ياغ سىزگە دوست بولسۇن، ساغلاملىق يار

كونىلاردا < ياغ چاينا، يالىڭاچ ئوينا > دېگەن مەنىلىك سۆز بار بولۇپ ، بۇ مۇنداقلا ئېيتىلغان سۆز بولماستىن،  تېگىدە بىر مۇنچە ئىلمىي ئاساسى بار. ياغلار ۋۇجۇدىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مېڭىمىزنىڭ 60 پىرسەنتى ياغ بولسا، پۈتۈن ھۈجەيرىلەرنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى قوش قەۋەت مايدىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ سەۋەپلىك ھۈجەيرىلەر مەجنۇنتالدەك ئەۋرىشىمدۇر. ياغ شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش ۋاستىسى بولۇپ، بىر مولىكۇلا گىلوكوزىدىن ھۈجەيرىلەرنىڭ بېنزىنى بولغان ATP دىن 38 تانە ئىشلەپچىقىرىلسا، بىر مولىكۇلا ياغ كىسلاتاسىدىن 129 ATP ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. شۇڭا مېڭە ۋە يۈرەككە ئوخشاش سۈپەتلىك بېنزىن ئىشلىتىدىغان ئەزالار ئۈچۈن ھايۋانلاردىن كېلىدىغان تويۇنمۇش ياغلار كەم بولسا بولمايدۇ. يارىتىلىشنىڭ ھېكمىتى بۇ رېئاللىقلارنى ۋە ئىنسان بەدىنىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، ياغ چاينىيالمايدىغان چىش يوق بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىلغان ئانا سۈتىنىڭ 90 پىرسەنتى ياغدىن تەشكىل تاپىدۇ. شۇڭا ياغ ھاياتلىق ئۈچۈن تېپىلماس ئوزۇق بولۇپ، ۋۇجۇدىمىز ئۈچۈن  قېقىلغان قوزۇقتۇر. بەدىنمىزدىكى ياغلار خولېستېرىن (cholesterol ) ، فوسفولىپىد (phospholipid ) ۋە ترى گلىتسېرىد ( Triglycerid ) قاتارلىق شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە باشقىلار تۆھمەت چاپلىغاندەك ئەسكىسى ۋە ياخشىسى يوق بولۇپ، خۇددى ئىنسان بالىسى تۇغۇلۇشىدىن يەنى تۇغما  ياخشى بولسا، كېيىن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئەسكى بولۇپ قالغانغا ئوخشاش، تاللاش ئەركىنلىكى بولمىغان ياغلار تەبىئىيتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەممىسى ياخشى  بولۇپ، پەقەت ئۇنى ئەسكى قىلىپ قويۇۋاتقان ئىنسانلار ۋە كېسەللەردۇر، خالاس.

بەدىنىمىزدە ماي بىلەن ئاقسىلنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى ياغ بىلەن بۆرەكتەك بولۇپ، ياغسىز ئاقسىل مۇستەقىل ئۆز فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ماشىنا موتورنىڭ ئۆزىگە خاس موتور يېغى بولمىسا ماشىنا كاردىن چىققانغا ئوخشاش، ياغسىز ئىنساننىڭمۇ ھايات سەپىرىدە ئۇزۇنغا بارماي جۇلۇقى چىقىدۇ. ياغلار بولۇپمۇ خولېستېرىن ئەزالىرىمىزىنى دات بېسىشتىن قوغدايدىغان ئوكسىدلاشقا قارشى تۇرغۇچ بولۇپ، قان - تومۇرلىرىمىزنى ياغلاپ سىلىقلاشتۇرىدۇ. ئومىگا ئۈچ (-3  ω) بولسا ئاسپىرىن كەبى تەبئىي قان سۇلاندۇرغۇچ بولۇپ، ئۈستىلىك ئاسپىرىندەك ئاشقازاننى قانىتىشتەك ئەكىس تەسىرىدىن خالىيدۇر. بېلىق يېغىنىڭ تەركىبىدە مول ئاكتىپ ئومىگا ئۈچ بولۇپ، بېلىق يېغى يېگەن ئىنسانلار ھايات دېڭىزىدا، ساغلاملىق ئوكيانىدا بېلىق بولاپ ئۈزەلەيدۇ، ئومىگا ئۈچسىز ساغلاملىق كېمىسى تىتانىكتەك دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا چۆكۈپ كېتىدۇ. يۇرەك - قان تومۇر كېسەللىكلەرنىڭ جىقى قاندىكى ياغلارنىڭ يۈكسەك بولۇشتىن ئەمەس، كۆپ شېكەرلىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن مەيدانغا كېلىدۇ. بەدەن ھەركۈنى 2500 مىللىگرام خولېستېرىن ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، يېگەن ياغلار قاندىكى خولېستېرىنى يۇقىرلاتمايدۇ، دەل ئەكسىنچە يېگەن شېكەر قاندىكى ترى گلىتسېرىد نى يۈكسەلتىدۇ. خولېستېرىن بەدەندە يۈكسەك بولىشى دېمەك ئەزالاردا داتلىشىش، ئورگانلاردا قېتىشىش بار دېمەك بولۇپ، بۇ يەردە خولېستېرىننىڭ يۈكسىلىشى سەۋەپ ئەمەس نەتىجەدۇر. خۇددى مىكروبتىن كېيىن قىزتمىمىز چىققانغا ۋە سەۋەب قىزىتما ئەمەس مىكروب بولغانغا ئوخشاش، خولېستېرىن « مىكروب » ئەمەس، قوغدىغۇچى تەركىب. قىزىقارلىق بولغىنى قان - تومۇرلارنىڭ توسۇلىشنىڭ تولىسى قان خولېستېرىن نورمال ئىنسانلاردا مەيدانغا كېلىدۇ.  داڭلىق Framingham تەتقىقاتىدا، قان خولېستېرىن قىممىتى 1 مىللىگرام تۆۋەن بولغانلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى 11 پىرسەنت يۇقىرى بولغانلىقى بايقالغان. 1

« ۋىتامىنسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى » دېگەن يازمىدا تەكىتلەنگەندەك ۋىتامىنلار ساغلاملىقىمىزنىڭ  ئۇلتېشى بولۇپ، ۋىتامىنلار ئەگەر بەدىنىمىز تەرىپىدىن شۈمۈرۈلۈپ، ئۆزىگە خاس قوبۇل قىلغۇچىلار بىلەن باغلىنىپ ھۈجەيرە ئىچىگە كىرمىگەن تەقدىردە، رولىنى جارى قىلدۇرالماي، چوڭ تەرەتكە ئايلىنىپ قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق قايتىپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەم ۋاقتىمىز، ھەم پۇلىمىز، ئەڭ مۇھىمى ساغلاملىقىمىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ۋىتامىن A ، D ، E ، K قاتارلىق ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ياغ مەۋجۇت بولمىغان تەقدىردە شۈمۈرۈلمەيدۇ ۋە فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا تەبئىي ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋان يېغى ئىستېمال قىلماستىن ۋىتامىنلار ئىشقا يارىمايدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ياغلار ئەسلىدە مايلىق ۋىتامىنلاردۇر. بۇ سەۋەبلىك تەبئىي ياغ ئىسېىمال قىلغانلاردا يۇقىرىدىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلاشقا ئېھتىياج قالمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسى، كۆزى ، كۆرۈش ئىقتىدارى، سۆڭىكى ۋە قان- تومۇرلىرى ئاسان كاردىن چىقمايدۇ.

خولېستېرىن تىنىمىزدىكى جىنسىي  ھورمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھورمونلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، جىگەردە خولېستېرىن ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن ھەرخىل ئېنزىملارنىڭ تەسىرىدە گلۇكوكورتىكوستېروئىد (glucocorticoid )، پروگېستېرون (progesterone )، ئەركەكلىك ھورمون (androgen ) ۋە چىشى ھورمونلار (estrogen ) غا ئۆزگىرىدۇ. بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرق پەقەت تەركىبىدىكى كاربون ئاتومىنىڭ سانى بولۇپ، مەسىلەن خولېستېرىندە 23 كاربون ئاتومى بار بولسا، پروگېستېروندا 21 ،   ئەركەكلىك ھورموندا 19، چىشى ھورموندا 18 كاربون ئاتومى بار. ئۇنىڭدىن باشقا خولېستېرىن ئىنسان بەدىنىدىكى خۇشاللىق ھورمونى بولغان سېروتونىن ( Serotonin  ) قوبۇللۇغىچلىرىنىڭمۇ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، خولېستېرىن بولماي تۇرۇپ بۇ ھورمونلار ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭا خولېستېرىن ياشلىق باھارىڭىزنى ئۇلغايتىپ، پىسخىكىڭىزنى تەڭشەپ، سىزگە ئائىلە خوشاللىقىنى بەخش ئېتىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، تەبئىي مايلار ھاياتلىقنىڭ تۈۋرۈكى، ساغلاملىقنىڭ ئۇل تېشى، خۇشاللىقنىڭ بېشى. بەدەندە ياغ بولسا، ساغلاملىق باغ بولىدۇ، قازاندا ماي بولسا، چۆمۈچكە ساغلام ئاي چىقىدۇ.  

 

    1. Castelli WP et al, Am J cardiol 63, 12H-19H, 1989

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟