ساغلاملىق تۈمەن بايلىق

 ساقلىق، ئىنسان ھەقلىرى ئېچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەق بولۇپ قائىدە بويۇنچە ئېيتقاندا تۇغۇلۇش ئېتىبارى جەھەتتىن تەڭ تۇغۇلغان ھەر ئىنساننىڭ ساغلام ياشاش، بىخەتەر ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش، پاكىز سۇ ئېچىش، ئاغرىپ قالغاندا داۋالىنىش، ساقلىق خىزمەتلىرىدىن ئادىل شەكىلدە پايدىلىنىش ھەققىگە ئىگە. ئەمەلىيەتكە چۆكسەك ئەڭ تەبئىي بولغان بۇ ئىنسانلىق ھەققىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ بايلىق سەۋىيىسىگە ئاساسەن ئادالەتسىز بۆلۈشتۈرۈلگەنلىكىگە ئېچىنىشلىق بىر شەكىلدە شاھىد بولىمىز.  بەزى باي دۆلەتلەردىكى پۇقرالىرىنىڭ يىللىق داۋالاش راسخوتى 5000  دوللاردىن كۆپ بولسا، بەزى كەمبەغەل دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن خەجلىگەن يىللىق خىراجىتى 30 دوللارغا يەتمەيدۇ. دۇنيادىكى باي دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ سالمىقى%20  بولسىمۇ، ساغلاملىق ئۈچۈن خەجلەۋاتقان پۇلى پۈتۈن دۇنيا داۋالاش راسخوتىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلماقتا .  بۇنىڭ نېمىسى ئادالەت؟! نېمىسى ھەققانىيەت؟!

بۈگۈن 7.5 مىليارد كىشى بولغان بۇ چوڭ  ئىنسانلىق ئائىلىمىزدە، بىر ئاتىدىن، بىر ئانىدىن تۆرەلگەنلىكىمىزنى جار سېلىۋاتقان بۇ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە، بىر قىسىم ئادەملەر كۆپ يەپ، كۆپ ئىچىپ توقلۇقتىن كېكىرىپ ئۆلۈۋاتقان بولسا، ھەر كۈن 27000 كىشى ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە. ھېچقانداق ئىرقى، سىياسى، پىكىرى كىملىكى بولمىغان شۇ نارسىدە بالىلاردىن ھەر 10 سېكۇنتتا بىر بالا ئاچلىقتىن ھاياتقا كۆز يۇمماقتا. ھەر يىل 140 مىڭ  ئىنسان پاكىز سۇغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن جان بەرمەكتە. بۇنىڭ نېمىسى  ئىنسانلىق؟! نېمىسى قېرىنداشلىق؟!

بۇلارغا قاراپ باي دۆلەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز نەقەدەر تەلەيلىك بىز دەپ كۆرەڭلەپ نادانلىققا مۇپتىلا بولۇپ قالمىسۇن. چۈنكى نەقەدەر باي دۆلەتتە ياشىسىڭىز ياشاڭ ساغلاملىق چىقىمىنىڭ ئوتتۇرچە %50 نى دۆلەت، %35 نى سىز ئۆزىڭىزنىڭ يانچۇقىدىن تۆلەيسىز.  ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالاش راسخوتىدىكى ئۇ قەدەر ئارتىشلار باي دۆلەتلەرگىمۇ يۈك بولۇشقا باشلىدى ۋە دۆلەتلەرمۇ بەزى سىنىپ پۇقرالاردىن زېرىكىشكە باشلىدى. 2013-يىل ياپونىيىنىڭ ئىجتىمائىي ساغلاملىق راسخوتى بىر تىرىليون دوللارنى ئاشقانلىقىغا چىداپ تۇرالمىغان ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە مالىيە مىنىستىرى Taro Aso دۆلەتنىڭ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن ياشانغان ۋەتەنداشلىرىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆلۈشكە ئۈندىدى! بۇنىڭ نېمىسى بايلىق؟! نېمىسى پۇقرالىق ؟!

شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى باشقىلارنىڭ ئادالەت تۇيغۇسىغا، ئىنساپىغا، ھەتتا بىر دۆلەتكە ھاۋالە قىلىپ قويغىلى بولمايدىغان ھەققىمىز ۋە بايلىقىمىز. بۇ ھەققىمزنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ بايلىقىمىزنى قوغداش ئۆزىمىزنىڭ ئىلكىدە. پەقەت بۇ بايلىقىمىزغا بولغان تونۇشىمىزنى، بۇ نېمەتكە بولغان ئىڭىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساغلام ياشاشنىڭ پەلسەپىسىنى ئىگەللەپ ئەمەلىي ھاياتىمىزغا تەدبىق قىلساق، ئاغرىق- سىلاقتىن چۈشكۈنلەشكەن روھى كەمبەغەللىك ۋە داۋالاش راسخوتى ئۈچۈن باشقىلارغا قول ئاچقان جىسمانىي دىۋانىلىقتىن قۇتۇلۇپ ھەم مەنىۋى ھەم ماددىي جەھەتتىن بايلارغا ئايلىنىمىز. ھەكىم ئىزىنىڭ مەقسەت- مۇدداسىمۇ ساغلاملىق جەھەتتە خەلقىمىز باشتا بولۇش بىلەن بىرگە پۈتۈن ئىنسانلىقنى مىلياردېر قىلماق.  بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ دەپ پىچىرلىغان تىۋىشىڭلارنى تىڭشىغاندەك بولدۇم. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرىپى مەۋجۇت.

شەخسىي جەھەتتىن ، ھەركىم ساغلاملىق ئىڭىنى ئاشۇرۇپ، ساغلاملىقنى قوغداشنى كېسەللىكنى داۋالاشتىن مۇھىم بىلىپ، ساغلاملىقنىڭ قەدرىگە يىتىپ ئۇنى ئاسىراش، بۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەكتە تەبىئىيلىك پرىنسىپىدىن ۋاز كەچمەي، تەبىئىي تۇرمۇش ئەندىزىسىنىڭ بىر داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش لازىم. بۇلارنى ئورۇندىغان تەقدىردە ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىمىز.

ئىجتىمائىي جەھەتتە، ئىنسانلار بۇ شەخسى ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىقتىساد قىلىنغان پۇللار بىلەن بىر ساغلاملىق فۇندى قۇرۇپ چىقسا، بۇ مەبلەغ بىلەن دۇنيادىكى ئۆلۈملەرگە دورا، ئىنسانلىق ئەيپىگە مەلھەم، ئىجتىمائىي پالاكەتلەرگە چارە بولغىلى بولىدۇ. بۇ قانچىلىك پۇل؟ دەپ سورىسىڭىز، كېسەللىكلەرنىڭ %80 دىن كۆپى ئىنسانلارنىڭ ساقسىز ھايات قېلىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، تەبىئىيلىك پەلسەپىسى بىلەن ھايات ئۇسۇلىمىزنى تۈزەتسەك، ۋە بۇنى %1 ئىنسان ئەمەلگە ئاشۇرالىدى دەپ پەرەز قىلساق، دۇنيا داۋالاش راسخوتىنىڭ %1 نى يەنى 70  مىليارد دوللارنى ئىقتىساد قىلىمىز! ئەگەر بىر كىشى كۈندە 100 دوللار ئىقتىساد قىلسا بۇ 70 مىليارد دوللارنى يىغىش ئۈچۈن 1917790 يىل كېتىدۇ، بىر كىشى 100 يىل ياشىسا ھەر كۈن 100 دوللار خەجلىدى دېسەك بۇ پۇل 19110 نەسىلگە يېتىدۇ. شۇڭا بەدىرىددىن ھىلالىي دېگەندەك:

ساقلىق كەبى ئەسلا ھېچ دۆلەت بولماس ،

زەئىپلىك، سۇسلۇقتەك زور مېھنەت بولماس.

            

       دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى