تال قوش زەنجىر بولغاچقا، بىر قەدەر چىداملىق. مەسلەن زەيتۇن يېغى 200 گرادۇستا قىزىتىلسىمۇ تەبىئىيىتىنى يوقاتمايدۇ.