Kayıtlar

2026 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

جانمۇ؟ كانمۇ؟

  ئىنسان يەر يۈزىدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ شەرەپلىك مەۋجۇدات بولۇپ، ئۇ ئالەمدىن ئىبارەت بۇ چەمبەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقاندۇر. بۇ سەۋەپلىك ئالەمدىكى باشقا پۈتۈن ئامىللار، ئىمكانلار، نىزاملار بۇ مەركەزگە خىزمەت قېلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان ۋە تۈزۈلگەندۇر.  يەر ئۈستىدىكى  كۆل - دەريالار ئىنساننىڭ يەر شارىدىكى مەۋجۇدىيەتى ئۈچۈن ئاقسا، يەر ئاستىدىكى كان بايلىقلار ئىنسانلارغا ئىقتسادىي مەبلەغ بولۇش ئۈچۈن ياتماقتا.  دېڭىز - ئوكيانلار ئىنسانلارنىڭ ھۆرىيەتى ئۈچۈن دولقۇنلىسا، ئۆسۈملۈك - ھايۋاناتلارمۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن نەپەس ئالماقتا. يەنى ئادەم ئالەمنىڭ ئەپەندىسى بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا يەر شارى ئاسترونومىيە جەھەتتىن ئالەمنىڭ مەركىزى بولمىغان بىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىن ئالەمنىڭ تام مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ پۈتۈن مەۋجۇدات بۇ يادرونىڭ ئەتراپىدا پىقىرماقتادۇر. ھايۋانلارمۇ ئىنسانلارنىڭ يېقىن دوستى ۋە ياردەمچىسى بولۇپ، بەزى ھايۋان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلىرى مۇبالىغە قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنىڭمۇ ئەپەندىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چۈنكى ئى...

روھ ۋىتامىنلىرى

  روھنىڭمۇ ۋىتامىنى بولامدۇ؟ ئۇنى دورىخانىدا ساتامدۇ؟ دېگەن سوئاللار زېھنىڭىزدە پەيدا بولغان بولسا بۇ يازما دەل بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن يېزىلدى. شۇئان پۈتۈن دۇنيادا بولىۋاتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسى ئۆزگىرىشلەرگە قارىساق، ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھال- ئەھۋالىغا نەزەر تاشلىساق، غەربنىڭ كۆز- كۆز قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تاڭغان ۋەياكى تاڭماقچى بولىۋاتقان مەدىنىيىتنىڭ، ئىدولوگىيسىنڭ، ئىقتسادىي سىستېمىسىنىڭ مەغلۇپ بولۋاتقان ھەقىقىتىنى تەپەككۈر قىلساق، 2026 دە ئىنسانلارنىڭ ئىشىنىڭ قولاي، ھاياتىنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقى كۆرۈلۈپ تۇرماقتا. چۈنكى گەرچە دۇنيادا 200 گە يېقىن دۆلەت بولسىمۇ، يەرشارىلاشقان بىر دۇنيادا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورنى ۋە ئابرويى بىر يېزا- كەنتكە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، بىر دۆلەت يۆتەلسە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تىترەشتىن باشقا دۆلەتلەردە يەر تەۋرىمەكتە.  بىر دۆلەت ھەزىمسىزلىقتىن  كېكىرىپ قويسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قورقىدىن ئىچى سۈرۈپ كەتمەكتە. شۇڭا ئىزچى كۆپ تەكىتلىگەندەك پۈتۈن ئىنسانلار  يەر شاردىن ئىبارەت بۇ ئائىلىدە ئۇرۇ...