Kayıtlar

2025 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

سەھەرنىڭ مۇجىزەسى

  سەھەر ۋاقتى قىلساڭ تەپەككۈر، ئىلھامى قىلار ھەقنى زاھىر. نۇرى پەردىنى تېشىپ ئۆتەر، شادلىنار قەلب تېپىپ گۆھەر.   بۇ مىسرالارنى خاتىرلىدىڭىزمۇ؟ بۇ مىسرالار ئىزچى « سەھەر تۇر، سەگەك بول » تېمىدىكى 111. يازمىنى يېزىۋاتقان پەيتتە سەھەرنىڭ بەرگەن سوۋغىتى بولۇپ، سەھەر ئىلھامىنىڭ، سەھەردىكى قۇياش نۇرىنىڭ قەلب پەردىسىنى تېشىپ ئۆتكەندىن كېيىن قەغەزگە تۆكۈلگەن دۇردانىلەردۇر. مەزكۇر يازمىدا دېيىلگەندەك « سەھەر ئەسلىدە بىر گۆھەر بولۇپ، سەۋەبى ئۇنىڭ 24 سائەتلىك تۇرمۇش رىتىمىمىز ئىچىدىكى ئەڭ بەرىكەتلىك، ئەڭ ئىلھامغا تولغان سائەت ئارىلىقى بولىشىدۇر. سەھەردە  بەدەن راھەت، ئەتراپ جىمجىت، پىكىر قۇشلىرى ئۇچۇشقا ھازىر، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى تەبىئەتكە تەبەسسۇم بىلەن سالام بەرگەن، ساپ ھاۋا تومۇرلاردىكى قانلارنى كۈۋەجەتكەن، نەپىسلەرنى پەپىلىگەن بىر پەيت بولۇپ، شائىر ئۈچۈن ئىلھام ، پەيلاسوپ ئۈچۈن تەپەككۇر، تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن ھەرىكەت،  ئىنسان ئۈچۈن ئويلىنىش ۋە ئۆزگىرىش ۋاقتىدۇر.  سەھەر ئەينى ۋاقىتتا رىتىملىق ھايات ۋە گۈزەل ئۇيقۇنىڭ مۇكاپاتى بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ بىزگە بەرگەن غى...

قېرىماسلىقنىڭ سىرلىرى

  ئۆلۈم ئۆلمەس ھەقىقەتتۇر! گەرچە ئۆلۈم ھايات گۈلخاننىڭ ئۆچۈش ۋە  تۇرمۇش سەپىرىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئۆلۈم ھاياتنىڭ سىرى ۋە مەناسى بولۇپ، ئۆلۈم بىلەن ھايات يېڭى باشلىنىدۇ. ئۆلۈمنىڭ بۇ ھىكىمىتىنى بىلىش ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا يېڭى مەنا، تۇرمۇشىغا باشقىچە مەزمۇن قاتىدىغان بولۇپ، ئۆلۈم ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش ئىنساننى ئۆلۈمدىن ئۆلۈمسىزلىككە، ئۈمىدسىزلىكتىن ئۈمىدكە ئاپىرىدۇ. ئەمما ئەلمىساقتىن بېرى ئۆلۈمدىن دەرس ئالمىغان ئىنسانلار، ئۆلۈمنىڭ ھىكىمىتىنى ئۆگەنمىگەن ئادەملەر ئۆلۈمنى يوق بولۇش دەپ قاراپ ئۆلۈمدىن قورقۇپ كەلدى. < قورققانغا قوش كۆرۈنەر > دېگەندەك ئۇلار ئۆلۈمدىن قاچىمەن دەپ مىڭ  ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ بولدى. ئۆلمەسلىككە بولغان ئىنتىلىشى بىلەن تارىختىن بۇيان ئۆلمەسلىكنىڭ چارىسى ۋە دورىسىنى تېپىپ چىقىشقا كۆپ تىرىشتى يۇ، ھەممىسى دېگىدەك قەلبىدىكى بۇ چۇڭقۇر ئۈمىدلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما ئىنساننىڭ بۇ نەپسى ھىچ ئۆلمىدى. ھازىرقى دەۋرىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى تەرەققىي قىلغاچقا ئۆلۈمنىڭ قىچىش مۇمكىن بولمىغان بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى بولغا...

ساقلىق ياشتا ئەمەس، باشتا

  ئىنسانلاردا ئومۇمى بولغان خاتا قاراش، ياشنىڭ چوڭىيىشقا ئەگىشىپ ساغلاملىقنىڭ بۇزۇلدىغانلىقى، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ مەيدانغا چىقىپ ھايات سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ، تۇرمۇش لەززىتىنىڭ ئازىيدىغانلىقىدۇر. ھازىرقى زامانىۋى ئەمما بەدەۋىي 1 خەلقنىڭ بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىغا قاراپ باھا بەرگەندە بۇ قاراشنىڭ بەرھەق توغرىدەك كۆرۈنىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق قېرىلىقنى بىر كېسەللىك ۋەياكى كېسەللىك باسقۇچى دەپ تونۇپ قىلىشتۇر. ئالدىنقى <  قېرىلىق > تېمىسىدىكى يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك < قېرىلىقنى جىسمانىي، روھىي ۋە ئىجتىمائىي قېرىلىق دەپ ئۈچكە ئايرىش مۇمكىن بولۇپ، قېرىلىق ئىنساننىڭ بۇ ئۇچ خىل فۇنكىسىيسىدىكى ئاستىلاش، تۇرغۇنلىشىش ۋە بۇزۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر > . بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى بۇ ئۆزگۈرۈشلەر كېسەللىكلەرنىڭ ئەمەس قېرىلىقنىڭ، تەبىئىي ھايات دەۋرىيلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. قېرىلىقتا ئىنساننىڭ ھەرخىل فىزلوگىيلىك فۇنكسىيىسى ئاستىلاپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىشى، كېسەللىكلەرنىڭمۇ قېرىلىقنى ئوتالدۇرۋىتىشى  بەرھەق،...

قېرىلىق

  < ھەر جانلىق ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ !> دېگەن ھىكىمەتكە بىنائەن ئىنساندىن ئىبارەت بۇ بىئولوگىيىلىك - پىسخىلوگىيلىك - ئىجتىمائىي ھايۋانمۇ ئۆلۈم ئاخىرقى نۇقتىسىغا بېرىشتىن ئاۋۋال بۇ قېرىلىق بېكىتىگە بارماي قالمايدۇ. ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر سىناق نۇقتىسىدىن قارىغاندا قېرىلىق ئىنسانغا بېرىلگەن ئېسىل پۇرسەت بولۇپ، بەزى كشىلەر بۇ پۇرسەتكە نائىل بولالماي ، قېرىلىقنى ياشىماي تۈرۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.  قېرىلىق بىر تەرەپتىن قېرىلىقتا مەيدانغا كەلگەن جىسمانىي، روھى، ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەر ۋە بىر ئۆمۈرلۈك ھايات تەجرىبىسى بىلەن  ئىنسانغا ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى خۇلاسە قىلىش ، ھاياتقا قويغان غايىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش، ھاياتنىڭ ھىكىمىتىنى تەپەككۈر قىلىش ، ئۆلۈمگە ھازىرلىنىش، كېيىنكى نەسىللەرگە قالدۇرغىدەك مەنىۋى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئالتۇندىن قىممەت پۇرسىتىنى سۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن ئاۋۋال ئىنسانغا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ئۈچ مەتەمنىڭ ئاخىرقى بىر مەتىمىنى بېرىدۇ. چۈنكى ئىنسانئوغلى دۇنياغا ئادەم يەنى بىر بىئولوگىيىلىك ھايۋان بولۇپ تۇغۇلىدۇ ۋە ھ...

سېمىزلىك ۋە راك

  ئىزچى ھەردائىم تەكىتلىگەندەك سېمىزلىك بىر ياغ راكى بولۇپ، بۇ خىل ئوخشىتىش بىر تەرەپتىن ياغلارنىڭ ۋۇجۇدنىڭ مەلۇم بىر بۆلگىسىگە خۇددى راك ھۇجەيرىسىدەك قالايمىقان، قاملاشمىغان ۋە قانۇنسىز توپلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىسكەتسىز بەدەن شەكلىنى تەسۋىرلەشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سېمىزلىكنىڭ ۋۇجۇتتىكى پۈتۈن راكلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بالا- قازالارنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئىدى. دېمىسمۇ راك ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا بىر تەھدىت بولۇپ، مەيلى ئىنسانىيەتنىڭ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقى بولسۇن، مەيلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ساغلاملىقى بولسۇن ماددىي ۋە مەنىۋىي خەۋىپلەر ئىلىپ كېلىدىغان زامانىۋى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم ساغلاملىق مەسىلىسىدۇر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئۆلۈملەرنىڭ %16 گە راك سەۋەپلىك بولماقتا. 2018- يىلى دۇنيا مىقياسىدا  1 مىليون 760 مىڭ كىشى ئۆپكە راكىدىن، 860 مىڭ كىشى ئۈچەي راكىدىن، 780 مىڭ كىشى ئاشقازان راكىدىن، 780 مىڭ كىشى جىگەر راكىدىن، 620 مىڭ كىشى ئەمچەك راكىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. خەلقئارا راك تەتقىقات ئورگى...