سۈنئىي ياغلار بىر سازلىق، ئىچىدە بار مىڭ بىتاپلىق

 ئىنسانلاردىكى پۈتۈن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى مىكروبسىز ياللۇغ (inflammation ) بولۇپ، ئۇ نورمال ياللۇغىغا ئوخشاش ئەزالاردا قىزىتىش، قىزىرىش، ئاغرىش ۋە ئېشىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلغان بىلەن،  نۇرغۇن ئىنسانلار بۇ ئۆزگىرىشنى ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ. بەزى كېسەللەرنىڭ « ئىچىمدە دەپ بېرەلمەيدىغان بىر ئوت لاۋىلداپ كۆيىدۇ » دەپ تەرىپلەيدىغان ئوت، دەل بۇ مىكروبسىز ياللۇغدۇر. نورمال ياللۇغنى ۋىرۇس، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ۋە پارازىتلار قوزغايدىغان بولسا،  مىكروبسىز ياللۇغقا ھەرخىل يوللار بىلەن بەدەنگە كىرگەن ناتەبىئىي ماددىلار سەۋەبچى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ سىلىقى ۋە گېلىمىزنى ياغلاپ ئاسانلا ئۆتەپ كېتىدىغىنى بولسا سۈنئىي ياغلاردۇر. سۈنئىي ياغلار خۇددى سازلىقتا غۇژۇلداپ كەتكەن غىڭىلداق پاشىدەك، غىڭىلدىشى بىزنى نېرۋا قىلىپ، چىقىشى بەدىنىمىزنى قىچىشتۇرۇپ -  ئېچىشتۇرۇپ قىزارتىۋەتكەنگە ئوخشاش ، سۈنئىي ياغلارمۇ بەدەندىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ تۆكۈپ مىكروبسىز ياللۇغنى ئوتالدۇرۋېتىدۇ. تەبىئەتتىكى تەبىئىي ياغلارنىڭ خىمىيەلىك تۈزىلىشى تۈز بولۇپ (cis - form ) ، تەبىئەتتە نورمالدا مەۋجۇت بولمىغان ، ئىنسانلارنىڭ « بەرىكەتلىك » قولى بىلەن ھاسىل بولغان ناتەبىئىي ياغلار بولسا، خىمىيەلىك تەركىبىدىكى ئاتوملارنىڭ ئورۇن ياكى تەرەپ ئالمىشىشى بىلەن تەتۈر شەكىل (trans-form ) ئالىدۇ. بۇ تەتۈر ئۇستىخان ياغلارنى ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز تونىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى دۈشمەن دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئوت ئاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ سوغۇق ياللۇغ يەنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلايدۇ. ئەگەر بۇ توقۇنۇش ئۆتكۈرلەشسە،  مەلۇم بىر كۈن ئۇرۇش پارتلايدۇ ۋە كېسەللىك تۇمانلىرى بەدىنىمىزنى قاپلايدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشىمىز قۇلاققا مىڭ بىر كېچىنىڭ چۆچەكلىرىدەك تۇيۇلغان بولسا، تۆۋەندە ئۇنىڭ ئىلمىي ھىكايىسىگە قۇلاق سېلىڭ :

ئومېگا ئۈچ (-3  ωئومېگا ئالتە ( 6- ω) ياغلىرىنى بەدەن ئىشلەپچىقىرالمايدۇ.   شۇڭا بۇلارنى بەدەن چوقۇم سىرتتىن ئېلىشى كېرەك بولغاچقا،  بۇلار ئاساسلىق ياغ گۇرۇپپىغا تەۋەدۇر. بۇلارنىڭ بەدەندىكى بىر- بىرىگە بولغان نىسبىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، نورمالدا 1/1  بىلەن 4/1 ئارىلىقىدا بولىشى لازىم. بۇ نىسبەت تەبىئىيلىكنىڭ بىر ئىشارىتى بولۇپ، تەبىئىي يەملەر بىلەن بېقىلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىكى ئومېگا ئۈچ بىلەن ئومېگا ئالتىنىڭ نىسبىتى 4/1 بولسا، سۈنئىي يەم بىلەن بېقىلغان ھايۋانلاردا بۇ نىسبەت 20/1 .  ھازىرقى زامان ناتەبىئىي ياغلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغان ئنىسانلاردىمۇ ئومېگا ئالتە (6- ω)  مىقدارى كۈنسېرى ئېشىپ،  بۇ نىسبەت 50/1 گە قەدەر چىقماقتا. < تالا مۈشكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپ چىقارغاندەك >  ئومېگا ئالتە ھۈجەيرە پەردىسىگە بىر كىرىۋالدىمۇ،  ئومېگا ئۈچنىڭ ئورۇنلىشىشى تەسلىشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇلاردىن مەيدانغا كىلىدىغان بىئولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددىلارمۇ ئېگىز - پەس بولدۇ. تەبىئىيتى ئۆزگەرگەن ئومېگا ئالتە بەدەندە كۆپلەپ پروستاگلاندىن (prostaglandin )  E2نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. پروستاگلاندىن E2  بولسا مىكروبسىز ياللۇغ مەيدانغا كەلتۈرىدىغان بىئولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددا بولۇپ، نورمالدا تاشقى مىكروبلارغا قارشى مۇھىم بولغان بۇ ماددا،  ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان ئۆز بەدىنىگە ئۇرۇش ئاچىدۇ. نەتىجىدە، قان بېسىمى ، يۇرەك كېسىلى، ئاللېرگىيە، راك قاتارلىق ئەقلىڭىزگە كىلىدىغان پۈتۈن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. كائىنات ۋە يۇلتۇز سىستېمىسىغا ئوخشاش، ئىنسان بەدىنىدىمۇ ئاجايىپ ئىنچىكە ئالتۇن نىسبەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان تەڭپۇقلۇقلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى كېسەللىك دېمەكتۇر.

ئالدىنقى يازمىلاردا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك ، تەبىئەت ۋە بەدىنىمىزدىكى ياغلارنىڭ ئەسكىسى، ياخشىسى يوق بولۇپ، تەبىئىيتى نۇقتىسىن ئېيتقاندا ھەممىسى ياخشىدۇر. ئۇلارنى ئەسكى قىلىپ قويۇۋاتقان پەقەت ئىنسانلار ۋە كېسەللەردۇر، خالاس.  ئەسكى دەپ تۆھمەت چاپلانغان خولېستېرىننىڭ يۈكسىلىشىمۇ سەۋەپ ئەمەس نەتىجەدۇر. خۇددى مىكروبدىن كېيىن قىزتمىمىز چىققانغا ۋە سەۋەب قىزىتما ئەمەس مىكروب بولغانغا ئوخشاش، خولېستېرىن « مىكروب » ئەمەس، قوغدىغۇچى تەركىبدۇر. ئەمما ئەڭ ئېچىنارلىقى شۇكى،  كۈنىمىزدە مايلارنى مىكروبسىز ياللۇغىدىن ئىبارەت ئوتنىڭ سەۋەپ دەپ قارىلىپ، بۇ ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قاندىكى ماينى چۈشۈرىدىغان دورىلار ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە داۋالاشتا ئىشلىتىلمەكتە. سەۋەپ - نەتىجە مۇناسىۋىتى توغرا ئورنىتىلمىغانلىقى ، نەتىجىنى سەۋەپ دەپ داۋالاش ئىلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ دورىلار دەرتكە داۋا بولمايۋاتىدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەكسى تەسىرى ۋە بەزى كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدىغانلىقى توختىماي پاش بولماقتا. بۇ كۈنلەردە  خولېستېرىننىڭ ۋاكسىنىسىنى تەجرىبىخاندا مۇۋاپپىقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىلغانلىق خەۋىرى، بىر« بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىنقىلاپ » دەپ ئېلان قىلىنماقتا. گەپتە بۇ ۋاكسىنىنىڭ باھاسى 100 دوللاردىن ئەزان ۋە بىر يىلغا قەدەر كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. زامانىۋى كېسەللەرنىڭ بۇ ۋاكسىنىنىمۇ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئۇرغۇزدىغانلىقىغا ۋە بۇنىڭ بىلەن پو ئاتىدىغانلىقىغا ھىچ گۇمانىمىز يوق.  قازاندىكى مايغا ئوت كەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈ سېپىپ ئەمەس تۇۋاقنى يېپىپ ئوتنى ئۆچۈرگەنگە ئوخشاش، بەدىنىمىزدە چىققان بۇ ئوتنى ئۆچۈرۈشنىڭ ئۇسۇلىمۇ دورا يېيىش ئەمەس، زۇۋانىمىزنى يىغىشتۇر. ئۇنداقتا ناتەبىئىي ياغلىق ئوتۇنلار بىلەن لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بۇ تونۇرنىڭ داپخىنىنى قانداق ئېتىمىز؟

  1- ئالدى بىلەن تەبىئىي ۋە سۈنئىي ياغلارغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ناتەبىئىي مايلارنى تونۇردىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە تىقىۋەرسەك ، ئەزالىرىمىزنىڭ كۆيۈپ كۆمەچ بولاپ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت خەۋپ ئىڭىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

2- ياغلارنىڭمۇ قىممىتىنى، بەدەنگە پايدا - زىيىنىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ئۇلارنىڭ تەبىئىيلىكى بولۇپ، سۈنئىي يەم بىلەن بېقىلغان ھايۋانلىرىنىڭ گۆش -  ياغلىرى، دۈمبە جىگەر سىزگە بەك پايدا قىلىپ كەتمىگەنگە ئوخشاش، كۆلدە بېقىلغان بېلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى ئومېگا ئۈچمۇ تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن  بېلىق يېغىمۇ ئۇ مۆجىزىۋى تەسىرنى كۆرسىتەلمەيدۇ.

3- ياغلارنىڭ خىمىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە دىققەت قىلىڭ. ئۆسۈملۈك ياغلىرىنىڭ تەركىبىدە قوش زەنجىر بولغاچقا، ئوتتا ئاسانلا تەتۈر دۈشمەن ياغلارغا ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولغاچقا، قورۇمالىق تاماقلاردا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. قۇرۇملۇق تاماقلاردا ئىسسىققا چىداملىق قۇيرۇق ۋە سېرىق ماي ئىشلىتىش ئەڭ ياخشىدۇر. قۇيرۇق مايلىرىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، ئىسسىقا نىسبەتەن چىداملىق زەيتۇن ۋە فىندىق ياغلىرى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

4- ياغ سېتىۋالغاندا ئۇلارنىڭ سوغۇق سىقماق ئۇسۇلى بىلەن سىقىلىپ سىقىلمىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. توغرا تەبئىي ياغنىڭ بىر ئاز پۇرىقى ۋە دۇغى بار. ئەمما سۈزۈك ۋە پۇراقلىق تۇڭلاردا سېتىلىۋاتقان مايلارنىڭ سېسىق پۇرىقى ۋە كېسەللىك دىغى بەدىنىڭىزدە كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

5- سۈنئىي سېرىق ماي (margarine ) ، ماي ئەمەس، ساغلاملىققا ئېتىلغان لايدۇر. قەتئىي ئىشلەتمەڭ! ئۇنىڭ خىمىيەلىك تۈزىلىشى خاشۇدىن پەرقى يوق بولۇپ، قان- تومۇرلىرىڭىزنىڭ ئاسانلا توسۇلۇپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. تەبئىي سېرىق مايدەك تەسىر بېرىش ئۈچۈن ھەرخىل خىمىيىلىك ماددا ۋە پۇراق قېتىلغان، تەبئىي سېرىق ماي دەپ سېتىۋاتقان سۈنئىي سېرىق مايدىن ھەزەر ئەيلەڭ. 

6- ياغلارنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ. بېلىق يىغىغا ئوخشاش نازۇك ياغلارنى قوياشتىن يىراق، ئىللىق يەرلەردە ساقلاش، بولسا تۇڭلاردا ياكى نۇر ئۆتكۈزمەيدىغان شىشەلەردە ساقلاش كېرەك.

7. قۇيماق - ساڭزا قىزارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ياغلارنى ئەڭ جىق 3-2 قېتىمدىن جىق قوللانماڭ. چۈنكى بىر تەرەپتىن بۇ ياغلارنى ئىشلىتىش قېتىم سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلىدىغان پولىمېر (polymer ) مىقتارى ئاشىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ياغلار ئەۋرەز يوللىرىنىڭ توسۇلۇپ قىلىشىغا ۋە ئىچىملىك سۇلارنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

 سۈنئىي ياغلار خۇددى سازلىقتىكى پاشىلاردەك ئىنسانلارنى چېقىپ،  ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ كېسەللىكلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن پاشىلار بىلەن كۆرەش قىلىشنىڭ يېرىگە ، سازلىقنى تىندۇرۇش لازىم. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟